ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دۇنيا ۋەزىيىتىنى جىددىي ھالەتكە كىرگۈزدى. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ۋە دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئەندىشىلىك بەس-مۇنازىرىلەر كۈچەيدى. قىسقىسى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كىشىلەرنى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھەر ۋاقىت پارتىلاش ئېھتىماللىقى مەۋجۇتلۇقى بىلەن قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئويلاندۇرىۋاتقان بىر مەسىلە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى ھەقىقىي مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدۇر.
24-فېۋرال رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن، پۇتىن تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا، ئۇكرائىناغا قىلغان بۇ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، «ناتونىڭ كېڭەيمىچىلىكى» ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ھالدا ناتو راستتىنلا شەرققە «كېڭەيمىچىلىك» قىلدىمۇ؟
ئۇكرائىنا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىسقا مۇددەت مۇستەقىللىقنى باشتىن كەچۈرگەن. يەنى 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدا چار پادىشاھ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، رۇسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدا، بولشىۋېكلار رۇسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىمۇ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوۋېت رۇسىيە دۆلىتىنى قۇرغان. ئەمما دۆلەت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، پانسلاۋىستلار بىلەن بولشىۋېكلار ئارىسىدا ئىچكىي ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن. بۇ ئىچكىي ئۇرۇش داۋامىدا ئۇكرائىنا مۇستەقىللىقى بولشېۋىكلار ۋە پانسلاۋىستلارنىڭ بىردەك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1922-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا، ئۇكرائىنا بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەتتىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغۇچى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئەمما ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت، كۈلتۈرىنى خدانىۋەيران قىلغان. 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا سۈنئىي ھالدا زور ئاچارچىلىق ئاپىتى پەيدا قىلىپ، 4 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا سىتالىن يەنە ئۇكرائىنا زىيالىيلىرىنى يوقىتىش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنالىقلارنى رۇس كىملىكىگە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى كۈچەيتكەن. ئەمما ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قارشىلىقى بۇ سەۋەبلىك توختاپ قالمىغان. 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئۇكرائىنا ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇستەقىللىقىنى قايتا قولىغا ئالغان ۋە دىپلوماتىك ئالاقىلىرى نورماللاشقان. «بېرلىن تېمى» ئۆرۈلۈپ، گېرمانىيە ناتوغا ئەزا بولغاندىن باشلاپ تاكى 2004-يىلىغىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى چاغدا غەربكە قارشى قۇرغان «ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى» غا ئەزا بولغان 8 دۆلەتتىن رۇسىيەدىن باشقا ھەممىسى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» غا ئەزا بولۇپ بولدى. گەرچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن «يالتا كېلىشىمى» ئاساسىدا شەكىللەنگەن دۇنيا كۈنتەرتىپى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇتىن يەنىلا ناتونى شەرققە كېڭىيىش بىلەن ئەيىبلەشنى توختاتمىدى. چېچىنىيە، گرۇزىيە، سۈرىيە ۋە قىرىملاردىكى تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبىمۇ ئاقىۋەتتە رۇسىيەنىڭ ناتونى تەھدىت كۆرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقتى. ھەتتا بۇ قېتىمقى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغىمۇ ناتونىڭ كېڭەيمىچىلىكى سەۋەب قىلىندى. گەرچە ناتو رۇسىيەگە قايتا-قايتا ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇكرائىنانىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىشىنى توسۇپ قالالمىدى. كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى، بۇ قاباھەتلىك ئۇرۇش ۋە ئۆلۈم يېتىملارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زادى كىم سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ؟ زادى كىم كىمگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئاللار ئىدى.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن 22 يىل بۇرۇن ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ پرېزدېنتى بولغىنىدا، پۈتكۈل دۇنياغا مۇنداق دېگەن: «ماڭا يىگىرمە يىل بېرىڭلار، مەن سىلەرگە قۇدرەتلىك رۇسىيەنى قايتۇرۇپ بېرىمەن». پۇتىننىڭ بۇ ۋەدىسى بەلكى خەلقئارادا، ئۇنىڭ كېيىنكى ياۋرو-ئاسىيائىزىم، سلاۋىزم ۋە ياكى پۇتىنىزم دەپ ئاتالغان «رۇس چۈشى» ئىدىيەسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىلىدۇ. ياۋرو-ئاسىيائىزم ئىدىيەسىنى رۇسىيەنىڭ سىياسىي نەزەرىيەچىسى، «يېڭى ياۋرو-ئاسىيائىزم ئىدېئولوگىيەسى» نىڭ ئىدىيەۋىي يېتەكچىسى ۋە «دۆلەت ئۇستازى» نامى بىلەن ئۇلۇغلانغان ئالىكساندېر دۇكىن 1997-يىلى يازغان «گىئو-سىياسىنىڭ ئاساسىي» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغانىدى. دۇكىننىڭ كىتابى ئەينى چاغدا ھەتتا رۇسىيە ھەربىي مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ بېكىتىلگەن ۋە رۇس مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئالىكساندېر دۇكىننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىدىيەلىرىنىڭ بىرى «دۇنيادىكى بارلىق رۇس تىللىق رايونلارنى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۇپراقلىرىنى قايتىدىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە ئېلىپ كىرىپ، ئامېرىكاغا تاقابىل تۇرۇش» تۇر. ئۇ بىر كىتابىدا مۇنداق يازغان: «ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇشتا رۇسىيەنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە يەنە چەكلىمىسىز ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. يەنى غەرب دۇنياسىنى قالايمىقان قىلىش، ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش، بولۇپمۇ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ئىرقچىلىققا دائىر تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئىچكىي قىسمىدا بۆلۈنۈش ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، خەلقئارادىكى جۇغراپىپيەلىك سىياسىي داۋالغۇشلارنى ئامېرىكا سىياسىتىگە ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ئىچىدىكى بۆلگۈنچىلىك، مىللىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىرقىي توقۇنۇشلارغا ياردەم بېرىش، ھەر خىل ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللاش؛ رادىكاللىق، ئاشقۇنلۇق ۋە پەرقلىق ئىدىيەدىكىلەرنى قوللاش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ ئىچكىي ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش كېرەك».
