خىتاي مۇستەملىكىسى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مەھرۇملۇق
2023.02.13
مەھرۇملۇق-تارىخشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە سىياسىي ئىقتىساد تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپتە غەربىي ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ سىياسىي ئىقتىساد تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلگەن. بۇ ماركسىزىم نەزەرىيەچىلىرىمۇ بۇ ئۇقۇمغا مەلۇم دەرىجىدە يانداشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كاپىتالىستلار مال-مۈلۈك ۋە بايلىق توپلاش ئارقىلىق ئېكسپىلاتاتسىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى پايدا ئېلىش ھېسابىغا باشقىلارنى مەھرۇملۇققا مۇپتىلا قىلىدىكەن. ۋاھالەنكى، مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت ۋە خەلقلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەھرۇملۇق ئۇلارنىڭ دائىملىق قىسمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇستەملىكىچىلەر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مۇستەملىكە ئوبېيكتلىرىنى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. يەنى مۇستەملىكىچىلەر، ھەم كۆرىنىدىغان ھەم كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نۇقتىلاردىن مۇستەملىكە ئوبېيكتلىرىنى مەھرۇم قالدۇرىدۇ شۇنداقلا ئۇلارغا تەۋە بولغان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى تارتىۋالىدۇ. مۇستەملىكە قىلىنغۇچى خەلققە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەھرۇملۇق-ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان يەرلىرىنىڭ تاۋارلاشتۇرۇلۇشى، ئەمگەك خاراكتېرىنىڭ ياللانما ئەمگەككە ئۆزگىرىشى ۋە قىممەتنىڭ كونترول قىلىنىشى قاتارلىق تۈزۈلمە ئۆزگىرىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ ئاتالغۇغا تېخىمۇ تولۇقراق ئېنىقلىما بېرىش ئۈچۈن، مۇستەملىكىچىلىك ۋە كاپىتالىزىم ئۈستىدە ئىزدەنگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزقاراشلىرىغا نەزەر سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، تەتقىقاتچى نەنسى فىرازېر (Nancy Frazer) نىڭ «ئىرقچىلىق كاپىتالىزمىدىكى مەھرۇم قالدۇرۇش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە» ناملىق ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، بۇ خىل مەھرۇم قالدۇرۇش قىلمىشى ئادەتتە ھاكىمىيەت كۈچى ۋە توختامنى قالقان قىلىش ئارقىلىق «قانۇنلۇق» يوللار بىلەن خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش، ئەمگىكىنى سۈيىئىستېمال قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئىپادىسى بولغان مەھرۇم قالدۇرۇش قىلمىشى ھەققىدە جەمئىيەتشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ تۈرلۈك نۇقتىئىينەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس ۋە ئانتروپولوگ دەررېن بايلېر (Darren Byler) 2022-يىلى نەشر قىلىنغان «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنى ئوبيېكت قىلغان «مەھرۇم قالدۇرۇش» سىياسىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. دەررېن بايلېر، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەھرۇم قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» غا ئوخشاتقان. چۈنكى خىتاينىڭ دۆلەت سىستېمىسى ۋە ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك، ئىرقىي ۋە دىنىي جەھەتتىن پەرقلىق بولۇشىنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ، ئۇلارنى غايەت زور مەھرۇملۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇشنى، شۇنداقلا بۇ ئارىدىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتىكەن.
