لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پروفېسسورى رەيچىل خاررىس خانىم 11-يانۋار كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئېلليوت خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر مىراسلىرى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. رەيچىل خانىم لېكسىيەسىدىن كېيىن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا ساياھەتچىلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» قىزغىنلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل شەكىلدە باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلدى.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىزنىڭ رەيچىل خاررىس خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس سۆھبەت زىيارىتىدە بولسۇن.

مۇخبىر: رەيچىل خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
رەيچىل خاررىس: مەمنۇن بولدۇم.
مۇخبىر: بىلگىنىڭىزدەك، ئۇسسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئادەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە توي ۋە باشقا سورۇنلاردا دائىم ئوينىلىدۇ. ئۇسسۇلنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بايراملاردا ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشقا تىرىشماقتا. سىزچە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشتىكى ئەمەلىي تەسىرى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى نېمە؟
رەيچىل خاررىس: مەن ئۆزۈمنى بۇ جەھەتتىكى مۇتەخەسسىس دەپ ئويلىمايمەن. ئەگەر مەن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىيالىغان بولسام، بۇ جەھەتتە ئۆزۈمنى مۇتەخەسسىس دەپ ئويلىغان بولار ئىدىم. شۇڭا مەن پەقەت ئومۇمىي جەھەتتىن سۆز قىلالايمەن. مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى كۆپ قاتلاملىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر پارچىسى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى مۇھىملىقىمۇ بار. مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى كەسپىيلىشىۋاتقان ناھايىتى چىرايلىق ۋە تەرەققىي قىلغان بىر سەنئەت شەكلىدۇر. شۇڭا مەن بۈگۈن لېكسىيەمدە سۆزلىگەن سەھنىلەشكەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلى بىلەن سورۇنلاردا ئوينىلىدىغان ئەنئىنىۋىي ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئوتتۇرىسىدا خېلى چوڭ پەرق بار.
مۇخبىر: سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقى توغرىلىق قانداق قارايسىز؟ بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە كەڭ كۆلەمدە قاماش، باستۇرۇش قىلمىشلىرى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتلىرى بىلەن قانداق باغلىغىلى بولىدۇ؟

رەيچىل خاررىس: مېنىڭچە، نۆۋەتتە خىتاي بازارغا سېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» قىزغىنلىقى ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر تېما. چۈنكى بىر تەرەپتىن، بۇ ناھايىتى ئېنىقكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارنى ئۇلار «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان رايونغا تېخىمۇ باغلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن جىددىي قانات يايدۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت تەشۋىقات پائالىيىتىدۇر. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەۋاتقان ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ۋاسىتە قىلىشى قارىماققا ئۇتۇقلۇق بولغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى سىز نۇرغۇن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە مەدەنىيىتىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. شۇڭا بۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر تېمىنىڭ قىزىقارلىق يېرى ئۇنىڭ نوقۇل تەشۋىقات بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدۇر.
مۇخبىر: سىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نى قوللىنىشتىكى مەقسىتى غەرىزى زادى نېمە؟
رەيچىل خاررىس: مېنىڭچە، بۇ چوڭ جەھەتتە ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ گەۋدىسىگە تېخىمۇ يېقىن باغلاشنىڭ بىر يولىدۇر. شۇڭا، بۇ سىياسىي جەھەتتىن مۇنداق بىر ئورتاق ئاڭنى تەشۋىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، يەنى «بىز ئەمدى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى پەقەت سەھنىلەردىلا كۆرۈپ ئولتۇرمايمىز، بەلكى بىزمۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئوينىيالايمىز. بۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟» دېگەننى تەشۋىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. سىزگە مەلۇم، بۇ يەردە سىياسىي ئامىل بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوخشاشلا ئىقتىسادىي ئامىلمۇ بار. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ پايدا ئالىدۇ.
مۇخبىر: خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى پەقەتلا بىر ۋاسىتە ياكى پايدىلىنىش قورالى ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويۇشىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى نېمە دەپ قارايسىز؟
رەيچىل خاررىس: مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۇنداق بولۇپ قېلىشتىن تېخى يىراق، يەنى ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن زور. مەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ پەقەتلا تەشۋىقات قورالى بولۇپ قالىدىغان ئۇنداق ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، دەپ قارىمايمەن.
مۇخبىر: سىزچە ئۇسسۇل ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە قانداق تەسىرى بار، دەپ قارايسىز؟
رەيچىل خاررىس: ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىشى خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان شۇنداق كۈچلۈك بىر قاراشنى شەكىللەندۈرگەنكى، بۇ قاراش ئۇيغۇرلار سىياسىي ئاپتونومىيەگە ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورنى بولۇشىغا لايىق ئەمەس دېگەن بىر خاتا تۇيغۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان. شۇڭا بۇ بىر چاتاق قاراشتۇر.

مۇخبىر: سىز ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارامسىز؟
رەيچىل خاررىس: ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىلا ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ھېسسىياتىنىمۇ ئۆزگەرتىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشىدۇر.
تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا نۇرغۇن خىتايلار ماڭا: «بىلەمسىز، ئۇ يەر بەك خەتەرلىك، مەن تېررورلۇقتىن قورقىمەن، مەن دىنىي ئاشقۇنلۇقتىن قورقىمەن» دېگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بىردىنلا ئۇلارنىڭ پۈتۈن چۈشەنچىلىرى بىراقلا ئۆزگىرىپتۇ. بۇ بەكلا غەلىتە بىر ئىش.
مۇخبىر: دوكلاتلاردا دېيىلگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، سىزچە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرى بىلەن قانداق ياندىشىدۇ؟
رەيچىل خاررىس: مېنى بەك ئويغا سالىدىغىنى ساياھەتچىلىك ساھەسىدە «ئۇسسۇلچى» بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر. مېنىڭ ھازىر خىتايغا ۋە ياكى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ بۇ قىزلارنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىم يوق. ئەمما مېنىڭ ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغۇم بار. مەن ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىگە ئېلىپ كىرىلىپ ئۇسسۇل ئويناشقا سېلىنغانلىقىدەك كەچۈرمىشلىرىگە بەك قىزىقىمەن، بۇلارنى بىلگۈم ۋە چۈشەنگۈم بار. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ خىتاينىڭ «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» تەشۋىقاتىدا ساياھەتچىلەرنى بۇ رايونغا قىزىقتۇرۇۋاتقان ياكى جەلپ قىلىۋاتقان كىشىلەردۇر. مېنىڭچە، ئۇلار ئىنتايىن مۈشكۈل، ئامالسىز ۋە ئاجىز ئەھۋالدا، چۈنكى رايوندا يەنىلا مەجبۇرلاش ناھايىتى ئېغىر. مېنىڭچە، بىز ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.
مۇخبىر: زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
رەيچىل خاررىس: مەنمۇ خۇرسەنمەن. سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.