تەتقىقاتچى لېئو مايلېت: خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇسسۇلى...» دېگەنلىرى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بېسىۋېلىنغان مىللەتلەر ئۈستىدىكى مەدەنىيەت ئوغرىلىقىدۇر

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات-تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىكى باغچىلاردا، دېڭىز ساھىلىدىكى ساياھەت رايونلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىۋالغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى مەيدان ئۇسسۇلى قىلىپ دوراپ ئويناۋاتقانلىقىدەك ھالەتنىڭ بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بۇلارنى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەنلىكى، ھەۋەس قىلىشقا ئېرىشكەنلىكى دەپ تەسۋىرلىمەكتە.

بۇ ھەقتە «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» دا «شىنجاڭ ئۇسسۇلى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشتى؟» دېگەن تېمىدا 17-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بىر تەشۋىقات ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇللىرى «شىنجاڭ ئۇسۇلى» دېگەن نام ئاستىدا تەكرارلىنىدۇ. ئۇنىڭدا «شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا توردا شىنجاڭ ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرغانىدى» دېيىلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىۋالغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى مەيدان ئۇسسۇلى قىلىپ دوراپ ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2010-يىلى 23-ماي، بېيجىڭ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىۋالغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى مەيدان ئۇسسۇلى قىلىپ دوراپ ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2010-يىلى 23-ماي، بېيجىڭ. (REUTERS)

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناش» ئەندىزىسى بويىچە يالغۇز ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق باغچىسىلا ئەمەس، بەلكى لەنجۇ، شىئەن، شېنياڭ، سەنيا دېگەندەك جايلاردىكى باغچە، مەيدانلاردا خىتايلار تەرىپىدىن ئوپچە ئوينايدىغان ئاممىۋى ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ بارغانچە ئومۇملاشماقتىكەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تېمىلار، قىسقا سىن بەھىرلەش سۇپىلىرىدا ئالقىشلىق تېمىغا ئايلانغان بولۇپ، پۈتۈن توردا تارقىتىش (ئوقۇش) مىقدارى 1 مىليارد 600 مىليون قېتىمدىن ئاشقانىكەن. ۋېيبوغا «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ كىرگۈزگەندە، بۇنىڭغا دائىر كۆرۈلۈش سانى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان تېمىدىن سەككىزى، بىر مىليوندىن ئاشىدىغىنىدىن 50 كە يېقىنى بارلىقى مەلۇم بولغان.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دىكى بۇ ماقالىدە «شىنجاڭ ئۇسۇلى» نىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى يەكۈنلىنىپ: «شىنجاڭ ئۇسۇلى جۇڭگو ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى بىر كۆزنەككە ئايلاندى؛ سەھنىدىكى شىنجاڭ ئۇسۇلىغا مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى، كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلى، كلاسسىك ئۇسسۇل، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۇسسۇل تىلى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىرى ‹شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش› تىكى ئاجايىپ نادىر ئەسەرلەرگە ئايلاندى» دېيىلگەن.

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى نام قويۇۋالغان بۇ «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» كىمنىڭ ئۇسۇلى؟ بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك مىللىي سەنئەت ئەنئەنىسى ئىدى. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە مەزكۇر ئۇسۇلنى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى دەپ ئاتلىماستىن بەلكى «شىنجاڭ ئۇسۇلى» دەپ ئاتاپ تەرغىب قىلماقتا.

ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى تەتقىقاتچىلىرىدىن، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راچېل خاررىس (Rachel Harrs) خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشىش سەۋەبى ھەققىدىكى قارىشى شىنجاڭ گېزىتى ماقالىسى چىقارغان يەكۈندىن پەرقلىقتۇر. ئۇ قاراشلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «خىتايلارنىڭ بۇ خىل ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى ‹شىنجاڭ ئۇسسۇلى› دەپ ئويناۋاتقانلىقى بەكمۇ غەلىتىلىك، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بۇ قەدەر ئالقىشقا ئېرىشىپ كېتىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تەشۋىقات ۋە تەدبىرلىرى زور رول ئوينىماقتا. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلى ياكى قازاق ئۇسۇلى بويىچە ئەمەس بەلكى ‹شىنجاڭ ئۇسسۇلى› دەپ تۇرۇپ كېڭەيتىۋاتقانلىقىدىنمۇ كۆرەلەيمىز. يەنە شۇنىڭدەك خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئۇسۇل سەنئىتىنى تاڭ دەۋرلەردىكى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپ تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنى ئاشكارىلايدىغان يەنە بىر تەرەپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى قىلىپ باغلاپ كۆرسىتىشتەك تېخىمۇ چوڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى».

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىۋالغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى مەيدان ئۇسسۇلى قىلىپ دوراپ ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 4-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىۋالغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى مەيدان ئۇسسۇلى قىلىپ دوراپ ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 4-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ. (REUTERS)

بىز، چەتئەللەردە تارقىتىلىدىغان يوئۇتۇب قاتارلىق ۋىدىيو قاناللىرىدىن «ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش» دېگەندەك خىتايچە خەتنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدىمۇ، ھەقىقەتەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ ئۆگىتىۋاتقان ئونلىغان ۋىدىيولۇق ئۇيغۇر ئۇسسۇلى دەرسلىكلىرى ئېچىلدى. ئۇلاردا ئۆگەتكۈچىلەرمۇ ۋە ئۆگەنگۈچىلەرمۇ ئوخشاشلا خىتايلار ئىدى. بۇلاردا مەزكۇر ئۇسۇللارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى ئىكەنلىكى ھەم ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلمىگەن. پەقەت «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دېگەن نام ئاستىدا چۈشەندۈرۈلگەن.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى، مائارىپى ۋە تىلىمۇ ئوخشاشلا مەدەنىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە قانداق بولۇپ، خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇلىنى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ ھەۋەس بىلەن ئۆگىنىدىغان بولۇپ قالدى؟

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئەسلى ساپلىقى، گۈزەللىكى ۋە مىللىي سەنئەت كىملىكىنى بۇزۇپ «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دېگەن نامدا تەرغىب قىلىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولۇۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىپادىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا تارقىلىشى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭمۇ ئىنكاسىنى قوزغىماقتا.

بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيەدىكى سەنئەتكار، ئۇيغۇر مۇقام ۋارىسى شۆھرەت تۇرسۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئورتاق ئېڭى» شوئارى ئاستىدا ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، پەقەت بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ تېخىمۇ يالىڭاچ تۈسكە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور راچېل خاررىس خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارغا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان غەرىزىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «خىتايلارنىڭ ناھايىتى خۇشال ھالدا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئويناۋاتقانلىقى مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ، چۈنكى بۇ خىل مەدەنىيەت ئوغرىلىقى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرمەكتە. ئەگەر ھازىر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى خالىغان يىغىلىشلاردا ئۇسۇل ئوينىيالىغان بولسا بىز بۇنچە غەزەپلەنمىگەن بولاتتۇق. بىز بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۈگۈن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوپچە پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمە-لاگېرلارغا ‹تېررورچى ياكى بۆلگۈنچى› دېگەندەك بوھتانلار بىلەن ئۇزاق يىللىق قاماقلارغا سولانغانلىقىنى بىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنداق ئېغىر باستۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى جىنايەتلىرىنى يېپىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان».

