ياپونىيەدە «ئۇيغۇر ئېلىدا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان سىياسىي تەشكىلاتلاردىن بۈيۈك ئاسىيا چۈشى تەشكىلاتىنىڭ «بۈيۈك ئاسىيا چۈشى» ناملىق ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 2-سانىدا «ئۇيغۇر ئېلىدا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالە ساھىبى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماقالىدە ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشلار ۋە بۇ ۋەقەلەر ئىچىدە 2014-يىلىدىكى ئەڭ زور ۋەقە ھېسابلانغان 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ماقالە ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك ئاسىيا چۈشى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت بەرگەن دوكلاتىغا ئاساسەن تەييارلانغان.

ماقالىدە، ئاسىيا ئەللىرى جۈملىدىن ياپون خەلقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كۈنىدىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە سۈكۈت قىلماسلىققا، خىتاي كومپارتىيەسى باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان.

بىز مەزكۇر ماقالە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.