تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى
2023.07.13

ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك، تېبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئىزدىنىشى ناھايىتى قەدىمى زامانلارغا سوزۇلىدىغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا ئۆزىگە خاس داۋالاش ئۇسۇلىنى ياراتقان. ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى ئۆزىگە خاس نۇرغۇن پەرقلىق ئۇسۇللىرى بىلەن سىستېمىلاشقان تېببىي ئىلىم بولۇپ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور تۇتقۇندا ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋام قىلىشىغا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى بىر قىسىم تېۋىپلارمۇ تۇتقۇن نىشانى بولغانىدى.
ئۇيغۇر تېبەبەت دورىلىرىنى ئىشلەپچقارغان ئاتاقلىق دوكتور خالمۇرات غوپۇر ئەنە شۇ تۇتقۇن قىلىنىپ قاتتىق جازالانغان ئۇيغۇر دوختورلىرىنىڭ ۋەكىلىدۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك ساھەسىنىڭ ئاستا-ئاستا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى خىتاي شىركەتلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىپ، بۇ ساھەنى مونوپول قىلىش ئەھۋالى كېلىپ چىققانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئۆز ئالدىغا داۋالاش ئورنى ئاچقان ۋە دورا ئىشلەپ چىقارغان ئۇيغۇر تېۋىپلار ۋەيران بولۇشقا، بەزىلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە دۇچ كەلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرخىل چەكلىمىسى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ھاياتىنى ۋە كەسپىنى چەتئەلدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تېۋىپلىرى بۇ ئەھۋالىدىن بەك بىئارام بولماقتا ۋە بۇنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. نۆۋەتتە، تۈركىيە ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۇيغۇر تېۋىپلىرى كۆپرەك ئورۇنلاشقان مەملىكەت بولۇپ، ئىستانبۇل ۋە باشقا شەھەرلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر تېۋىپلىرى، دورىگەرلىرىنىڭ ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئەنە شۇنداق ئىزدىنىۋاتقانلار قاتارىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كەسپىدىكى تۆھپىكارلاردىن شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇر ۋە تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ يېتىشىپ چىققان يېڭى ئەۋلاد تېۋىپلاردىن ئاسلىنۇر تۈمتۈركمۇ بار.
ئۇنداقتا تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئەنئەنىۋى دورىلارنىڭ ئىشلىنىشى، بۇلارنىڭ رۇخسەت قىلىنىپ بىمارلارغا ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ دېگەن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ، خوتەندە 20 يىلىدىن كۆپرەك تېۋىپلىق قىلغان، 2010-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ تۈركىيەدە ئۆز كەسپىنى كەسپىنى داۋام قىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ھەققىدە كىتاب يېزىۋاتقان تەجرىبىلىك تېۋىپ شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇر خانىم جاۋاب بەردى.
ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابەت دورلىرىنىڭ تېخى رەسمىي پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەنلىكى، لېكىن 200 گە يېقىن دورىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن قوشۇمچە دورا ياكى قوشۇمچە ئوزۇقلاندۇرۇش ماددىسى نامى ئاستىدا رۇخسەت ئېلىش ئارقىلىق ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقنى بىلدۈردى.
ئاسلىنۇر تۈمتۈرك خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ خام ماددىسىنىڭ ھەممىسى تۈركىيەدە تېپىلمايدىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر تېۋىپىلىرىنىڭ بەزى كەمچىل دورىلارنىڭ خام ماددىلىرىنى تۈركىيەدە يېتىشتۈرۈپ تولۇقلاپ بىمارلارنى داۋالاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر تېۋىپلارنىڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «تۈركىيەدە تېۋىپلىرىمىز، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىراق، دورىلارنىڭ خام ماددىسىنىڭ ھەممىسى تۈركىيەدە تېپىلمىغان ياكى ئۆستۈرۈلمىگەچكە، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن، پاكىستان، ھىندىستان، شەرقىي تۈركىستان، خىتاي، مىسىر قاتارلىق يەرلەردىن كېلىدۇ. تېۋىپلىرىمىز، بەزى دورىلارنىڭ خام ماددىلىرىنى تۈركىيەدە يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. كەمچىل خام ماددىلارنى مۇشۇنداق تولۇقلاۋاتىدۇ. ھەمدە تېۋىپلار ھازىرقى شارائىتتا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بىمارلارنى ئۇيغۇر مىللىي دورىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. دورا ئىشلىتىشكە رۇخسەت ئېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، رۇخسەتنى دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى ياكى سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئېلىش كېرەك. بۇنىڭ بەزى شەرتلىرى، تەرتىپلەر ۋە جەريانلىرى بار. پەقەت بۇ شەرتلەرگە توشقان دورىلارنى بىمارلارغا قوشۇمچە تولۇقلىما شەكلىدە ئىشلىتەلەيمىز. ياكى ئۇلارنى ئىشلىتىشكە يول قويىدۇ. ئەلۋەتتە، دورىنىڭ ئىچىدىكى ماددا بەك مۇھىم. مىقدارىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نۇقتىدا، گەرچە بەزى دورىلاردا مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما ئاممىغا بەرگىلى بولىدىغان كۆپ سۈپەتلىك دورىلار بار».
شەمشىنۇر ئابدۇغوپۇر خانىم ئۇيغۇر دورىلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ بەك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن دورىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن ياسىلىپ بازارغا سېلىنىشى كېرەكلىكىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ھەققىدىكى كىتابلارنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىنى ۋە دورىگەرلىكىنى ئۆگىتىدىغان سىستېمىلىق مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىپ يېڭى ئەۋلادلارغا مىللىي تېبابەتنى ئۆگىتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدە شارائىت ۋە ئىمكانلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاسلىنۇر تۈمتۈرك خانىم ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر دورىلىرى ئەسىرلەر بويى ۋە سىناقلاردىن ئۆتكەنلىكى ۋە تۈركىيەدىمۇ تەرەققىيات ئىستىقبالى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مىللىي تېابىتى ئۈچۈن تۈركىيەدە پۇرسەت بارمۇ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئەلۋەتتە، ياخشى پۇرسەتلەر بار. مۇنداقچە ئېيتقاندا، زامانىۋى تېبابەت ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابىتىگە قارىغاندا بەك يېڭى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تېبابىتىمىز تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋە تېخىمۇ پايدىلىق، كۆپ سىناقتىن ئۆتكەن دەپ قارايمىز، چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر دورىلىرى ئەسىرلەر بويى سىناق قىلىنغان ۋە سىناقلاردىن ئۆتكەن. ئەنئەنىۋى مىللىي تېبابەتنى، زامانىۋى تېبابەتكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى كۆپ خىل داۋالاش ئۇسۇللىرى بار. شۇڭلاشقا، ئۇ بىزگە بىر خىلدىن كۆپ خىل تاللاش پۇرسىتى بېرىدۇ. يەنى بىزگە كۆپ خىل ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەجرىبىلىرىمىز بىلەن بىلىمىز. داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىلار كۆپ خىل بىمارلارغا شىپا بولالايدۇ. مەھسۇلاتلىرى كۆپ خىل بولىدۇ. شۇڭا بىز قىسقا ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز».
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ خام ئەشيا پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇللىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېشىللىق ئۆلچىمىگە ماس بولۇشى، بۇلارنىڭ تېببىي ئۆسۈملۈكلەردىن ياسىلىشى ۋە خىمىيەلىك ماددا قوللىنىلماسلىقى بىلەن تۈركىيەدىكى بىمارلارنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ بەك ياخشى بولىدىغانلىقنى ئىلگىرى سۈردى.