خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە «ئۇيغۇر» نامى قانداق غايىب قىلىندى؟
2022.12.27
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ياكى ئاممىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە «ئۇيغۇر» نامىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش بارا-بارا ئومۇملىشىشقا باشلىدى. مەيلى خىتاينىڭ «خەلق تورى» بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىسى بولغان «تەڭرىتاغ تورى(يەنى ئاتالمىش تيانشان تورى)»، «شىنجاڭ گېزىتى» بولسۇن، «ئۇيغۇر» نامى كۆپىنچە ھاللاردا «چۈشۈپ قالغان» يازمىلار كۆزگە دائىم چېلىقىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ ئورگان تور بەتلىرىدە قائىدە بويىچە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىلىشى كېرەك بولغان سۆزلەردە، ئۇيغۇر نامىنىڭ «چۈشۈپ» قېلىشىمۇ بىنورماللىق ئىچىدىكى نورماللىققا ئايلىنىپ قالدى. ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىرقانچە قېتىملىق باياناتلىرى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى» ۋە باشقىلارنىڭ باياناتلىرى ۋە بايانات ئېلان قىلغۇچى خىتاي باشلىقلىرى ھەمدە پارتكوم سېكرېتارلىرى، مۇئاۋىن سېكرېتارلىرىنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرىدىمۇ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونپوم رايونى» دىكى «ئۇيغۇر» مىللىتى نامى ئىشلىتىلمىدى. مۇتلەق كۆپ ھالدا «شىنجاڭ» دېيىلسە، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر سۆزىنى تاشلىۋېتىپ «ئاپتونوم رايون» دەپلا قويۇلدى. ھەتتا ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا ئېنىق قىلىپ «شىنجاڭدا 56 مىللەت ياشايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ شۇلارنىڭ قاتارىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت» دەيدىغان سۆزلەر كەڭ تەشۋىق قىلىندى.
ئەسلىدە 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندا بۇ جايدا %5 كە يەتمەيدىغان خىتايلار بار ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى %75 تىن يۇقىرى ئىدى. خىتايلار ئۆزى ئازسانلىق مىللەت ئىدى. ھازىر ئۇلار ھەسسىلەپ كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلمەكتە. ئېنىقكى، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق مىللەت ئەمەس، خىتايلار ئۆزلىرى بۇ جايدىكى ئازسانلىق مىللەتتۇر.
ئۇ ھالدا بۇ خىل «چۈشۈپ قېلىش» لار تاسادىپىيلىقمۇ ياكى بۇنىڭ ئارقىسىدا بىرەر قەستەنلىك ۋە مەۋقە مەۋجۇتمۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتى 1955-يىلى ئۇيغۇرلارغا پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا ئۆزى ئېتىراپ قىلغان «ئاپتونوم رايون» ھەققىنى بەرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. گەرچە بۇ ھەققە ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ھەقىقىي مەنىدىن ئېرىشىپ باققان بولمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتى خىتايدىكى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەسى بولغان بىر مىللەت دەپ قارىلاتتى. يېقىنقى يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىدىكى دەپسەندىچىلىكلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئەمما خىتاي خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇراش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى قانداقتۇر «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكاللىق» تىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە ئارتىپ قۇتۇلماقچى بولۇشتى. ئەمما، خىتاينىڭ تەرەققىياتى مۇقەررەر يوسۇندا، خەلقئارا بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى دۇنيا ئەھلىنىڭ كۆرۈپ يېتىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىگە ئايلانغانىدى. مانا ئەمدى «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى ئاستىدىمۇ يوشۇرۇپ قېلىش ئىمكانى بولمىغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتا تېخىمۇ ياخشى چارە، ئۇيغۇرلارنى تېز سۈرئەتتە «جۇڭخۇا مىللىتى» غا ئايلاندۇرۇۋېتىش، بۇ ئارقىلىق مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولاتتى.
