تەيۋەنلىك پروفېسسور لىن جۇڭبىن: شى جىنپىڭ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىدە باشقىچە يول تۇتۇشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان كەلگۈسى ئون يىل داۋامىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن لىن جۇڭبىن ئەپەندى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا باشقىچە يول تۇتۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى، دەنجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ پروفېسسورى لىن جۇڭبىن ئەپەندى تەيۋەندە نەشر قىلىنىدىغان «ئىچكى مەسىلىلەر» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە خىتايدا فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇشنى توختىتىش، خۇ ياۋباڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ماۋ زېدۇڭنىڭ جەسىتىنى يۇرتىغا يۆتكىۋېتىش، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

‏-خۇ ياۋباڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى، ئەگەر خۇ ياۋباڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولسا، ئارقىدىنلا جاۋ زىياڭنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ ھەمدە 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى ئاقلىنىدۇ،‏ دەيدۇ لىن جۇڭبىن ئەپەندى ئۆز تەھلىلىدە.

ئۇنىڭ قارىشىچە، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇشنى توختىتىش مەسىلىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە خىتاينىڭ بۇرۇنقى رەھبىرى جياڭ زېمىنغا باغلىق ئىكەن. چۈنكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇش ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي رەھبىرى جياڭ زېمىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1999-يىلى 2-ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئون نەچچە يىل داۋامىدا نەچچە ئونمىڭلىغان فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ ھەر خىل قىيىن-قىستاقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە ئامان قالغانلىرى چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

-شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى، ماۋ زېدۇڭغا قايتا باھا بېرىش مەسىلىسى،‏ -دەيدۇ لىن جۇڭبىن ئەپەندى، ‏-چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدۇڭ، شۇ دەۋردە نەشر قىلىنغان «ليۇجىدەن» ناملىق رومان سەۋەبىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئاتىسى شى جۇڭشۈننى بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇپ تۈرمىگە تاشلىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى جۇڭنەنخەيدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. بۇ ۋەقە شۇ چاغدىكى گۆدەك شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ بىر قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا شى جىنپىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ جەسىتىنى خاتىرە سارىيىدىن يۇرتىغا يۆتكىۋېتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خاتىرە سارىيى ماۋ زېدۇڭدىن ئىبارەت بىر كىشىگە ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان ئىنقىلابى قۇربانلارغا تەئەللۇق بولۇشى لازىم ئىكەن.

لىن جۇڭبىن ئەپەندى ئۆز تەھلىلىدە خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
-شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر، تىبەت مىللەتلىرى مەسىلىسى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي رايونلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن قاتتىق بىسىم ئاستىدا كونترول قىلىش سىياسىتى ئۈنۈم بەرگىنى يوق. بىسىم قانچە كۈچەيگەنسېرى بۇ مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ شۇنچە ئەۋج ئىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا شى جىنپىڭ باشقىچە تەدبىر قوللىنىپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللىي رايونلار «بەلگىلىك مۇددەتتە پارتلايدىغان بومبا» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلىلەر شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدىمۇ ھەل قىلىنماي كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرى تەرەققىي قىلىپ كەلگۈسىدە خىتاي مەملىكىتىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.