يېقىندا ياپونىيىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە توختالغان ياپونىيىلىك تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى سەۋەبىدىن دۇچ كېلىدىغان كەلگۈسى پاجىئەسى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر ماقالە ياپونىيىلىك تىل تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن كوللېكتىپ نەشرگە تەييارلىنىپ «خىتاي دۆلىتى ھەققىدە بىلىملەر» ناملىق كىتابتا «ئۇيغۇرلار» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە توختالغان.
ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئايرودرومغا كەلسىڭىز، ئۇيغۇرچە، خىتايچە يېزىقلاردا يېزىلغان «ئۈرۈمچى» دېگەن خەت كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. ئايرودرومدا خىتايچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە تىللاردا ھەرخىل ئېلانلار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىچىدە خىتايچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىل، يېزىقتا يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ، مايلامچى بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتىلىۋاتقان شىنجاڭغا بارسىڭىز، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقلىق بولغان باشقا بىر دۇنيانى ھېس قىلىسىز. بۇ يەر خىتايغا تەۋە بولسىمۇ، ئەمما ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغان، تۈركچە سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە راۋاجلانغان ۋە گۈللەنگەن مەدەنىيەت ئەمەس، بەلكى خىتاي مەدەنىيىتىدىن پەرقلىق بولغان، ئۆزىگە خاس ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلى تارىختىن بۇيان ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ، نۇرغۇنلىغان سىناقلارنى ئۆتكەن تىلدۇر. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇرلار چاغاتاي تىلىنى قوللىنىپ كەلگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى چاغاتاي تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تىل بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ھازىرقى زامان تىلىدۇر. ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن ئەرەب يېزىقى شەكلىدە يېتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقىدۇر. بۇ يېزىق ئەينى ۋاقىتتا تەرەققىي قىلغان تاتار يېزىقىدىن پايدىلانغان. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بولسا 1920-يىلىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن لاتىن يېزىقى قوللىنىشقا باشلىغان. 1940-يىلى كرىل يېزىقىنى مەجبۇرىي قوللىنىشقا باشلىغان.
ماقالىدە، چاغاتاي يېزىقىنىڭ خېلى يىللارغىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەر تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ،قوللىنىلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ يېزىقنىڭ تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدا قوللانغان، ئەرەب يېزىقى شەكلىدە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارقىلىشى ئاستا بولغان. مەسىلەن، 1950-يىلى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىسلام قانۇنى خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلگىچە، ئىسلام قانۇنىغا ئائىت يېزىلغان بارلىق تېكىستلەر يەنى ئەسلىدىكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلىپ قوللىنىلغان. 1930-يىللاردا ئۇيغۇرلار قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، جەنۇب ۋە شىمالدا نەشر قىلىنغان بارلىق گېزىت، ژۇرناللار بۇرۇنقى چاغاتاي يېزىقىدا نەشر قىلىنغان. 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى بىر پاي ئوق ئاتماي ئىگە بولغان بۇ زېمىن خىتايغا تەۋە بولغاندىن باشلاپ، سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يەنى سوتسىيالىزمنىڭ ھەمشېرىكى بولغان خىتاي دۆلىتىدە ئۇيغۇرلارغىمۇ كرىل يېزىقىنى قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنغان. لېكىن شۇ يىلى سوۋېت بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ كرىل يېزىقىنى قوللىنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، لاتىنچە يېڭى يېزىققا ئۆزگەرتىلىشكە باشلىغان. 1959-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىقنى ئۆزگەرتىش كومىتېتى مەخسۇس قارار ھازىرلاپ، لاتىنچە يېڭى يېزىقنى قوللىنىشنى يۈرگۈزۈپ، ئىلگىرىكى كونا يېزىقنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرلىغان بۇ يېزىق، ئەينى زامانلاردا سوۋېتلەردە قوللانغان لاتىن يېزىقى بىلەن خىتاينىڭ پىنيىنى قىسمەن ئارىلاشقان يېزىق ئىدى. سوۋېتلار بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇقى بۇزۇلۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن بىر ۋەزىيەتنىڭ ئىچىدە 1965-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى ئاران بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىنىشىغا بېكىتتى. بىر يىلدىن كېيىن خىتايدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ تارقىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىپ، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى يوقىتىش پىلانى 1976-يىلى رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ قارار ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، يەنى 1982-يىلى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىش قارار قىلىندى. ئۇيغۇرلار شۇندىن بۇيان تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇ يېزىقنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن پەرىشان بولۇۋاتقان ئىلگىرى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان ياپونىيىلىك ئېرىكا خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. ئۇ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش.ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە تىلىنى ساقلاپ قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ئاپتورلار ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،كومپيۇتېرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلاردىمۇ كومپيۇتېر يېزىقى مەيدانغا كەلدى.مىڭ بىر مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدا كەڭ ئازادە قوللىنىشقا باشلانغان بۇ ئۇيغۇر يېزىقى،ئۇيغۇر تىلى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدا، ئۇيغۇر مائارىپىدا قوللىنىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشى 2000-يىلىدىن كېيىن رەسمىي مەجبۇرى يولغا قويۇلماقتا. خىتاي دۆلىتى ئەمەلىيەتتە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلى مائارىپ سېپىدىن ئاللىقاچان سىقىپ چىقىرىلغان، خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپىدا مەجبۇرى خىتاي تىلىنى قوللىنىشنى يۈرگۈزمەكتە. ئەگەر خىتاي تىلىنى پىششىق بىلسە، جەمئىيەتتىكى ئىشسىزلىق تۈگەيدىغان ئىش بولسا، نېمە ئۈچۈن ئانا تىلى خىتاي تىلى بولغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىش ئىزدەپ شىنجاڭغا كېلىدۇ. خىتاي تىلى بىلسە ئىقتىساد يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ئىش بولسا ئىدى. خىتايدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلار باي بولۇپ كەتسە بولماسمىدى؟ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەقسىتى تارىختىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.بۇ بىچارە ئۇيغۇر تىلىنى يەنە قانداق پاجىئەلەر كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ؟
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.