ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: «خىتايغا بولغان نارازىلىق ئۇيغۇرلارنى سۈرىيە ئۇرۇشىغا باشلاپ كىردى» 1
2017.12.26

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇنداق ماقالىلەرنىڭ بىرى 22-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. سۈرىيەدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش نەتىجىسىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىشتىكى سەۋەبلىرى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گېررىي شېخ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك ۋە تەقىب سىستېمىلىرى ھەم شۇنداقلا «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككىنچى پارچە خەۋىرىنى سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇر قوراللىقلىرىغا بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دەپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ھەقىقەتلىكىنى تەستىقلىغان بولدى»، دېدى. ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر بۇ ماقالىنى تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىدى ۋە بىر ئېغىزدىن بۇ خەۋەر ماقالىسىنى بۇ ھەقتە تۇنجى قېتىم ناھايىتى ئەتراپلىق، تولۇق يېزىلغان بىر ماقالە دەپ باھالىدى. بىز تۆۋەندە گېررىي شېخنىڭ «خىتايغا بولغان نارازىلىق ئۇيغۇرلارنى سۈرىيە ئۇرۇشىغا باشلاپ كىردى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىكى مەزمۇنلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئۇنىڭ ماقالىسى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە نامايىشقا قاتناشقانلىق گۇمانى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەقىبىگە ئۇچرىغان ئېلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى بىلەن باشلىنىدۇ :
«ئېلىنىڭ قەشقەردىكى ئۆيىگە ساقچىلار چۈشتىن كېيىن باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى. ساقچىلار پۈتۈن ئۆينى ئاختۇرۇپ ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدىن قۇرئان ۋە سوئال-سوراق ھەققىدىكى ئىككى پارچە كىتابنى تېپىپ چىققاندا ئۇنىڭ قورقۇپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئېلى ئۆزىنىڭ بالاغا قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. شۇ كۈنى كېچە ساقچىلار ئېلىنى دەرەخكە باغلاپ قويۇپ، ئۇنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىغا ئىقرار قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئۇلار ئېلىنىڭ يۈزىگە تاماكا ياقتى. ئۇنى ئۇيقۇسىز قويدى. ئۇنىڭغا تۇزلۇق سۇ بېرىپ، ئۇسسۇز قويدى. پاكىز سۇ تەلەپ قىلغىنىدا بولسا، سۇنى چىلەكلەپ بېشىغا تۆكتى. 2009 -يىلىدىكى ئەنە شۇ سوغۇق قىش كېچىسى ئېلىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قولىغا كالاشنىكوۋنى ئېلىپ جىھادنىڭ قارا بايرىقى ئاستىدا، ئەمما قەلبىدە بولسا بىر كۈن ۋەتىنىدىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارزۇسى بىلەن ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا سەۋەبچى بولدى. 2013 -يىلىدىن بېرى مىڭلىغان ئۇيغۇر سۈرىيەگە بېرىپ تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى قارمىقىدا تەربىيەلىنىپ، ئەل-قائىدە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشتى ۋە بەلگىلىك خىزمەت كۆرسەتتى. سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەدنىڭ قىسىملىرى 6 يىل داۋام قىلىپ نەتىجىلىنەي دەپ قالغان ئۇرۇش داۋامىدا مانا بۇ ئۇيغۇر قوراللىقلىرى بىلەن كۈرەش قىلدى. ئەمما سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلىشىشى دېمەك بەلكىم خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قايغۇسىنىڭ باشلىنىشى دېمەك بولۇشى مۇمكىن»
مۇخبىر ماقالىسىدە ئېلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ :
«ئائىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى دەپ بېرىشنى رەت قىلغان ئېلى ماڭا ‹بىز ئۇ يەردە ئۇرۇش قانداق بولدى، ئەسەد دېگەن كىم دېگەنلەر بىلەن كارىمىز بولمىدى. بىزنىڭ نىيىتىمىز پەقەتلا قورال تۇتۇشنى ئۆگىنىپ، خىتايغا قايتىش ئىدى› دېدى».
