ئەركىن ئەكرەم: خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىتى خىتايغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ
2015.05.13
ئىستانبۇلدىكى بىر يىغىندا خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەڭ تەڭپۇڭسىز ۋە قەرزى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئىقتىساد چۆكسە، خىتاينىڭ ئاسانلا گۇمران بولىدىغانلىقى، بۇ خەۋپىنى ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسەتلەر تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
بۇ سۆزلەرنى 2015 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى زەيتۇنبۇرنۇدا چاقىرىلغان «كۈچىيىۋاتقان خىتاي نېمە قىلالايدۇ؟» ناملىق يىغىندا لېكسىيە بەرگەن تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، «شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئۇنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان» لىقىنى كۆرسەتتى.
يىغىننى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان.
بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
لېكسىيىدە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.
ئاندىن ئوبرازلىق رەسىم ئارقىلىق خىتاينىڭ 100 يىل بۇرۇن غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى بىلەن ھازىر چوڭ بىر ئەجدىھاغا ئايلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقى سېلىشتۇرۇلۇپ چۈشەندۈرۈلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تونۇشتۇردى ۋە خىتايدىكى تەرەققىيات تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ۋە سېلىشتۇرما رەسىملەر بىلەن چۈشەندۈردى.
ئاندىن «كۈچىيىۋاتقان خىتاي نېمە قىلالايدۇ؟» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى.
ئەركىن ئەكرەم يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا نېمە قىلغان بولسا شۇنىڭغا قارشى ھالدا بانكا، تەشكىلات، سودا رايونى، ئىقتىسادىي سىستېما قاتارلىقلارنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ NATO غا قارشى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرغانلىقى، «ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى» غا قارشى «ئاسىيا ئۇل مۇئەسسەسە مەبلەغ بانكىسى» نى قۇرغانلىقى قاتارلىق ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈردى.
ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئامېرىكىنى سىرتتا قالدۇرۇپ ياۋروپا ۋە خىتاي بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان قورۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە، مەيلى قۇرۇقلۇق، ياكى دېڭىزدىكى يىپەك يولى بولسۇن، ھەممىسىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى خەرىتە ئارقىلىق شەرھلەپ بەردى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خاتا مېتود قوللىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. خىتاينىڭ دېڭىزدىكى يىپەك يولىنىڭ مەيلى بېرما ئارقىلىق بولسۇن، ياكى پاكىستان ئارقىلىق بولسۇن خەتىرىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، خىتاي تاشقى سودىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئامېرىكا بىلەن قىلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، خىتاي خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىسىز ھەل قىلالمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنسە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىستراتېگىيەسى داۋام قىلالمايدۇ. خىتاي، ئامېرىكا ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئۇرۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن يۈرگەندە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي تېخنىكا جەھەتتە ئامېرىكىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، خىتاينىڭ دۇنيانى جەلپ قىلىدىغان يۇمشاق كۈچى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى يوق. خىتاي دۇنيادا تەشۋىق قىلىۋاتقان «كۇڭزى تەلىماتى» مۇ ماھىيەتتە دىكتاتورىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇپ، غەربنىڭ دېموكراتىيە ئىدىيىسىگە زىت كېلىدۇ.
تۆتىنچىدىن، خىتاي ئىچكى زىددىيەتكە تولۇپ كەتكەن. بىز بىلىدىغان ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى خوڭكوڭ قاتارلىق رايونلار ئۆزلىرىنى خىتايغا تەۋە دەپ ھېسابلىسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى خىتاي مىللىتى دەپ ھېسابلىمايدۇ ھەم بۇ زىددىيەت بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشمەكتە.
ئەركىن ئەكرەم ئاخىرىدا، «خىتايغا قارشى تۇرۇشتا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى. ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا سەھنىدە سىياسىي كۈرەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن چوقۇم خەلقئارالىق سىياسىي ئاڭغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.