ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى: «نامراتلىق ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھوقۇقسىزلىقى»

0:00 / 0:00

14-فېۋرال خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتاي تاراتقۇلىرى رايوندا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلىش بىلەن بىللە، خوتەنگە بېرىلىۋاتقان تەرەققىيات ياردەم سوممىسىنى بۇلتۇرقىدىن 30.86% ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. رادىيومىز خوتەندىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ خوتەننىڭ خىتايدىكى نامرات رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ۋە يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولمىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. چەتئەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نامراتلىقنى تۈگىتىش شوئارى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان تەشۋىقاتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولماسلىقىغا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى خوجايىنلىق ئورنىنىڭ يىللاردىن بۇيان كاپالەتكە ئىگە قىلىنماسلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغان.

خىتاينىڭ«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىگە بۇ يىللىق پىلاندا 32 مىليون 900 مىڭ سوم ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات سوممىسى تەستىقلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بۇلتۇرقىدىن 30.86% كۆپلۈكى خەۋەر قىلىندى.

ئۇندىن باشقا، خوتەن گېزىتىنىڭ 27-فېۋرال دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىگە بۇ يىللىق پىلاندا 95.55 مىليون سوم ياردەم سوممىسى تەستىقلانغان بولۇپ، خەۋەردە بۇ پۇلنىڭ «بىر كەنت‏-بىر سىياسەت، بىر ئائىلە‏-بىر لايىھە» بەلگىلىمىسى بويىچە، كېرىيە ناھىيىسىدىكى باقمىچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى تەرەققىياتىدىكى 15 تۈرگە سەرپ قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

رادىيومىز خوتەن ۋىلايىتى، خوتەن ناھىيىسى، كېرىيە، گۇما ناھىيىلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، 14-فېۋرال گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى خوتەن ۋەزىيىتى ۋە خىتاي تەشۋىقاتىدىكى نامراتلىقنى يۆلەش تەرەققىيات سوممىسى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق جايلارغا قىلغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە قىلغان تېلېفونىمىز ۋە خوتەن ناھىيىسىدىكى ساقچىخانىلارغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى خادىملىرى رايون ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 60 يىلدىن بۇيان رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە خاراكتېرىدىكى بىر قاتار رادىكال سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ رايوندا بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسىي ئامىل.

«پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم شوئارىنىڭ قۇرۇق ۋە يالغاندىن ئويدۇرۇلغان تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى، نارازىلىق سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇقسىزلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇش، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئېتىقادى باستۇرۇلۇش قاتارلىق كۆپ ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى خاتا يۆنىلىشىنى تەنقىدلەپ: «كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە يىللاردىن بۇيان تولىمۇ ئېغىر بىر خاتالىققا يول قويۇلۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەب بولغان. پەقەت ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەل بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى پەسىيىدۇ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ توختايدۇ. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بۇيانقى تەشۋىقاتىدا ئىزچىل ھالدا ‹شىنجاڭغا ياردەم› تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىدى» دېدى.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى خاتالىقلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «نامراتلارنى يۆلەش ياردەم مەبلىغى» دىن مەنپەئەتدار بولغۇچىلارنىڭ ئالدى بىلەن رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە مۇھىم بىر مەسىلە، ئاتالمىش ياردەم سوممىسى ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ زېمىن خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا. رايوندىكى بارلىق 1-قول باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خىتايلار. خىتايلار سىياسەتنى كونترول قىلدى دېگەنلىك، رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقىمۇ خىتايلارنىڭ قولىدا دېگەنلىك. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھوقۇقسىز، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن يەكلىنىش ھەتتا كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ كەلدى. شۇڭا ئىقتىسادىي ياردەم نامىدىكى پۇللار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ دېگەن قاراش تەكىتلەنمەكتە.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان مۇھىم مەسىلىنىڭ مىللىي مەنپەئەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھېچقاچان تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى تەنقىدلىدى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى:«يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان مەسىلە قانداقتۇر خىتاي تەشۋىقاتىدىكىدەك ئىقتىسادىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەت مەسىلىسى. ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن تامامەن پەرقلىق بولغان بىر مىللەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئېتنىك ئالاھىدىلىكى، چىراي شەكلى، تىلى، تارىخى-مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىنى باشقۇرۇشىنى ئېتىراپ قىلمىغان ھالەتتىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى -ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان تولۇق ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بېرىشى كېرەك. مىللىي تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلار قوغدىلىشى كېرەك. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ھېچقايسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىدۇ. قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ تۈگىمەيدۇ. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى تامامەن خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتايدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدە، خوتەندىكى نامراتلىق مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رايوندىكى نامراتلىق سەۋەبى ھەققىدە ئىزدەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ بەيدۇ تورىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە، خوتەن ۋىلايىتى خىتايدىكى نامرات رايونلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، خوتەننىڭ لوپ، چىرا، نيە،گۇما قاتارلىق ناھىيىلىرى خىتايدىكى ئەڭ نامرات 47 ناھىيە تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ «شىنجاڭغا ياردەم، نامراتلارنى يۆلەش» تەشۋىقاتىنى قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىش قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق قىلغان مەزگىللەردىكى ئەمەلىي ۋەقەلەرنى نەقىل ئالدى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خوتەن دىيارىنىڭ بايلىقى تەسۋىرلەنگەن تارىخى پاكىتلارنىمۇ نەقىل ئېلىپ، قاشتېشى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقى، گىلەمچىلىك، ئەتلەسچىلىك قاتارلىق قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى، كارۋان سودىسى تەرەققىي قىلغان خوتەنلىكلەرنى بۈگۈنكىدەك نامراتلىق ھالەتكە يۈزلەندۈرۈشكە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزگەن ئەسلىدىكى مىللىي ئىگىلىكنى ۋەيران قىلىش، رايوندىكى يەر ئاستى-يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي جەھەتتىن ھوقۇقسىزلاندۇرۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەت بەرمەسلىك قاتارلىق مىللىي باراۋەرسىزلىك سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى ئۆزگەرمىسە، رايوندىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىقنىڭ يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.