ئەمەلىيەتتە خىتاي ئىچىدە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى بىكار قىلىش ھەققىدە مىش-مىش پاراڭلار 90-يىللاردىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، 2000-يىللاردىن 2010-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ مەسىلە خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا خېلىلا ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرە قىلىنىدىغان تېمىغا ئايلانغانىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلىرىدىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇ ئەنگاڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى بىكار قىلىش، خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى دەپ كۆرسەتكەنىدى. گەرچە شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خۇ ئەنگاڭنىڭ مىللەتلەرنى «جۇڭخۇا مىللىتى» داش قازىنىدا ئېرىتىپ بىر گەۋدە قىلىش تەكلىپىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلدى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى نىشانلىق ۋە پىلانلىق شەكىلدە شالاڭلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىش، ئۇيغۇرلارنى ئارىلاش ئولتۇراق رايونلىرىغا كۆچۈرۈش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا «ياردەم» نامىدا يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ئامال بار يوقىتىپ، خىتايچە ئادەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا زورلاش. . . . . . لارنى ئېلىپ باردى. داڭلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئادرىئان زېنزنىڭ 2021-يىلى ئېلان قىلغان «نەنكەي دوكلاتى» دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىكى تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى شالاڭلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ۋە يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ، ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق ئاشكارىلانغانىدى.
ئۇنىڭدىن سىرت، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ بىر قېتىممۇ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى كىشىنى تېخىمۇ گۇمانغا سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە 20-قۇرۇلتاي بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى دۆلەت سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر يىغىندۇر. خىتاينىڭ ئاۋۋالقى 19-قۇرۇلتاي، 18-قۇرۇلتاي ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پارتىيە قۇرۇلتايلىرىدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ئىزچىل تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن. ئەمما بۇ سۆز 20-قۇرۇلتايدا بىر قېتىممۇ تىلغا ئېلىنماسلىقى ئەلۋەتتە سەۋەبسىز بولماسلىقى مۇمكىن.
شى جىنپىڭنىڭ 20-قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ زامانىۋى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلىق بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېيىلگەن. شى جىنپىڭ ياكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى نەزىرىدىكى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلىق» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى، خىتايچە ئالاھىدىلىكتىكى زامانىۋى دۆلەت دېگەنلىكتۇر. بۇ يەردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇش، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ياكى تىبەتكە ئوخشاش مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە، خىتايدىن پەرقلىق تىل، مەدەنىيەت ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن روياپقا چىقىدىغان ئارزۇ ئەمەس! پەقەت ئاتالمىش «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» ئەمەلدىن قالغاندىلا، ئاندىن خىتاينىڭ ئارزۇسىدىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر دۆلەت رەسمىي يوسۇندا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۇ ھالدا، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يوقىتىدىغان ئۇسۇل، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەگە ئېھتىياج قالمايدىغان بىر مۇھىتنى بەرپا قىلىشتۇر. بۇ مۇھىت دەرۋەقە، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكىگە سىڭىپ كەتكەندىلا ئاندىن ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىدۇ.
دېمەك، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەسلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكلەر، ئاتالمىش ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر نامىنىڭ ئەتەي چۈشۈپ قېلىشلارنىڭ مۇئەييەن باغلىنىشى بارلىقى ئاشكارا.
شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىدە ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان سۆز بولسا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىش» تۇر. شۇنداقلا بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن «مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تىن ئىبارەت. مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتى» بەرپا قىلىش دېگەنلىك، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» نامىدىكى خىتاي كىملىكىگە سىڭدۈرۈۋېتىش دېگەنلىكتۇر. خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلانىنىڭ مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى» دىمۇ بۇ نوقتىلار ئېنىق تەكىتلەنگەن.
شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر نامىنى ئىستېمالدىن چىقىرىۋېتىش غەرىزى، ئۇيغۇرلارغا «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكىنى زورلاپ تېڭىشلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر نامىنىڭ «غايىب بولۇشى» بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى پىلانلىق، ۋاسىتىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.