ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلاپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى «زوراۋانلىق» ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىك» ۋە «قۇتراتقۇلۇق» ئىدىيىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئۇيغۇرلاردىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە زورلۇق كۈچى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى «ئاش بەرگەنگە مۇش بەرگەنلىك» دەپ تەسۋىرلەۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ساھەسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم چەتئەل ئانالىزچىلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېقىنقى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن زورلۇق كۈچ ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تېگىشلىك يوسۇندا يەر ئالغاندىن بۇيان، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر ۋە ئالاقىدار مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يولغا قويۇۋاتقان جىددىي خىزمەتلىرىنىڭ بىرى «پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ئۇنتۇماسلىق، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش» نامىدىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ئىكەن.
ئالاقىدار مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە كۆزدە تۇتقىنى، ئاساسەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر» نىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى تەسىرلەندۈرەلمىگەنلىكى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «پارتىيە ۋە دۆلەتتىن مىننەتدار بولۇش» ئورنىغا ئەكسىچە يول تۇتقانلىقى بولماقتا ئىكەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەرەققىيات» ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئالدۇق.
ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن پامونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى درۇ گلادنېي ئوتتۇز يىلدىن بۇيان يىپەك يولى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مول ھوسۇللۇق ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆتكەن ئەللىك يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەقىقەتەنمۇ زور «تەرەققىيات» مەنزىرىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ پىكرىچە، ھەر جەھەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە دەل بۇ خىل «تەرەققىيات» تىن كىملەرنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى ئىكەن. ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «روشەنكى، ھۆكۈمەت ئىزچىل ھالدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىستراتېگىيىسى ئۇيغۇرلارنى تىنچلاندۇرىدۇ ۋە باشقا خەلقلەر بىلەن بىرگە ئۇلارنى تېخىمۇ بىر يۈكسەكلىككە ئېلىپ چىقىدۇ، دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئەمما مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغاۋاتقىنى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ خىلدىكى ‹تەرەققىيات› نىڭ بەلگىلىنىش ۋە ئەمەلگە ئېشىش جەريانى يەرلىك خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا يەرلىك خەلقنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنى‹تەرەققىيات› تىن چەتتە قالدۇرۇلغان، دەپ قاراۋاتىدۇ، يەنى ئۇلار بۇ سىياسەتلەر ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن بولالمىدى. بۇ ئەھۋال تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قېزىلىشىدا ۋە ‹ئۇيغۇر› نامىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن تېررىتورىيەگە چېتىلغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى سىياسەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ھەمدە يەرلىك خەلقنىڭ بۇنىڭدىن مەنپەئەتدار بولۇشى ئۈچۈن مەزكۇر رايونغا سېلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەبلەغ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. تەرەققىيات پىلانىنى تۈزگۈچىلەرگە دۇنيا مىقياسىدا مەلۇم بولغان ئورتاق بىر قائىدە شۇكى،بۇ خىلدىكى تەرەققىيات پىلانلىرى ھەرقاچان شۇ پىلان لايىھىلىرى يولغا قويۇلىدىغان جايدىكى يەرلىك خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى ئەھۋال ئۇنداق بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىتايلار يۇقىرىدا، ئۇيغۇرلار تۆۋەندە بولۇپ قېلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت پەرق بەك زورىيىپ كېتىۋاتىدۇ.»
ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىس بۇ مەسىلە ھەققىدە پروفېسسور درۇ گلادنېي بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان پىكىردە. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بارلىققا كېلىۋاتقان «تەرەققىيات» ھادىسىسى بۇ جايدىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئورنىغا ئۇلارنى تېخىمۇ زور مۈشكۈلاتلارغا گىرىپتار قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى يەنە بىر مەسىلە شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان مەزكۇر رايوندىكى جىددىيلىككە تولغان مىللىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىيات ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كۈچەۋاتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان تەرەققىيات تەدبىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يامانلاشتۇرۇۋېتىش رولىنىلا ئويناۋاتىدۇ. بۇ رايوننىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار پىلانلاردا ئۇيغۇرلارنى ئويلىشىشنىڭ ھېچقانداق ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى ‹تەرەققىيات› ھەرقاچان يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ بولۇۋاتىدۇ، يەنى بۇنىڭ باش بۇرنى ھۆكۈمەتكە بولۇۋاتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، بۇ خىل قارارلارنى چىقارغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغانلار ئەمەس. نەتىجىدە بۇ خىلدىكى ‹تەرەققىيات› ئۇيغۇرلارغا ياخشىراق تۇرمۇش ئاتا قىلىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇ خىلدىكى تەدبىرلەر سەۋەبىدىن بىر قىسىم كىشىلەر يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بولسا بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىۋاتىدۇ. كۆپلىگەن پاكىتلىق ھۆججەتلەر بولسا مۇشۇ خىلدىكى ‹تەرەققىيات› بۇ رايونغا ئېلىپ كەلگەن خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ مۇشۇ رايوندا ياشاۋاتقان قانۇنلۇق پۇقرالارغا ئەمەس، بەلكى پەقەت خىتاي پۇقرالىرىغىلا بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاشكارا ئېلانلارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋاللار ئاشكارا ھالدا شۇنى ئىشارە قىلىدۇكى، شىنجاڭدىكى ‹تەرەققىيات› لار ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئورنىغا ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ‹تەرەققىيات› دائىرىسىدىن، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنى، دەپ قارايدىغان مەزكۇر رايوندىكى جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.»
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار دىيارىغا قانچە مىليارد سوم قىممىتىدە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد ئىزچىل بۇ سان-شىفىرلارنى توپلاپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىغا سەرپ قىلىۋاتقان غايەت زور خىراجەتلەر خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئەمەس، بەلكى مەزكۇر رايوندا يۈكسەك دەرىجىدىكى بىر «ساقچى دۆلىتى» بەرپا قىلىشقا سەرپ بولماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) شىنجاڭدا نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان مەبلەغنىڭ مىقدارىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتتى، دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئادەتتە بىر دۆلەت قانچە باي بولسا، ئۇنىڭ پۇقرالارغا سەرپ قىلىدىغان مەبلىغى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەمما، خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەچكە، ئۇلار دۆلەت بايلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ساقچىلارنى قوبۇل قىلىشقا، تېخىمۇ كۆپ ساقچىخانىلارنى بەرپا قىلىشقا سەرپ قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مەبلەغ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەتكە، مەسىلەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى ئورنىتىش، سۈزۈكلۈكى تېخىمۇ يۇقىرى كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئورنىتىش قاتارلىقلارغا سەرپ قىلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسمى بولسا جەمئىيەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا خەجلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا بولسا پارتىيەلىك خىتاي كادىرلار كۈن ئارىلاپ دېگۈدەك يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بۇ چەت-ياقا جايلاردا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.»
پروفېسسور جېيمىس لېيبولدنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئىناق جەمئىيەت» نامىدا ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما، بۇ خىل ئارزۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە نەتىجىسى ئۆز -ئارا زىددىيەتلىك بولۇپ قالماقتا ئىكەن. مانا مۇشۇ زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەلگۈسىنى مۆلچەرلەش بەكمۇ قىيىن ئىكەن.
پروفېسسور درۇ گلادنېيمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر دەۋر شارائىتىدا، ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش بەكمۇ زۆرۈر، دەپ قارايدۇ. ئەمما ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتتە بۇ ھەقتە كېسىپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن (خىتاي ھۆكۈمىتى) مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر چارىنى تېپىپ چىقسىكەن، دەپ ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە. ئەمما، بۇ خىلدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە يەرلىك خەلقنى ئىزچىل چەتكە قېقىش خاھىشى داۋام قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۆزۈمنى بۇ ھەقتە بەك ئۈمىدۋار، دەپ ئېيتالمايمەن. دەرۋەقە بۇ خىل يۈزلىنىش يەنە بىر ياقتىن ئۇلارغا كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدۇ، خالاس.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھازىر بارغانسېرى جىددىي تۈس ئېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىزچىل ھالدا «قاتتىق باستۇرۇش» مەزمۇنىدىكى تەشۋىقاتلارغا مەركەزلەشمەكتە ئىكەن.