ئاستىن رامزىي: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى يوقاتماقچى!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسىدىكى ئالاقىدار گۇرۇپپىلارنىڭ بۇ جايلارغا كېلىپ لاگېرلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلدى. دەرۋەقە خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتىپ بەرگەن تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مول مەدەنىيەت تۇرمۇشى» نى كۆرگەن بۇ كىشىلەر بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر «كۇرسانتلار» نىڭ زورىغا كۈلۈشلىرى، ئۇلارنىڭ بۇ «مەكتەپ» لەردىن قانچىلىك رازى ئىكەنلىكى ھەققىدە زوق-شوق بىلەن سۆزلەشلىرى، شۇنىڭدەك ئۇلارغا تاپ بېسىپ سوڭدىشىپ مېڭىۋاتقان خىتاي كادىرلارنىڭ قىياپەتلىرىدىن نېمىلەرنىدۇر سەزگەندەك بولدى.

مانا مۇشۇ ئەھۋاللار ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىشقا باشلىغاندا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئاستىن رامزىي ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان زور ھەجىملىك ماقالىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ساھەلەردە ئۇتۇق قازانغان، كۆزگە كۆرۈنگەن ياكى ئەلنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغانلىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ھەرقاندىقى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ بۇ قاتاردا قۇربان مامۇت، راھىلە داۋۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق تىپىك شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان غايەت زور كۆلەملىك بۇ تۇتقۇننى ئالاقىدار ساھەدىكى زاتلار بىردەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۆز ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەڭ زور سىگنالى، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى، شانلىق تارىخى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتى دەل مۇشۇ زىيالىيلارنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنياسىدا ئۆزگىچە بىر مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىممۇتلەق سىستېمىسىدا بۇ خىل مەۋجۇتلۇقنىڭ داۋام ئېتىشىگە ئانچە كۆپ بوشلۇق بېرىلمەيدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىم تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك مۇشۇ خىل توقۇنۇش نۇقتىسىدىكى «نىشان» لارغا ئايلىنىپ قالغان. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ خوڭكوڭدىكى خادىمى مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئالىي ئۇنۋان ئالغان زىيالىيلار، تەبىئىي پەندە ئۇتۇق قازانغان ئالىملار، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىرى دېگەنلەرنىڭ ئوخشاشلا ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› نامىدىكى ئورۇنلارغا قامىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئۇيغۇرلارغا ھۈنەر ئۆگىتىۋاتىمىز› دېگەنلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئەڭ يارقىن نامايان قىلىدۇ،» دەيدۇ.

ئاستىن رامزىينىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى سەرخىللەرنىڭ توپ-توپى بىلەن لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىشى راھىلە داۋۇتتەك ھېچقاچان سىياسىي بىلەن ئېيتىشمىغان كىشىلەرنىمۇ ئاياپ قويمىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدۇن نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىدىيەۋى سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئۇيغۇردىن كېلىدىغان ‹تەھدىت› ۋە كىشىلەرنىڭ ساداقىتىنى باھالاشتا ئۆزلىرىنىڭ ‹ماتېماتىكىلىق يىغىندا› شەكلىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تېزلا تونۇپ يەتتى. ئۇلار مۇشۇ خىل ماتېماتىكىلىق يىغىندا ئارقىلىق ئورۋېلچە شەكىلدە بۇ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتتى. ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنى مىسال كەلتۈرەلەيمىز. ئەنە شۇ تەرىقىدە ‹تۆۋەن نومۇر› ئالغان بۇ كىشىلەر بىردەك لاگېرلارغا يوللىنىۋاتىدۇ. ئۇ جايلاردا بۇ كىشىلەر تولىمۇ قەبىھ شەكىلدىكى ‹ئىدېئولوگىيەلىك قايتا قۇرۇش› نى باشتىن كەچۈرمەكتە. مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پىلانى ئەنە شۇنۇڭدا.»

نۆۋەتتە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرغىچە ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى يول قويغان دائىرىدە ئۆز ئىزدىنىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان كىشىلەر بولۇپ، ئاپتورنىڭ قارىشىچە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك مىساللارنىڭ بىرى ئىكەن. ئەمما مۇشۇنداق «يولدىن چىقماي» كېتىۋاتقان زىيالىيلارنىڭمۇ لاگېرغا مەھكۇم بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سۆز قىلغان ئەنگلىيەدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى رەيچېل خاررېس «بۇ ھادىسىنى غەرەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىسىدىن مەھرۇم قىلىش سىياسىتى، دېيىشتىن باشقا نېمە دەپ چۈشىنىش لازىملىقىنى بىلمىدىم،» دەيدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىش ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنى يوق قىلىش قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى بەش قولدەك ئېنىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى بۇ تۇتقۇن ھەرىكىتى ئاللىقاچان دىنىي ساھەدىكى كىشىلەرنى قولغا ئېلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. شۇڭا ھازىر بىز كومپارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتا ئۆز ساداقىتىنى دېگەندەك ئىپادىلىيەلمىگەن كىشىلەرنىڭ، ھازىرقى تۇتقۇن ھەرىكىتىگە ياخشى ماسلاشمىغان كىشىلەرنىڭ، ئاتالمىش ‹ئىككى يۈزلىمىچى› ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. چۈنكى بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا كومپارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ‹يېتەرلىك› دەرىجىدە ھىمايە قىلمىغان. يەنە كېلىپ ھازىر چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغان كىشىلەرمۇ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. دېمەك، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى تۇتقۇننىڭ دىنىي سەۋەبتىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.»

ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ھادىسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1949-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغال قىلغاندا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىرەك بولغان 1930-يىللاردىكى زور باستۇرۇشتا بىر قېتىم كۆرۈلگەن. چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرشۇناس ئۆندرېي كلېمىس بۇ ھەقتە توختىلىپ «مۇشۇ يوسۇندا سەرخىللەرنى يوقىتىۋەتكەندە بىر پۈتۈن مىللەتنى باشقۇرۇش ئوڭايغا چۈشىدۇ. ھاكىممۇتلەق سىستېما بەرپا بولغان ھامان ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى زىيالىيلارنى يوقىتىش» دەيدۇ. رېيچىل خاررىسنىڭ پىكرىچە، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق چۈشىنىشتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىق ھەمدە ئۇنىڭ شولىسىدىكى «چوڭ شاھمات تاختىسى» نى نەزەرگە ئېلىش مۇھىم ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەرگە شى جىنپىڭنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا ئۆزىنىڭ مۇتلەق كونتروللۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسى، شى جىنپىڭنىڭ پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتۇش خاھىشى، شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ ئۇ باش بولۇپ ئىجرا قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىكى پەۋقۇلئاددە ئورنى قاتارلىق كەڭ دائىرىدىكى مەزمۇنلار بويىچە قارىشىمىز لازىم، دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونى مەزكۇر ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق رايون. شۇڭا بۇنداق بىر رايوندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە بۇنىڭغا قارشى بولۇشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق ئامىلنى يوق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر.»

يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيسىنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى بەزىلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇزۇش ئۇرۇنۇشى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زورلاش ھەرىكىتى» دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق بولغان زورلاش چارىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن. ئەمما پروفېسسور گاردنېرنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانداق ۋاسىتىنى ئىشقا سېلىشىدىن قەتئىينەزەر زورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇپ بولىدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمما مېنىڭچە، بۇنىڭ نەتىجىسى دەل ئەكسىچە بولىدۇ. بۇ بولسا مۇنداق ئىككى خىل شەكىلدە بولۇشى مۇمكىن: بىرى، لاگېرنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر بۇ ھالنى كۆرگەندىن كېيىن يۈرەكئالدى بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى قورقۇنچ چىرمىۋالىدۇ. ئەمما بۇ ئۇلارنى ھۆكۈمەتنى ياكى ھازىرقى ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ، دېگەنلىكتىن بېشارەت بەرمەيدۇ. ئىككىنچىسى، لاگېرغا قامالغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى روھىي جەھەتتىن بەكمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ كېتىدۇ. بۇ زەربىنىڭ تەسىرى بەلكىم ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھايات مۇساپىسىگە ياندىشىپ كېلىشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ بۇ زەربە سەۋەبىدىن بىر قاتار نورمالسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ھۆكۈمەت بولسا بۇ كىشىلەرنى ‹قۇتقۇزۇۋالغانلىقى› ياكى ‹قوغداپ قالغانلىقى› ھەققىدە ۋەز ئېيتىدۇ. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا دىندار كىشىلەردىن گۇمانلىنىش، سىياسىي قاراشقا ئىگە كىشىلەردىن گۇمانلىنىش، زورلۇق شەكلىدە ئىنكاس قايتۇرغانلاردىن گۇمانلىنىش ئەۋج ئالغان بولسا ئەمدىلىكتە تولىمۇ غەيرىي ۋە يېتەكچى ئىدىيەسى خاتا بولغان سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇ سىياسەتلەر كىشىلەرنىڭ تەشەككۈرىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ ئاقىۋەت مەغلۇپ بولۇشتىن باشقا نەتىجە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىلى ئوبلاستلىق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى مەسۇمجان مەمۇرنىڭ «‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر› نىڭ ۋارىسىنى كېسىپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلاش، مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش لازىم،» دېگەن شوئارى بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك بايانات بولماقتا ئىكەن.