«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم ۋە قارارلار تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

0:00 / 0:00

ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋە شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 13-سېنتەبىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بۇ يىل 12-ئايدا ھۆكۈم چىقىرىدىكەن. تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، مەزكۇر سوتتىن چىققان قارارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەمما كۆپ قىسىم ئانالىزچىلار مەزكۇر سوتنىڭ قارارىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بارلىق ئىسپاتلار تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر سوتنىڭ بىتەرەپ شەكىلدە ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قانداق بىر قارار چىقىرىشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، مەزكۇر سوتنىڭ خىتاي ئۈستىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگەۈزدى دەپ ھۆكۈم چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئامېرىكا قاتارلىق 7 دۆلەت پارلامېنتى بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ئىدى. تۈركىيەدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ قارارلارنىڭ سىياسىي قارارلار ئىكەنلىكىنى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» چىقىرىدىغان قارارنىڭ تېخىمۇ تەسىرلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىن چىقىدىغان قارارنىڭ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زور تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاي ئۈستىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم چىقارسا، ئۇيغۇرلارغا زور پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، خىتايغا نىسبەتەن قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئەمەلىي بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بۇ يىل 12-ئايدا چىقىرىدىغان قارارنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنىڭ پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى بۇ ھەپتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لوندوندىكى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نى ‹قانۇنسىز سوت› دەپ ئاتىشى پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ. بۇ سوتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى سىستېمىلىق ھالدا ھۆججەتلەشتۈرۈلىۋاتىدۇ. بۇ سوت خەلقئارا قانۇنغىمۇ مۇۋاپىق، كېلەچەكتە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بۇ ۋەھشىلىكلىرى كېلىدۇ».

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن بارلىق گۇۋاھچىلارنىڭ يازما گۇۋاھلىقلىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىننىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يۇتۇب قانىلىدا ساقلانغان.