دەررېن بايلېر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «مەھرۇم قالدۇرۇش» سىياسىتىنىڭ تارىخىنى 1950-يىللارنىڭ بېشىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئېلىپ بارغان «يەر ئىسلاھاتى» ۋە «كوممۇنالاشتۇرۇش» ھەرىكىتىگە باغلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ھەرىكەت داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى كوللېكتىپ ياشاش ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىق قىلىش باھانىسى بىلەن، ئۇيغۇر دىيارىدا يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە يەر-زېمىنى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنى ئومۇمىيۈزلۈك تىزگىنلەش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى شۇكى، ئەڭ دەسلەپتە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىكى كونا دەرەخلەر كېسىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى دەرەخلەر تىكىلگەن. دەررېن بايلېر 2015-يىلى خوتەنگە بارغان ۋاقتىدا زىيارەت قىلغان مەلۇم يېزىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئىنكاسىچە، بۇ يېزىدا ھازىرغىچىلىك ئۈچ قېتىم تارىخىي خاراكتېرلىق «دەرەخ كېسىش» ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھەر قېتىم «غەربىي شىمالنى ئېچىش» ياكى «مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى» قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، تارىختىن بۇيان شۇ جايلارنى كۆكەرتىپ كەلگەن يەرلىك دەل-دەرەخلەرنى يوقىتىپ كەلگەن ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى كونا يەرلىك دەل-دەرەخلەردە ئەجدادلىرىنىڭ قان-تەرى ۋە روھى بار دەپ قارايدىكەن، شۇنداقلا ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ دەل-دەرەخلەرنى ۋە تەبىئىي مۇھىتنى قوغداشقا ئېتىبار بېرىپ كەلگەنىكەن. ئەينى ۋاقىتتا دەررېن بايلېر زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ قىلمىشنى «يەرلىك خەلقنىڭ بۇ زېمىننىڭ قەدىمكى تارىخى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈۋېتىش» دەپ ئىپادىلىگەن.
شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، كوممۇنالاشتۇرۇش شوئارى ئاستىدىكى بىر قاتار ۋەيران قىلىشلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى بولغان «دەل-دەرەخ كېسىش» ھادىسىسى پەقەتلا تۇنجى سىگنالدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور مەھرۇم قالدۇرۇش دولقۇنلىرى كۆتۈرۈلگەن. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى» نامىدا ئۇيغۇر رايونىغا تۇتاشتۇرۇلغان تاشيول ۋە تۆمۈر يوللارنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلىرىن شىددەت بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى تېزلەشتۈرگەن. ئۇيغۇر رايونىغا سېلىنغان زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي مەبلەغ تۈرتكىسى بىلەن، غايەت زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پاختا تېرىش قاتارلىق باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ يەرلىشىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. گەرچە «ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى» خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن تارتىۋېلىنىشى، مەھسۇلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي سېتىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى نامراتلىق ۋە بېقىندىلىق ھالىتىگە دۇچار قىلدى. ئۇندىن باشقا توختاملارنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ھاشار ۋە ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلىدىغان سېلىقلارنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاشۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تالان-تالاج قىلىنىشىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرىۋەتتى.
مەيلى دەررېن بايلېر بولسۇن ياكى باشقا تەتقىقاتچىلار بولسۇن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يۇرت ماكانلىرىدىن «كۆچۈرۈش» مەسىلىسىنى «مەھرۇملۇق» نۇستىسىدىن تولىمۇ ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلغان. تەتقىقاتچى سام تاينېن (Sam Tynen) ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى 3 باسقۇچلۇق مەھرۇم قالدۇرۇش» ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق «مەھرۇم قالدۇرۇش» سىياسىتىنىڭ 2003-يىلىدىن باشلانغان «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» پروگراممىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 2014-يىلدىن 2017-يىلغىچە ئېلىپ بارغان زىيارەت ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «مەھرۇم قالدۇرۇش» سىياسىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك 3 باسقۇچ بويىچە يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ: بۇ باسقۇچلار يېزىدىن شەھەرگە كۆچۈش، شەھەردە سىغدۇرۇلماسلىق ۋە شەھەردىن ھەيدىلىش قاتارلىقلار. بۇ سىياسەت ئاساسەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئاۋۋال تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ياشلارنى شەھەرگە كېلىپ ئەركىن تەربىيەلىنىش ۋە ئەركىن خىزمەت پۇرسىتى ئىزدەشكە زورلاش؛ ئۇيغۇر ياشلىرى يېزىلاردىكى يەرلىرى ۋە ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كۈتۈلمىگەن ئىجتىمائىي بېسىم ۋە قاتمۇ قات قاماللارغا ئۇچراش سەۋەبىدىن ئىشسىزلىق، قىممەتسىزلەشتۈرۈلۈش ۋە كەمسىتىلىش قاتارلىق تالاپەتلەرگە دۇچار بولغان. بۇ نۇقتىدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى شەھەرلەرگە جەلپ قىلىپ كېلىشى، ئۇلارنى قاپقانغا دەسسىتىپ قىلتاققا چۈشۈرۈش ھىيلىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى؛ خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلدىن باشلاپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى خەلق ھەرىكىتى» قوزغاپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېزىدا قالغان ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق، شەھەرگە كەتكەن ياشلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىغان. ئۇلار يېزىغا قايتقان ھامانلا، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە تاشلانغان. ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ يېزىدىكى تېرىلغۇ يەرلىرى، ئۆي-ماكانلىرى تارتىۋېلىنغان، شەھەردىكى تۇرالغۇ جايلىرى ياكى دۇكان، خىزمەت ئورۇنلىرىمۇ بوشىتىلىپ پېچەتلەنگەن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتكەن.
