تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تېررورلۇق» قا قانداق قارايدۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىندا «مېركاتور خىتاي تەتقىقات مەركىزى» 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغا قەدەر خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن «تېررورلۇق» ۋەقەلىرى ھەققىدىكى ئانالىز دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

باش شتابى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى «مېركاتور خىتاي تەتقىقات مەركىزى» تەتقىقاتچىلىرىدىن مورىتز رۇدولف، جوھاننەس بۇكوۋ ۋە مارك جۇلىيەننە قاتارلىق تەتقىقاتچىلار 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغا قەدەر بولغان 5 يىل ئىچىدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن «تېررورلۇق» ۋەقەلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئانالىز دوكلاتى سۈپىتىدە مەركاتو تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ئانالىز دوكلاتى 3 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-بۆلىكى «خىتايدىكى تېررورلۇق: ئەمەلىيەت ۋە مەسىلە» دېگەن تېمىدا، 2-بۆلىكى «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى» دېگەن تېمىدا، 3-بۆلىكى «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى خەلقئارالىق تېرىشچانلىقى» دېگەن تېمىلار ئاساسىدا ھازىرلانغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مېركاتور تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىغا ئۇيغۇن كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇ دوكلاتنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ: «بېيجىڭ، كۈنمىڭ، ئۈرۈمچى: بۇ ئۈچ چوڭ شەھەر 2013-يىلى بىلەن 2014-يىلى ئارىلىقىدا كۆلىمى زور ۋە كەسكىن بولغان تېررور ھۇجۇمىغا نىشان بولدى. قىسقىغىنە 8 ئاي ئىچىدە تىرىكبومبا ھۇجۇمى، ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى ۋە پىچاقلىق ھۇجۇملار نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 72 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 356 ئادەم يارىلاندى. بۇ ۋەقەلەر گەرچە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارا بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ غەربىدىكى تېررورىزم ۋەزىيىتىنىڭ زادى قانداق ھالەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.»

دوكلات مۇقەددىمىسىدە يەنە شۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «بۇ تېررورچى ھەرىكەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سىياسىي قاتلىمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، مۇھىم بولغىنى، تېررورچىلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىش ئەھۋالى ۋە چېگرا ھالقىغان تەھدىت دائىرىسىنى بىلىش لازىم. ئالدىنقى بىر قانچە يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ئۆزىنى قوغداشتەك پاسسىپ كرىزىس ھالىتىدىن تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشتەك ئاكتىپ ھەرىكەت ھالىتىگە كۆچتى. تېررورلۇق خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچ، بولۇپمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان چېگرا سىرتىدىكى مەقسەتلىرىنى نەزەرگە ئېلىش نۇقتىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تېررور مەسىلىسىگە ئەڭ ئاكتىپ نەزەردە قارىماقتا. بۇ سەۋەبلىك، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك خەلقئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئېھتىمالى بار.»

مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى 22 دۆلەت بىلەن تېررورغا قارشى ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ خىتاي بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مىلىتانتلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مېركاتور خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ باش قىسمىغا ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتايدا «تېررورلۇق» ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئورۇنلارنىڭ خەرىتىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 10 قېتىمدىن ئارتۇق، 50 قېتىمدىن ئارتۇق ۋە 100 قېتىمدىن ئارتۇق ۋەقە يۈز بەرگەن ھەمدە داۋاملىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جايلار ئالاھىدە بەلگىلەر بىلەن كۆرسىتىلگەن.

خەرىتىدە تېررور ھۇجۇمى سەۋەبلىك 2010-يىلى 7 ئادەم ئۆلۈپ، 14 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، 2011-يىلى 19 ئادەم ئۆلۈپ، 32 ئادەم يارىلانغانلىقى، 2012-يىلى 27 ئادەم ئۆلۈپ، 38 ئادەم يارىلانغانلىقى، 2013-يىلى 108 ئادەم ئۆلۈپ، 54 ئادەم يارىلانغانلىقى، 2014-يىلى بولسا 307 ئادەم ئۆلۈپ، 410 ئادەم يارىلانغانلىقى، 2015-يىلى 10 ئادەم ئۆلۈپ، 15 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەرىتىدە يەنە، قەشقەر، ئۈرۈمچى، يۈننەن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلار تېررور ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان رايونلار قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەندىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلىرىدىكى نۇرغۇن شەھەر، ناھىيىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان رايونلار شەكلىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

مەزكۇر ئانالىز دوكلاتىنىڭ 1-بۆلىكى بولغان «خىتايدىكى تېررورلۇق: ئەمەلىيەت ۋە مەسىلە» دېگەن قىسمىدا، خىتايدىكى تېررور مەنبەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاتلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى نۇقتا قىلغانلىقى، بۇ يەردە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن سىرت تاجىك، موڭغۇل، قازاق، قىرغىز، خىتاي قاتارلىق كۆپلىگەن مىللەت ياشايدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ رايون ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىدىغانلىقى، ھايدېلبېربېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى «چەكلىك دائىرىدىكى ئۇرۇش رايونى» قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

بۇ 1-بۆلەكتە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 18-ئەسىردە خىتايلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان، ئۇيغۇر-خىتاي مىللەتلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كۆپ يۈز بېرىدىغان بىر رايون ئىكەنلىكى، ئۆز ئەركى، مىللىي كىملىكى ئۈچۈن باش كۆتۈرگەن ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ دىنىي رادىكال ياكى بۆلگۈنچى ۋە ياكى تېررورچى ئاتىلىپ جازالىنىدىغانلىقىغا دائىر مىساللار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي توقۇنۇشلارغا خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، ساقال قويۇش، رومال ئارتىشتەك ئەقەللىي مىللىي ئادەتلىرىنىڭمۇ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇ خىل ئېغىر مىللىي زۇلۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

مېركاتورر خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ 3 قىسىملىق بۇ دوكلاتىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىگە دائىر كۆپلىگەن مەلۇماتلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيانقى مىللىي توقۇنۇشلارمۇ پاكىتلىرى بىلەن بايان قىلىنغان.