قارايدىغان بولساق، پۇتىننىڭ «رۇس چۈشى» غايىسى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇئەييەن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. يەنى خىتاينىڭ ھەربىي ئالىملىرىدىن چياۋ لياڭ ۋە ۋاڭ شياڭسۈي ئىككىسى 1999-يىلى يېزىپ چىققان ۋە كېيىن ئېنگلىز، فرانسوز قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، غەرب دۇنياسىنى چۆچۈتكەن «چەكلىمىسىز ئۇرۇش» ناملىق كىتابىدىمۇ، يۇقىرىدا ئالىكساندىن دۇكىن ئوتتۇرىغا قويغان غەربنى ۋەيران قىلىش ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ئاساسەن ئوخشاش بايان قىلىنغان. ئامېرىكالىق خىتايشۇناس سياسىيون مايكېل پلىسبېررىينىڭ «يۈز يىللىق مارافون» ناملىق كىتابىدىمۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات ئېچىۋېتىش» تىن كېيىن، غەرب دۇنياسىغا يۇمشاق كۈچ بىلەن سىڭىپ كىرىش جەريانى تەپسىلىي ۋە پاكىتلىق بايان قىلىنغان. گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ۋە غەربنى ۋەيران قىلىش پىلانى ئۇزۇن تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما كەڭ دائىرىدىن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن. يەنى ماۋ دەۋرىدىكى ھاكېمىيەتنى قولىغا ئېلىش، دېڭ دەۋرىدىكى «يوشۇرۇن تەرەققىي قىلىش» ۋە شى دەۋرىدىكى «دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلىش». ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شى دەۋرىدە ئەڭ دەھشەتلىك بولغان ھايات-ماماتلىق دەۋرگە كىرىشىمۇ، دېڭ شاۋپىڭ خۇلاسىلىگەن خىتاينىڭ غەربنى ۋەيران قىلىشىدىكى ئۈچ باسقۇچنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەل شى دەۋرىگە توغرا كەلگەنلىكىدىندۇر.
دەرۋەقە، شى جىنپىڭ تەختكە چىقىپلا ئاتالمىش «جۇڭخۇا ئۇلۇسى» سەپسەتىسى بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساس سالغان. شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» نىمۇ، خۇ ئەنگاڭ قاتارلىق خىتاي «ئالىكساندېر دۇكىن» لار ئوتتۇرىغا قويغان. گويا پۇتىن ئۇكرائىنادا «ناتسىستلارنى يوقىتىپ، ئىرقىي رۇس خەلقىنى قىرغىنچىلىقتىن قۇتقۇزىمىز» دېگەن سەپسەتىنى، ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئۇكرائىنا خەلقىنى قىرغىن قىلىشقا سەۋەب قىلغاندەك، خىتايمۇ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېرورىزم بىلەن باغلاپ لاگېرلارغا قامىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئامېرىكانىڭ خىتاينى پارچىلاش ھەرىكىتىگە قورال قىلىنغان «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى تازىلاش ھەرىكىتى دەپ پەردازلىدى. بۇ مەسىلىدە ھەتتا سوغۇق ئۇرۇشتىن باشلانغان ئوتتۇرا-شەرقتىكى غەرپ ئۆچمەنلىكىدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمان ۋە تۈرك ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشىدەك خەلقئارا سەتچىلىكنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولدى.
مانا بۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغىنىغا 21 كۈن بولغان بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ توختايدىغانلىقىدىن ئەسەر يوق. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بېرىپ تاقىلىدىغانلىقى خەلقئارادا ئورتاق قاراشقا ئايلاندى. دېمەك، دۇنيا بۈگۈن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئالىبۇرۇن كىرىپ بولدى. ئۇنداقتا، بۇ ئۇرۇش ئاقىۋىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن زادى قانداق ئالاقىسى بار؟
ئەمەلىيەتتە خۇددىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى غەربنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ ئوخشاشلا غەرب قىممەت قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىمۇ «يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى» نىڭ قايتا تەكرارلانماسلىق شەرتى بىلەن ئىنسان ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ دۇنيا تېنچلىقىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىدەك پىرىنسىپ ئاساسىدا بېكىتىلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان بۈگۈنگىچە ئوتتۇرىغا چىققان خەلقئار قانۇن، نىزام، كېلىشىم ۋە ئەھدىنامىلار «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامەسى» ۋە «ب د ت ئەھدىنامىسى» ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان.
بۇ نوقتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئاقىۋىتى نۆۋەتتىكى «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى» نىڭ ئاقىۋىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى» دا كىمنىڭ غەلىبە قىلىشى، بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ياكى قۇتۇلالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان زىل مەسىلىدۇر.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.