ئۇنداقتا، بۇ خىل «مەھرۇم قالدۇرۇش» سىياسىتى، خىتاي دۆلىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدا-زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى؟ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «مەھرۇم قالدۇرۇش» سىياسىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىغا مەنپەئەت ۋە ھىممەت ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن پۇرسەتكە ئايلانغان بولسا، ئۇيغۇرلارغا «بۈيۈك مەھرۇملۇق» قىسمىتى ئېلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارغا «ساپاسىز» ۋە «قالاق» تامغىسى ئۇرۇلۇپ، ئۇلارنى ئۆي-ماكان، مال-ۋاران ۋە يۇرتلىرىدىن ئايرىپ تاشلىدى. ئۇندىن باشقا يەنە سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي-ئېتىقادى، تىل ۋە مەدەنىيەت كىملىكى غايەت زور بېسىمغا دۇچ كېلىپ، ھەر جەھەتتىن خىتاينىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ قېلىشتەك قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى.
سام تاينېن مەزكۇر ماقالىسىدە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا پىلانلىق ۋە كۆلەملىك ھالدا كۆچۈرۈلۈشىنىڭ 1940-يىللىرىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقى، شۇنىڭدىن بۇيانقى ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن غايەت زور خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايوندا ئىنتايىن ئېغىر بولغان مۇستەملىكىچىلىكىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
گەرچە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش غەرىزى مەنچىڭ ئىمپىرىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلغان ۋاقىتلاردىن تارتىپلا باشلانغان. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ۋە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرى ۋە بايلىقلىرىغا چاڭ سېلىش دەرىجىسى تارىختىكى ئەڭ يوقۇرى دەرىجىگە يېتىپ، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئۆز يۇرتلىرىدا بۈيۈك مەھرۇملۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.
1986-يىلىدىن باشلاپلا ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، قۇمۇل ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ھەققىدە چوڭقۇر قاتلاملىق ئېتنوگرافىيەلىك تەتقىقاتلاردا بولغان ئۇيغۇرشۇناس ۋە ئانتروپولوگ ئىلدىكو بېللېرخان (Ildikó Bellér-Hann) خانىم «بۈيۈك مەھرۇملۇق» (Great Dispossession) ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇرلار دۇچار بولغان «مەھرۇملۇق» قىسمىتىنى پەرقلىق بىر نۇقتىدىن كۆزىتىپ تەھلىل يۈرگۈزگەن. ئىلدىكو خانىم سىياسىي-ئىجتىمائىي نۇقتىئىينەزەردىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر زۇلۇم ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارغا روھىي زەخمەت ئېلىپ كەلگەن بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يالغۇز ماددىي جەھەتتىن زىيان سېلىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنى «مەنىۋى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇش» قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يۈزگۈزىۋاتقان مەھرۇم قالدۇرۇش-مۇستەملىكە سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىش، ئىشسىزلىق ۋە چەتكە قېقىلىش قاتارلىق قىسمەتلەرگە مۇپتىلا قىلماقتا. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىپ، كىملىكىنى خىرەلەشتۈرمەكتە. خىتاينىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقى، تارىخىتىكى بارلىق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلارغا يۈرگۈزگەن «مەھرۇم قالدۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىدىن قىلچە پەرقى بولمىغان مۇستەملىكە سىياسىتىدۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.