«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ خىتايچىلىشىشى دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى بىر مۇھىم تەركىب بولغان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات قورالىنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، شۇنداقلا شەكىل جەھەتتە بارغانچە خىتايچە ئۇسلۇبتىكى مېخانىكىلىق ھەرىكەتلەر تىزمىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئىلگىرى بۇ خىلدىكى مېخانىك ئۇسسۇللارنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەرقاچان ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان دىنىي زاتلارغىچە مەجبۇرىي ئويناتقان دائىرىلەرنىڭ ھازىر بۇنى ھەرقايسى يېزا- قىشلاقلاردىكى بىر تۈرلۈك سىياسىي پائالىيەتكە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«تەڭرى تاغ تورى»، «نۇر تورى» قاتارلىق ئاممىۋى تور ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ يىللىق «خىتاي ساياھەت كۈنى» پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئۈچۈن 19-ماي كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا تۈمەن كىشىلىك مەشرەپ نامىدا ئۇسسۇل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت باش بولۇپ تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئۇسسۇل شەكلى قاتارلىق ئامىللاردىن تاماشىبىنلار ۋە ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ دائىرىلەر ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە مەلۇم مەزگىللىك كوللېكتىپ مەشىقنى باشتىن كەچۈرگەن سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكى ھەققىدە تەخمىنلەرنى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كىشىلەرنى تېخىمۇ ئويلاندۇرغىنى، بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك ئۇسسۇل پائالىيىتىدە بىر تۇتاش ئورۇنلانغان مەشرەپ ئۇسسۇلىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئېغىر شەكىلدىكى مېخانىكىلىق رىتىمى بولغانلىقى ئىكەن.

مۇلاھىزىچىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، جۈملىدىن ئوينىلىۋاتقان ئۇسۇللار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئۇيغۇر ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا مەدەنىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلار بىلەن مەشغۇل بولغان مۇتەخەسسىس كرىستى سىمىس «تەرەققىيات ئۈچۈن ئۇسسۇل ئويناش» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئۆزى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «بىز ناخشا ۋە ئۇسسۇلسىز ياشىيالمايمىز، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۆلسە ئۇيغۇرلارمۇ ئۆلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە غول مەزمۇنلار قاتارىدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان تېمىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى مەشرەپلەردە بولسۇن، ھەرقاچان ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە ئۇنىڭغا جۆر بولۇپ كېلىدىغان ئۇيغۇر خەلق ناخشا، مۇزىكىلىرى ئارقىلىق ئۆز مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ بىردەك «بىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى باشقىلارغا پەقەت مۇشۇ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق كۆرسىتەلەيمىز، كىشىلەرمۇ بىز ئوينىغان ئۇسسۇلغا قاراپ بىزنىڭ كىملىكىمىزنى بىلىۋالىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ۋە ھازىرچە قولىمىزدا بار بولغان سىن ماتېرىياللىرى خىتاي دائىرىلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ مېخانىك رىتىمدىكى ئۇسسۇللارغا، جۈملىدىن تىپىك بولغان «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» ئويناشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ ئارقىلىق دائىرىلەر تەلەپ قىلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئۆلچىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار مەۋجۇت. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۇچۇرلىرى بولسا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «مىللەتلەر ئارا سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» شوئارى ئاستىدا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭ كۆلەمگە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقىنى، ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بۇيان ئويناپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئاشكارا سورۇنلاردا ئوينىشىدۇر. خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەنگەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مەدەنىيەتلەر ئارا سىڭىشىش تارىختا دائىملىق ھادىسە ھېسابلانسىمۇ، ھازىرقى كۈندە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىشى» ئارقىسىدا باشقىچە مەقسەتلەرنىڭ بولۇشىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتايلارنىڭ بۇ خىلدىكى يات مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇلىنى ئۆگىنىشىنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرلەردىن بولغان سۈي ۋە تاڭ سۇلالىلىرى (مىلادى 581-907-يىللار) مەزگىللىرىدىلا خىتايلارنىڭ پايتەختى چاڭئەن شەھىرىدە «غۇز ئۇسسۇلى» نامىدىكى غەربىي يۇرت ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ۋە ئۇنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىش ئومۇمىي مودىغا ئايلانغان. خىتاي سەنئەتكارلىرى، جۈملىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئەدىبىلىرى بۇ ھادىسىنى تەسۋىرلەپ يۈزلىگەن نەزمىلەرنى پۈتكەن.

مەدەنىيەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى ئۆز ‏- ئارا قوبۇل قىلىنىشى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۇسسۇل مەدەنىيىتىگە ئىگە بولمىغان خىتاي ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىكى گۈزەللىك ۋە نەپىسلىككە ھەۋەس قىلىپ ئۇنى ئۆگىنىش ئىستىكىدە بولۇشى بەكمۇ تەبىئىي ئەھۋال ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن قاھار بارات ئەپەندى ھازىر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىسىغا «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» ئوينىتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باشقا غەرەزلىرى بارلىقىنى تەخمىن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ پىكرىچە، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قەدەر داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىنى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ھاۋالە قىلىۋاتقان ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ شۇنداق ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدە ئۇنتۇلۇشقا يۈز تۇتۇشى، ئۇنىڭ ئورنىغا بىغۇبار ئۇيغۇر ياشلىرىدا «جاپى» نامىدا ئاتالغان مېخانىك ئۇسسۇللارنىڭ مودا بولۇشى ھەمدە تەدرىجىي ھالدا كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۇسسۇلنىڭ يېڭى ئورۇنلىغۇچىلىرىغا ئايلىنىش ئىنتىلىشلىرى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.