ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

خىتاي تاراتقۇلىرى 14- ۋە 15-ماي كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلقئارا «بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى» يىغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كېلىشىملەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا. ئەمما، خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاي كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي ئارزۇ قىلغان نىشانغا يېتىش ياكى يېتەلمەسلىك مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.

14-ماي يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى» يىغىنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى يۈكسەلتىدىغان، خىتاينىڭ يەرشارىلىق ئىقتىسادىي-سودا قۇرۇلۇشنىڭ لېدىرىلىق ئورنىنى تىكلىشى ئۈچۈن بېسىلغان ئىجابىي قەدەم دەپ مەدھىيىلىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ مەزكۇر يىغىن ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلىرىدە يەنە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى ۋە تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇھىم سودا ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ھەتتا «ئۆز-ئارا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇش» قاتارلىق سىياسىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەمما خەلقئارا تاراتقۇلاردا، خىتاي تاراتقۇلىرى مەدھىيىلەۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىغا غەرب دۆلەتلىرى گۇمانىي قاراشتا بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن قاتناشمىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىكى مەزمۇنلار خەۋەر تېمىسى بولماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتايدا چاقىرىلغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىغا غەرب دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىماسلىق ھەتتا رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 15-ماي كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان «زامانىۋىي يىپەك يولى» پىلانىغا زەربە خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ماي يەنى يىغىننىڭ يېپىلىش ھارپىسىدا ئۆز تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا-ئاسىيا ئەللىرىدىن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «زامانىۋىي يىپەك يولى» پىلانىغا ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت 15-ماي كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ «خىتاينى ھەيران قالدۇرغان بىر نۇقتا شۇكى، بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىنى رەت قىلىدىغان كوللېكتىپ ئىنكاس بېلگىيە، ئېستونىيە، گېرمانىيە، ھونگارىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «شى جىنڭپىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ۋە خىتاينىڭ قوشنىسى ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىكىگە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشىغا گۇمانىي قاراشتا بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مەركىزى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار سەۋەب بولغان.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي تاراتقۇلىرى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ،بىر يول» ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىنى مەدھىيىلەپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پاكىستان، تۈركىيە، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن زور مەبلەغگە ئىگە سودا كېلىشىملىرى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى مەدھىيىلىدى. ئەمما، خەلقئارا خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى سۆز تېمىسى مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللار مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا. بولۇپمۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە بارغانچە كەسكىنلەۋاتقان ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش ‹ بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيەسىگە سوغۇق مۇئامىلە بولۇشىدەك ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ گەرچە خەلقئاراغا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىشەنچى بارلىقىنى جاكارلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىتى ئۇنىڭ مەزكۇر پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىنىڭ نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىشى مۇمكىن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تارىختا يىپەك يولى سودىسىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى، ھەتتا ئۆز زېمىنىدا قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىشىدەك ۋەزىيەتنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ خەلقئارادا قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنى تەھدىت دەپ قاراۋاتقانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھوقۇقسىز قالدۇرۇش، ھەتتا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى«خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پىلانىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەشتە بولماقتا. شۇڭا بارلىق ئامال-چارىلار بىلەن بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلەرنى ئالماقتا. ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىچكى جەھەتتىن باستۇرۇش ۋە تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا باغلاشقا ئۇرۇنۇش سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنى تەھدىت دەپ قاراۋاتقانلىقىدىن بولماقتا. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلغان ئاتالمىش ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانىغا قارىتا سوغۇق پوزىتسىيىدە بولۇشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.»