«بېيجىڭدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر كۆرپىدە، تىجارەتچى، ئەرزدار ئۇيغۇرلار تۈرمىدە» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بېيجىڭدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدىكى ئالدامچىلىقى ئۈستىدە بەس-بەستە مۇنازىرە قوزغىغان ۋە مەزكۇر توربېتى شۇ كۈنى دەرھال خىتاينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
مىخايېل ئىسىملىك بىر مۇخبىر ئۆزىنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي باياناتچىسى ليۇ شىنخۇانىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇسۇلمان ۋەكىللەرگە ئېلىپ بېرىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدىكى باياناتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «بېيجىڭدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر كۆرپىدە، تىجارەتچى، ئەرزدار ئۇيغۇرلار تۈرمىدە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ياۋروپادىكى «چۆللۈكلەر كۇلۇبى» تور بېتىدە ئېلان قىلغاندىن كېيىن بېيجىڭدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار ئىچىدە خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدىكى ئالدامچىلىقى ئۈستىدە بەس-بەستە مۇنازىرە قوزغىغان ۋە مەزكۇر توربېتى شۇ كۈنى دەرھال خىتاينىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
مىخايېل ماقالىسىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، يىغىن باياناتچىسى ليۇ شىنخۇا يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە چەتئەللىك ۋە خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە، يىغىنغا ئۆزىنىڭ بىر تۇتاش تارقىتىپ بەرگەن مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بىلەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكىدىن كۆپلىگەن خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئارانلا قىسىلىپ كىرگەنلىكى، خېلى ئالدىنقى قاتاردىكى يامان ئەمەس ئورۇندا ئولتۇرغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى شىنجاڭ، تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پىكىر تەلەپلىرى بىلەن مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى شىنجاڭ، تىبەت خىزمىتىدىكى دوكلاتى، بۇنىڭدىن كېيىن مەركەزنىڭ شىنجاڭ بىلەن تىبەتكە يۈرگۈزىدىغان سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.
مىخايېل ماقالىسىدە يىغىن مەيدانىدىكى باياناتچىنىڭ سۆزىنى مۇنداق بايان قىلغان:
- ئاخبارات ئېلان قىلىش باشلاندى. يىغىن باياناتچىسى ليۇ شىنخۇا سوئال سوراش ۋاقتىنىڭ كۆپرەكىنى خىتاي مۇخبىرلارغا، ئازراقلا قىسمىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بەردى. نازۇك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، سۆز ئويۇنى قىلىشتەك ئەنئەنىۋى خىتاي كومپارتىيىسىگە خاس ئۇسلۇبتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا، ئۇلارنىڭ ياتاق، تاماق مەسىلىلىرىنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
باياناتچى ليۇ شىنخۇا يىغىنغا قاتنىشىدىغان مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بارلىق مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ ياتاقلىرىغا «بېيجىڭ رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 3-ئايلىق ناماز ۋاقتى جەدۋىلى» ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىم قويۇپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتچى ليۇ شىنخۇا سۆزىدە مۇنداق دېدى:
- سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنى 3-مارت باشلىنىدۇ، مۇسۇلمان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەر كۈنى يىغىندىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بەش ۋاق نامىزىنى تولۇق ئوقۇيدۇ. نامازدىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار دىنىي قائىدىسى بويىچە پاكىز يۇيۇنۇپ،تاھارەت ئېلىپ، ناماز كىيىمى كىيىدۇ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، تەئىد-ئەركان بىلەن نامازغا تۇرىدۇ ھەم قۇرئان ئوقۇيدۇ. مېھمانخانىنىڭ مۇسۇلمانچە رېستورانىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا نان، كاۋاپ قاتارلىق مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر تەييارلاندى.
ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
- مەن باياناتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ، تاسلا قالدىم كۈلۈپ سالغىلى، بۇنداق ۋەز- نەسىھەتنى خىتاي كومپارتىيىسى ئالاھىدە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن خۇيزۇ موللا - ئۆلىمالارمۇ قىلالمايدۇ. بۇ ماڭا خۇددى تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى موللا ئۆمەرنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئافغانىستاندا ئېلان قىلغان باياناتلىرىنى ئەسلەتتى.
ئۇزۇن يىللار بېيجىڭدا ياشىغان ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت بېيجىڭدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قاراشلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە بولغان پوزىتسىيىسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مىخايېل ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
- خىتاي كومپارتىيىسى ھەقىقەتەن ھىيلە-مىكىرگە تولۇپ كەتكەن بىر ھاكىمىيەت، خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان باستۇرۇش سىياسىتىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى سالغان مەسچىتلەرگە كىرىپ ئەركىن ھالدا ئىبادەت قىلىشى، روزا تۇتۇشى، دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى ۋە ھەتتا قۇرئان ئوقۇشىمۇ چەكلىنىپ، بارلىق ئىسلامى ھەرىكەتلەر تېررور ھېسابلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشاۋاتقان شارائىتتا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ۋەكىللەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى ئوچۇق - ئاشكارا بوياشتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك. بۇ يەردە تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسى ئەمەلىيەتتە ئېشەك گۆشى كاۋىپى بىلەن خىتاي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ ياخشى كۆرىدىغان چوشقا گۆشى كاۋىپى يەنى ماۋ چوشقا گۆشى كاۋىپى بىلەن خىتاي ئىچىدە داڭلىق مېھمانخانىدۇر. بېيجىننىڭ خەيدەن رايونىغا جايلاشقان بۇ مېھمانخانىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىغا كەلگەن 37 نەپەر شىنجاڭلىق شاھلارچە كۈتۈلگەن بىلەن، يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان قۇللارچە مۇئامىلىگە ئۇچراپ بېيجىڭدىن ھەيدەلگەن ۋە بىر قىسىم ئەرزدار ئۇيغۇرلار، تىجارەتچىلەر بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان. ئەگەر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئېكە مۇسۇلمان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يىغىندىن كېيىن بېيجىڭدا بىرەر مېھمانخانىدا قونماقچى بولىدىكەن، بېيجىڭدىكى مېھمانخانىلار ئۇيغۇرلارنى قوندۇرۇش ئەمەس، مېھمانخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن كىرگۈزمەيدۇ. خىتاينىڭ خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان دىنىي سىياسىتى مۇتلەق پەرقلىق، ئۇلار خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرىنى ئۆزلىرىدىن دەپ ھېسابلايدۇ، ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرىدۇ.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.