ئىنتېرنېت تورى - ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى بولماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئېزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ 2011 يىلى -2 ئاينىڭ -23 كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىغىنىدا ئۇقۇلغان ماقالىسىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىشلىتىلگەن سۈرەت
ئېزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ 2011 يىلى -2 ئاينىڭ -23 كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىغىنىدا ئۇقۇلغان ماقالىسىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىشلىتىلگەن سۈرەت
RFA/Aziz Isa


كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر تىل، يېزىقىدىكى تور تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ خىتايدا ئەڭ قاتتىق قامالغا ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت تىل، يېزىقىدىكى تور تاراتقۇسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتمەكتە.

22 - ئاپرىل كۈنى مۇستەقىل يازغۇچى ئالېكسا ئولېسېن خانىم خىتاي تېمىسى بويىچە ئامېرىكىدا چىقىدىغان مەشھۇر تور ژۇرنىلى «چاي ياپرىقى ئېلى» دە ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەگرى - توقاي تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

يېقىنقى تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتېرنېت قامالى ئەڭ كۈچلۈك بولغان خىتايدا، توردىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ سانى 618 مىليوندىن ئاشقان. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھۆكۈمەت تەرەپتىن كونترول قىلىنغاچقا ئاۋام خەلقنىڭ توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئارزۇسى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن. كىشىنىڭ دىققىتىنى چېكىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئەڭ زور دەرىجىدىكى سىياسىي سېنزورى ۋە كۈچلۈك قاماللىرى ئۇيغۇر تىل، يېزىقىدىكى تور تاراتقۇلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ھاياتىي كۈچىنى توسۇپ قالالمىغان.

تەبىئىيكى، ئۇيغۇر تورچىلىقى ئېغىر بېسىم ئىچىدە ئەگرى - توقاي مۇساپىلەرنى بېسىپ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

ئۇيغۇرچە تور تاراتقۇلىرىدىكى بۆسۈش

ئىنتېرنېت تورىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن باشقا مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ئىمكانىيەت بولمىغان خىتايدا تور تاراتقۇلىرىنىڭ تارتىش كۈچى ناھايىتى زور بولغان.

ئالېكسا خانىم ئۆز ماقالىسىدە جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ستاتېستىكىسىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي بويىچە تورغا چىقىدىغان ئادەم سانى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغان ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتە 43 پىرسەنت ئاھالە تور قوللىنىدىكەن. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تور قوللانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى بارغانسېرى ئېشىپ، خىتاي بويىچە ئىلگىرىكى 31 - ئورۇندىن 11 - ئورۇنغا ئۆتكەن. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇيغۇرلار ئىچىدە تور تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىدىغانلارنىڭ سانى پەلەمپەيسىمان ئۆسكەن بولۇپ، ئۈندىداردا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپەيگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ياسىن مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئاڭلىتالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ئىنتېرنېت تورى مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ۋە بىلوگلار ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. كەڭ ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز تىلىدىكى تور تاراتقۇلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆز خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى تور بەتلىرى ئارقىلىق ئاۋامغا ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. بۇ ھال كېيىنچە خىتاي دائىرىلىرىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تور تاراتقۇلىرىغا بولغان قامالىنى كۈچەيتتى.»

«5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى تور قامالى

ئالېكسا خانىم ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر تورچىلىقىغا قاتتىق زەربە بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

مەلۇمكى، «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىشى بىلەنلا خىتاي دائىرىلىرى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىنتېرنېت تورىنى قامال قىلغان. ۋەقە يۈز بېرىپ تاكى 10 ئاي ئۆتكىچە 22 مىليون كىشى ياشايدىغان ئۇيغۇر ئېلىدا تور پۈتۇنلەي ئۈزىۋېتىلگەن.

ئالېكسا خانىم بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇزاققا سوزۇلغان تور قامالىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئاھالىلىرىدىمۇ نارازىلىق كەيپىياتى تۇغۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

شۇ قېتىمقى قاتتىق زەربىدە ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ قارشى ئېلىنغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاقالغان. تور بەت قۇرغۇچىلار، تور يازغۇچىلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدىكى گۈلمىرە ئىمىن، مۇھەممەتجان ئابدۇللا، دىلشات پەرھات، نۇرئەلى ۋە نىياز قاھار قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

«5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئېغىر سىياسىي بېسىم ئىچىدىن يول تېپىپ، ئاستا - ئاستا راۋاجلانغان بولسىمۇ، لېكىن مەزمۇن ۋە مۇنازىرە ئەركىنلىكى جەھەتتە «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» ھارپىسىدىكى سەۋىيەگە يېتەلمىگەن. بولۇپمۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئىلھام توختى قاتارلىق سەرخىللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە تېخىمۇ ئېغىر سىياسىي بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

بېسىم ئىچىدىكى مەۋجۇتلۇق ۋە توختاۋسىز ئىلگىرىلەش

ئالېكسا خانىم خىتايدا تىزىملىتىلغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى ۋە بىلوگلار ھەققىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان سىياسىي تېمىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈرلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە بىرقانچىلىغان ئۇيغۇر تور كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن «ئۆز - ئۆزىنى سېنزور قىلىدىغانلىقى» نى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

مەلۇمكى، «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تور قوللىنىش ھەققىدە مەخسۇس قانون ماقۇللىنىپ، ئاۋامنىڭ توردا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا نىسبەتەن سىياسىي بېسىم تېخىمۇ كۈچەيگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن «ئۆز - ئۆزىنى سېنزور قىلىش» قا مەجبۇر بولغان.

كارنېج مېللون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2012 - يىلى ئېلان قىلغان خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: «خىتاي تور ساقچىلىرى بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە تىزىمغا ئالدۇرغان تور بەتلىرىدىكى ماقالە، ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن 10 پىرسەنتنى ئۆچۈرسە، ئوخشاش ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا تىزىمغا ئالدۇرغان تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۆچۈرۈپ ماڭىدىكەن.»

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇر تىل، يېزىقىدىكى تور تاراتقۇلىرى ئېغىر بېسىم ئىچىدىن يول تېپىپ، ئۆز خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

ئوبۇلقاسىم ئەپەندى تور دۇنياسىدىكى تېز سۈرئەتلىك ئىلگىرىلەش ۋە تور تېخنىكىسىدىكى ئېشىش سەۋەبلىك بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر تور تاراتقۇلىرىنىڭ ھامان خىتاينىڭ قاماللىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت