ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ 10-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بايانلىرى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
جاڭ چۈنشيەننىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتىدىن كېيىن، ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «سەنكىن شىنبۇن گېزىتى»نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى شۇ كۈنى دەرھال بېيجىڭدىن توكيوغا تېلېفون قىلىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى 11-مارت «سەنكىن شىمبۇن گېزىتى»دە ئېلان قىلغان.
11-مارت ياپونىيەدىكى گېزىتلەردىن «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى»، «نىككېي گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈشيەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىراق-شام دۆلىتى تەشكىلاتى»غا قاتنىشىپ، ئىراق ۋە سۈرىيەلەردە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.