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا تەۋە مىللىي مەدەنىيەتنىمۇ خىتاينىڭ قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇلىغا بىردىنلا ھەۋەس قىلغۇچى خىتايلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىدەك ھادىسىلەرگە دىققەت قىلىۋاتقان، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى لېئو مايلېت(Leo Maillet) ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«خىتايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا تەۋە مەدەنىيەت سەنئەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۇرۇنۇشىنى مەن 2019-يىلى شىئەندە ساياھەتتە بولغىنىمدا ھېس قىلغانىدىم. ئۇلار تەنھەرىكەت قىلىدىغان مەيدانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس كۆڭلەك كىيىملىرىنى، دوپپىلىرىنى كىيىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىلىرىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلارنى تولا ئۇچراتقانىدىم. ئەمما ئۇلاردىن ‹بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىملىرى ۋە مۇزىكىلىرىغۇ، سىلەر ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ باققانمۇ؟› دەپ سورىغىنىمدا بولسا، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپمۇ باقمىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ھاقارەت قىلغانلىق، بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرنى بىر تەرەپتىن كەمسىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا خاس ھەممە نەرسىلەرنى تارتىۋېلىش، ئوغرىلاش مۇستەملىكىچىلەرگە خاس ئورتاق قىلمىشتۇر. مىسال ئالساق، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان مەدەنىيەت-سەنئەتنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋەلىكىنى قەستەنلىك بىلەن ئىنكار قىلىپ ‹شىنجاڭ ئۇسسۇلى›، ‹شىنجاڭ مۇزىكىسى›، ‹شىنجاڭ نېنى› دېگەندەك ئىسىملارغا ئۆزگەرتىپ ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋالماقتا. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بېسىۋېلىنغان مىللەتلەر ئۈستىدىكى مەدەنىيەت ئوغرىلىقىدۇر».

ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىلا ئەمەس، يەنە، ئۇيغۇر دوپپا، ئەتلەس ۋە كىيىم-كېچەكلىرى يەنە باشقا تۈرلۈك مەدەنىيەت-سەنئەت، ئەنئەنىۋى ھۈنەر كەسىپ بۇيۇملىرىمۇ خىتاينىڭ ئىجادىيەتلىرى سۈپىتىدە دۇنيا سەھنىلىرىدە شىنجاڭ سەنئىتى، شىنجاڭ مۇزىكىسى، شىنجاڭ سەنئەت بۇيۇمى دېگەن ناملاردا تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى.

2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى رەسمىي يولغا قويغان بىر ۋاقىتتا يەنە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭى تۇرغۇزۇش دېگەندەك ناملار بىلەن، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى خىتايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ھېلىھەم كۈچەيتىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

پروفېسسور راچېل خاررىس ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتىمۇ، خىتايلارنىڭ يەنە پەرۋاسىز ھالدا ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ ئويناشلىرىنىڭ كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ تەئەججۈپلەندۈرىدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«مەن ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ياشىغان ۋاقىتلىرىمدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تەبىئىي گۈزەل ۋە قىزغىن ئۇسۇللارنى تويلاردا، مەشرەپلەردە، يىغىلىشلاردا ئوخشىمىغان مەيدانلاردا ئوينىغانلىقىنى كۆرگەن، مەن سەھنىلەردە كەسپىي ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلار ئوينىغان نادىر ئۇسۇللارنىمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۇسۇل ئوينايدىغان بۇنداق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلىنى ئويناشتىنمۇ چەكلەنگەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا، مەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش، يوقىتىشلارغا پىسەنت قىلماستىن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئوغرىلاپ ‹شىنجاڭ ئۇسۇلى› دەپ ئوينىيالايدىغانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنىپ يېتەلمەيمەن. ئۇلار چوقۇم بۇ خىل مەدەنىيەت ئوغرىلىقىنىڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك».

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاممىۋى تەنھەرىكەت ئۇسسۇلى سۈپىتىدە ئوپچە ئوينايدىغان ھالەت بارغانچە ئومۇملاشقان بولسا، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرچە كىيىنىۋالغان خىتايلارنىڭ سەھنىلەردە، ئويۇن مەيدانلىرىدا ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىدەك غەلىتىلىكلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىپادىسىنى تاپماقتا. ھەتتا چەتئەللەردىمۇ، خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى قويۇپ ئاشكارا ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى دوراپ ئويناپ بايراملاردا پاراتتىن ئۆتكەنلىكىدەك ساختا ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەنىدى.