خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنى «مېنىڭ» قىلىۋالالماسلىقىدىكى سەۋەب نەدە؟
2017.05.12

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تېبابىتىنى «مىللىي تېبابەت» نامىدا «جۇڭگو تېبابىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش» پىلانىنى قەدەم باسقۇچلار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ھېكىم-ھۆكۈما ۋە تېۋىپ ھەمدە دورىگەرلەر بىردەك، «خىتاي، شانلىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتسىمۇ، مېنىڭ قىلىۋالالمايدۇ» دېگەن ئىشەنچتە. ئۇنداقتا ئۇيغۇر تېبابەت كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ ۋە كۈچ بىلەن سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر دورىگەرلىك بايلىقىنى مونوپول قىلىش، ئۇيغۇر تېبابىتىنى خىتايلاشتۇرۇپ يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ يەنىلا خاسلىقىنى ساقلاپ قالالىشىدىكى قۇدرەت ۋە خاسىيەت نەدە؟ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ھېكىملار ئۆزىدىكى بۇ خىل ئىشەنچىنىڭ، خىتاي تېبابىتى بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەنبە ۋە نەزەرىيە جەھەتلەردىكى زور پەرقتىن كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇچراۋاتقان خىرىس ۋە تەھدىتلەر ھەر تەرەپلىمىلىك بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك بايلىقىدىن پايدىلىنىپ بازار تېپىش يوللىرىنى ئىچىش ئۈچۈن، خىتاي مەبلەغ سايلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت تېخنىكا ۋە رېتسېپلارغا ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تېبابىتىنى «مىللىي تېبابەت» نامىدا خىتاي تېبابىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنىڭ نامىدىن تارتىپ رېتسېپلارغىچە خىتايچە ئاتاشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇيغۇر تېببىي مەكتەپ ۋە شىپاخانىلارنىمۇ ئاستا -ئاستا خىتايلاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىمى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى، گەرچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر تېبابەت كەسپى خىرىسلارغا ئۇچراپ زور خوراۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك كەسپىدىن ئىبارەت بىر ئىلىمنىمۇ سىياسەتكە باغلاپ، ئۇنى خىتاي تېبابەتچىلىكىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشتەك ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان بىر سىياسىي غەرىزىنىڭ ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، چۈنكى خىتاي تېبابىتى بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتىدە مەلۇم ئوخشاشلىقلار بولسىمۇ، كېلىش مەنبەسى، تارىخىي ئاساسى پۈتۈنلەي قارشى يۆنىلىشتە، خىتاي تېبابىتى شەرقىي جەنۇب ئاسىيا رايونىنى مەنبە قىلىپ بارلىققا كەلگەن بولسا، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەنبەسى گىرىك، ئەرەب-پارس، ئوتتۇرا شەرق، ئىران مەدەنىيەتلىرىنىڭ جۇغلانمىسى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇجەسسەملەپ بارلىققا كەلگەن. ئوخشىمايدىغان ئىككى سىستېما. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىدىمۇ خىتاي تېبابىتى بىلەن تۈپ پەرقلەر بار. بۇ پەرقلەردىن ئۆتمەي تۇرۇپ خىتاي ئۇنى جۇڭگو تېبابىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋالالمايدۇ. ئىلىمغا يالغانچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ، ئىلىم سىياسەتكە باغلىنىدىغان نەرسە ئەمەس، سىياسىي غەرەزدە ئۇيغۇر تېبابىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىشىدىكى سەۋەب، تېبابەت كەسپىنىڭ ئۇستازدىن شاگىرتقا ئۆتۈشى، ئۇيغۇر تېبابەت مەكتەپلىرى ۋە ئۇستازلىرىنى قەدىرلىمىگەندە، بۇ كەسىپنىڭ توغرا داۋاملىشىشى تەس.
خوتەن شەھىرىدە ئەڭ داڭدار ئۇستىلاردىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇيغۇر دورىگەرلىك كەسپىي كارخانىسى قۇرغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ، شىركىتى ۋەيران بولغان بىر دورىگەر تۈركىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسىم تېۋىپ ۋە دورىگەرلەر دائىرىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە خىلاپ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ يازما تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كارخانىچى تېۋىپ ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرىنىڭمۇ، كەسىپداشلىرىنىڭمۇ توسقۇنلۇق ۋە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ بۇ كەسىپتىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى ۋە خاسىيىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىنىي ۋە ئىنسانىي ئەخلاقى بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىدا. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشى، دىننى چەكلىشى، تەجرىبىلىك، ئىناۋەتلىك ھېكىملەرگە بېسىم قىلىشى بىلەن، ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنىي ئەخلاقى تەربىيىسى بىلەن ئۇيغۇر قەدىمىي تېبابەت كەسپى بىر گەۋدە قىلىنغان ئەنئەنىۋى تېبابەت مىنۇتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، خىتاي تېبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن تېببىي مەكتەپلەر خىتايلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر تېبابىتى ئىمان بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەنئەنىۋى كەسپىي ئەخلاق مىزانلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا. بۇ بولسا ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىك كەسپى يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ زور تەھدىت.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر شىپاخانا، تېبابەت دوختۇرخانىلىرىدا رېتسېپ ۋە دىئاگنوز ئاتالغۇلىرىنى خىتايچە قوللىنىش مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىلگىرى ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىگە ئىشتىياق باغلاپ، مەشھۇر تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن، ھازىر تۈركىيەدە بۇ كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر تېۋىپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر تېبابىتىنى خىتاي تېبابەتچىلىكىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، بارلىق ئۇيغۇر تېبابىتىگە دائىر كىتاب، ماتېرىياللاردا شۇ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەيلى رېتسېپ ۋە باشقا ھەر قانداق ماتېرىياللارنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تېبابەتچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە نەزەرىيەۋى جەھەتتىكى زور پەرقلەر بولسىمۇ، ئۇنى ئۆزىنىڭ تېبابىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىش ئۈچۈن پۈتۈنلەي مونوپول قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە دورىلارنىڭ تەبىئىتى، شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئايرىلىشىمۇ خىتاي تېبابىتى نەزەرىيەسىدىكىدىن تۈپ پەرقلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ، ياڭاقنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە قۇرۇق ئىسسىق دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، خىتاي تېبابىتىدە ئۇنى قۇرۇق سوغۇق دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
نۆۋەتتە تۈرلۈك بېسىم تۈپەيلى، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىناۋەتلىك ۋە ئىمكانىيىتى بار تېۋىپ ھەم دورىگەرلەر تۈركىيەگە كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىلا ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 7، 8 ئۇيغۇر بار ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە تۈركلەرمۇ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى بىلەن بارا-بارا تونۇشۇۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تۈركىيەدە تارىخىي ئاساسىي بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تېۋىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بارا -بارا تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق مەبلەغ ۋە تېخنىكا بولغان شارائىتتا يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئېھتىمالدىن ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى.