ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

(21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن)

2017-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنىڭ ئورنىغا خىتايچە دەرسلىكلەر دەسسىتىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر رايونىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىتابلار ۋە تۈرلۈك نەشىر بۇيۇملىرى ئازىيىشقا، ھەتتا پۈتۈنلەي دېگۈدەك توختاپ قېلىشقا قاراپ يۈزلەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى نەشىر قىلغان كىتابلارنىڭ مەزمۇنىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت مەزمۇنلار خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇلدى. دەرۋەقە، بۈگۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قاراتقان چەكلىمىسى بىر كۈندىلا ئوتتۇرىغا چىقمىغان، بەلكى ئالدى بىلەن ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نى تەشۋىق قىلىش، پەردازلاش، كېيىنچە مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا خىتاي تىلىنى ئانا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.

ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» تۈزۈمى ھەققىدە ئىزدەنگەن تەتقىقاتچىلاردىن ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى ئېرىك شىلۇسسېل (Eric Schluessel)، «ئوتتۇرا ئاسىياغا نەزەر» ناملىق ژۇرنالدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ، ماقالىسىدە خىتاينىڭ «قوش تىللىق مائارىپى» نىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان ئىدى.

ئېرىك شىلۇسسېل ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل سىياسىتىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرلىرىدىن باشلاپ مەلۇم ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ستالىنچە تىل سىياسىتىنى چېگرا رايونلاردا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

1950-يىللاردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر.
1950-يىللاردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر. (RFA/Qutlan)

«قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ دەسلەپكى لايىھەسى 1950-يىللاردىن باشلاپلا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. بولۇپمۇ موڭغۇل ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا بالدۇرراق باشلانغان. «قوش تىللىق مائارىپ» خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر چوقۇم خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك دېگەن سىياسەت ئاستىدا بارلىققا كەلگەن. 1980-يىللاردىن باشلاپ قەدەممۇ-قەدەم كۈچەيتىلگەن. 1982-يىلى باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خىتاي تىلى مەجبۇرىيەت دەرسى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 2500 خەت ۋە 3500 سۆزنى بىلىش، شۇنداقلا خىتاي تىلى گىرامماتىكىسىنى ئىگىلەش ئۆلچەم قىلىنغان. شۇ ۋاقىتلاردا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بېرىدىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى بىلىشى شەرت قىلىنغان. 1985-يىلىغا كەلگەندە يېڭى قانۇن ماقۇللىنىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق يېزا-قىشلاق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭمۇ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشى بەلگىلەنگەن. 2002-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاغاتاي تىلى كەسپىدىن باشقا كەسىپلەرنىڭ بارلىق دەرسلىك كىتابلىرىنى خەنزۇچىلاشتۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئورۇن قوش تىللىق مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى ئورۇن بولۇپ قالغان.

2004-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇندىن ئېتىبارەن، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 2017-يىلىغا كەلگەندە خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى رەسمىي ئشقا ئاشۇرۇلغان.

ئاتالمىش «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانونى» دا «ھەرقايسىي مىللەتلەر ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ ئېنىق بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى چىقارغانغا بۇ قانۇنلارغىمۇ ئەمەل قىلمىغان. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار تۇرمۇش ۋە شەخسىي ئالاقىدىمۇ خىتاي تىلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ كىنو-تىياتىر، كىتابخانا، يىغىلىش سورۇنلىرى ۋە تور ئالاقە ئىشلىرىدا ھەممىسىدە خىتاي تىلى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىمەكتە ياكى خىتايچىدىن ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىنماقتا. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت گەۋدىسىنى تۇتۇپ تۇرغان، خەلقنىڭ مىللىي روھى ۋە مىللىي ئېڭىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىل، فولكلور ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ كېتىشتەك ئاقىۋەت شەكىللەنگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ ۋېۋىسكىلىرىغا ئۇيغۇرچە پەقەت شەكىلگىلا يېزىلغان بولۇپ، كۆپىنچە ۋىۋىسكىلاردا خىتايچىسى يوغان، ئۇيغۇرچىسى ناھايىتى كىچىك قىلىپ يېزىلغان. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆزئارا چاقچاق قىلىشىپ «ئۇيغۇر تىلى خىتاي تىلىنىڭ قېشى» دىيىشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرىي-ماددىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بېرىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم خەلقئارالىق ئەھدىنامىلىرىگە قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «قوغداۋاتقىنى» ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولماستىن، خىتايلاشتۇرۇلىۋاتقان ئەبجەش مەدەنىيەتتۇر، خالاس.

خەلقئارادىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ تىل سىياسىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن سىستېمىلىرى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ۋە جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان مىللىي كىملىكنىڭ يادروسىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تىل سىياسىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچى ئارىيانې م. دۇۋايېر (Arianne M. Dwyer) نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنىش ھادىسىسىنى ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كىملىكىنىڭ قۇتۇپلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى، دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشىنى ئۇيغۇر كىملىكىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىققا ئوخشىتىدۇ. دۇۋايېرنىڭ تەھلىللىرى بىزگە «قوش تىل مائارىپى» نىڭ پەقەتلا بىر سىيلىقلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كەينىگە «خىتايلاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت سىياسىي مەقسەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ تەھلىللىرىدىن ئۇيغۇر تىلى چەكلەنگەن تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپ جەھەتتە ئارقىغا چېكىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى بەرپا قىلىدىغان ئامىللاردىن دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنە قاتارلىقلارمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈلۈش يوللىرى كېسىپ تاشلىنىدۇ.

خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار ئادۋوكاتى ئاۋرورا ئېلزابېت بېۋىك خانىم (Aurora Elizabeth Bewicke) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنىشىنى خەلقئارالىق قانۇن نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە قىلىپ، بۇ خىل قىلمىشنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە خەلقئارالىق جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان تىل سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان؛ ئۇ يەنە زۆرۈر تېپىلسا، خىتايغا قارىتا بايقۇت قىلىش ياكى سىياسىي مۇداخىلە مېخانىزمى قوللىنىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئاسسىمىلىياتسىيەگە ئۇچرىشىدەك ۋەزىيەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىللاردىن بۇيان قاتتىق نارازىلىق قوزغاپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە نارازىلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىگەن سەرخىللارنىڭ تەقدىرىمۇ بىزگە مەلۇم. ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا يېزىش ھوقۇقى چەكلىنىش، كىتابلىرى كۆيدۈرۈلۈش، جازا لاگېرىغا سولىنىش، تۇتقۇن قىلىنىش قىسمەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا سۈكۈت قىلىشقا ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتاي تىلىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلماقتا. يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىتىلىش ۋەزىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تۈرى بولغان «تىل قىرغىنچىلىقى» (linguiside) دەپ ئاتىماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دە ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى بۇ ئېغىر قىسمەتلەر ھەققىدە سۆزلەش، مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچى ۋە باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتىدۇر. بىر تىلنىڭ يوقىلىشى، ئەمەلىيەتتە بىر خەلقنىڭ، بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋە بىر تارىخنىڭ يوقىلىشىدۇر. بۇنىڭغا شۇ تىلنىڭ ئىگىلىرىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.