ئاپتور بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قانچە قېتىم زوراۋانلىق تېررورلۇق تۈسىنى ئالغان ۋە ئاساسلىق ساقچى ئورگانلىرىنى نىشان قىلغان بەزى ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقتىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ خەلقئارا جىھادچىلىققا مۇناسىۋەتلىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنىڭ جىھادچىلىق بىلەن يۇيۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ماقالىسىنى يەنە تۆۋەندىكىدەك داۋاملاشتۇرغان :
«بىزنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىمىزنىڭ خىتايدىن چىقىپ سۈرىيەدە تەربىيەلىنىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان 9 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقتۇر سۈرىيەدە جىھاد چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان باشقا قوراللىقلار بىلەن ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقى نامايان بولدى. ئۇلار ئارىسىدا ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن سۈرىيەگە كەلگەن بىر ساقچى مۇئەللىمى بار ئىدى. ئەل-قائىدە قاتارىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىلەن رادىكال ئىسلام ئىدىيەسىنى قارشى ئالمايدىغان بىر دېھقان بار ئىدى. 5 ۋاق نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغان ۋە كېچىدە باشقىلار بىلەن ئولتۇرۇپ يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش تارىخىنى ئۆگىنىدىغان بىر دۇكاندار ۋە شۇنداقلا 30 ياشلاردىكى، ناھايىتى سىلىق-سىپايە گەپ قىلىدىغان، ياشىغۇسىز ھالغا كەپ قالغان يۇرتىدىن ئايرىلغاندا ئۆزىنىڭ 35 گېكتارلىق ئېتىزىنىڭ نېرىسىنى بىلمەيدىغان، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى ئېلى بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە ئەينى چاغنى ئەسلەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ خىتاي ساقچىسىدىن زۇلۇم كۆرگەندە ‹مەن ھامان بىر كۈنى ئۆچۈمنى ئالىمەن› دەپ قەسەم قىلغانلىقىنى ئېيتتى».
مۇخبىر ماقالىسى داۋامىدا ئېلىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، 2009 -يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، رايوندا يۈرگۈزۈلگەن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كېيىنكى بىر يىل داۋامىدا يەنىمۇ كۈچىيىپ، ھەتتا نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بارلىقىنى، قىسقىسى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مېھمانخانىغىمۇ چۈشەلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى بېرىپ چەتكە چىقىپ كېتىشتىن باشقا چارىسى قالمىغانلىقىنى بايان قىلغان. مۇخبىر خەۋىرىدە، ئۇ تۈركىيەدە سۆزلەشكەن، يەنى ئىلگىرى سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرى بېرىپ سۈرىيەدە قولىغا قورال ئېلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. مۇخبىر خەۋىرىدە ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور شان روبېرتسنىڭ مۇلاھىزىسىگە يەر بەرگەن بولۇپ، شان روبېرتس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارنى يوق يەردىن قوراللىق ئۇرۇش قوزغاش خەۋپى مەۋجۇت دەپ ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىنى، 2009 -يىلىدىكى باستۇرۇشتىن كېيىن بولسا ئەھۋال ئۆزگىرىپ مانا ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «تىلەپ تاپقاندەكلا» بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى ئېيتقان.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرى نۇرغۇن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە نۇرغۇن مۇتەخەسسىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قاتتىق بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرمىغان تەقدىردە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاخىرى بېرىپ ھەقىقەتەن زوراۋانلىق يولىنى تاللاشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەمما گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھازىرقى سىياسەتلەردىن نارازى بولۇۋاتقان خىتاي نوپۇسىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ شەكىللىنىشى مۇمكىنلىكىدەك بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن رايوندىكى خىتايلار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېتەرلىك بولمىدى، دەپ شىكايەت قىلىپ ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن رايوندا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە خوش بولغان خىتايلار بار. ئەمما چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىنكى ئېلىنغان تەدبىرلەر بەكلا چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. مەنچە بۇ ناھايىتى زور خەۋپ. بۇنىڭغا نىسبەتەن رايوندىكى خىتايلاردىمۇ ئوخشىمىغان پىكىرلەر بار. ھازىر شىنجاڭدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرىدىغان نارازىلىق ئىنكاسىنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور خەۋپ ھاسىل قىلالايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ».
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ماقالىسى داۋامىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ 2009 -يىلىدىن كېيىنكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ۋە ئاخىرى بىر ئاماللار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن قانداق بولۇپ سۈرىيەگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئېلىنىڭ ھىكايسىى ئارقىلىق بايان قىلغان. «ئېلىنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ قېلىش سەۋەبى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىمىز تۈركىيەدە سۆزلەشكەن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش. يەنى ئۇلارمۇ قوراللىق گۇرۇپپىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى بىلەن قاتناشقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكىدەك جىھادنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ئىسلامدىن خەۋىرى يوق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ئىچىدە بۇ قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلار بىلەن تونۇشمىغان ئىكەن.»
بىز كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ماقالە ھەققىدە سىلەرگە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.