ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتىمۇ ياكى سىياسىي تەشۋىقات ساھەسىدىكى «ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى» مۇ؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-09-18
Share
uniwersitet-diniy-koz-qarash.jpg شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن «دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تازىلاش» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
Photo: RFA

ئىگىلىشىمىزچە، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تازىلاش» تېمىسى بويىچە زور كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلغان.

10-سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇستەھكەم مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش» چاقىرىقى بويىچە «ئىلمىي مۇھاكىمە» يېپىنچىسى كىيدۈرۈلگەن تەشۋىقات يىغىنى ئېچىلغان.

مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ-كىچىك 20 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتىن چاقىرتىلغان 160 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلىم ساھەسىدە مەلۇم نوپۇزغا، جەمئىيەتتە بەلگىلىك نام-ئابرۇيغا ئىگە پروفېسسورلار ۋە ياش دوكتورلارنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يىغىندا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش» ئۈچۈن چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ بەلگىلىمىگە «ئىككىنى قىلماسلىق» ۋە «ئالتىنى چەكلەش» دەپ نام بېرىلگەن.

«ئىككىنى قىلماسلىق» دېگىنى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى «ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق» ۋە «ستۇدېنتلار دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق» نى كۆرسىتىدىكەن. «ئالتىنى چەكلەش» دېگىنى «دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش، دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىنى چەكلەش، دىنىي ئىدىيىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىنى چەكلەش، دىنىي سۆز-ئىبارە ۋە مۇھاكىمىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىنى چەكلەش، دىنىي تۈستىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىنى چەكلەش ھەمدە زوراۋانلىق-تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلىدىغان ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىنى چەكلەش» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىكەن.

ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان پەزىلەت خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى چېكىدىن ئاشقان بۇ خىل كەيپىياتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئاساس قىلغان ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سىياسىي ئىدىيە مائارىپى بويىچە نۇقتىلىق پەنلەر تۈرى، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ۋە ئىسلام دىنى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئارقا-ئارقىدىن تەسىس قىلىنغان. بۇ ئورۇنلارغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مەسئۇل ئورگانلاردىن ليۇ بىن، ۋۇ فۇخۇەن قاتارلىق خىتايلارنى يۆتكەپ كېلىپ مەسئۇل قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي تەشۋىقات مۇنبەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

10-سېنتەبىر، يەنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىندا نيۇ رۇجى، ليۇ بىن، ئابابەكرى ئابلەت، گۈلنار غوپۇر، دىلمۇرات ئۆمەر قاتارلىقلار «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تازىلاشتا، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن تېمىلاردا ماقالە ئوقۇغان.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ئاتموسفېراسىدىن ئەركىن ۋە ھۆر پىكىرلەر غايىب بولسا يېڭى ئەۋلادتا ئىجادىيەت كۈچىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇش باشلىنىشى بىلەن 4-سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ «دىنىي ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش» تېمىسى بويىچە بىر مەيدان تەشۋىقات يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

يىغىندا مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مائارىپ سېپى بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى كۈرەشتىكى ئەڭ مۇھىم ساھە، يەنى ‹ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى›. ئالىي مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ‹ئۈچ گەز دەرس مۇنبىرىدىمۇ سىياسەتنى تەكىتلەيدىغان› لاردىن بولۇشى كېرەك.»

يىغىن كۈنتەرتىپىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەرقايسى كەسىپلەردە تونۇلغان ئۇيغۇر پروفېسسورلار ۋە دوكتورلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسىي ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەر مۇھىتىدا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقات ھاۋاسى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىك تەسىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت