ئېموجىلار گۇۋاھلىق بېرىۋاتامدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.06.08
ئېموجىلار گۇۋاھلىق بېرىۋاتامدۇ؟ بۇ سۈرەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاقىلىۋاتقان ئېموجى سىنلىرىنىڭ بىرىدىن كەسىپ ئېلىنغان. توي خەتنى ئالدىدا گۈل-چېچەكنىڭ ئارىسىغا قويۇپ، كېيىن قەپەسنىڭ ئىچىگە ئېلىپ سىن ئىشلىگەن.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق نازارەت ۋە كونتروللۇقىغا قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. لوندوندا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىن باشلانغان كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىن «ئېموجى»، يەنى ھېسسىيات ۋە كەيپىيات ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەرنى قوللانغان مىڭلارچە قىسقا ۋىدېيولار تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ قىسقا ۋىدېيولار ۋە ئۇنىڭدا قوللىنىلغان ئېموجىلاردىكى ئورتاقلىقلار، كۈزەتكۈچىلەردە «ئۇيغۇرلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقچىمۇ؟ گۇۋاھلىق بەرمەكچىمۇ؟» دېگەندەك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

يېقىنقى 10 يىلدا يانفۇن ئەپلىرىدە «ئېموجى»، يەنى قارىماققا ئوماق، ئىنسانلارنىڭ ھېسسىيات ۋە كەيپىياتىنى دەرىجىسى بويىچە ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بەلگىلەرنىڭ قوللىنىشچان ئىپادە ۋاستىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدە كۈرسىتىلىشىچە، «ئېمۇجى» (Emoji) نىڭ كۈلۈشنى، ئازابنى، يىغلاشنى، سۆيۈنۈشنى، ھەيرانلىقنى ۋە باشقا ھېسسىي تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدىغان ئوبراز بەلگىلىرىنىڭ تۈرى 1800 دىن ئاشىدىكەن. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى يازما ئالاقىدا سۆزلۈكلەر ۋە يازمىلارنىڭ ئورنىغا ھېسسىيات ئىپادىلىرىنى قوللىنىش، كۆپ قولاي ۋە تەسىرچان بولىدىكەن. بۇ بەلگىلەر ئىنسانلارنىڭ كەيپىياتى ياكى ھېسسىياتىنى ئوبرازلىق ھالدا تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەن. شۇڭا «ئېموجى» دىن ئىبارەت بۇ ھېسسىيات بەلگىلىرىنىڭ ئىپادە كۈچى «1000 سۆزدىن ئېشىپ چۈشىدۇ» دەيدىغان بايانلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېموجىلارنىڭ تىل ياكى يېزىق چەكلىمىسى بولمىغاچقا، ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئوبرازلىق ئىنكاس ياكى ئىپادە ۋاستىسى بولۇپ قالغان.

بۇ سۈرەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاقىلىۋاتقان ئېموجىلاردىن بىرىدىن كەسىپ ئېلىنغان سۈرەت.

يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن مۇشۇ خىل ئېموجى بەلگىلىرى قوللىنىلغان، ئوخشاش مۇزىكا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان قىسقا ۋىدېيولار تارقىلىشقا باشلىدى. تىك-توك قوللىنىۋاتقان ياش ئۇيغۇر ئاياللار ۋە ئاز بىر قىسىم ياش ئەرلەر تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ ۋىدېيولاردىكى تەكرارلىق ۋە ئوخشاشلىقلار دىققەت تارتماقتا.

يىلنامە ۋە ھەر بىر يىلغا ماس ھالدا ئېموجىنى قوللىنىش ئارقىلىق شۇ يىلدىكى تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن بۇ ۋىدېيولارنى كۆزەتكۈچىلەر «ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ۋە زۇلۇم چېكىشتىكى مىكرو ھېكايىلىرى» دەپمۇ قارىماقتا. چۈنكى ئېموجى، يەنى ھېسسىيات بەلگىسى ئىشلەتكەن ئۇيغۇر ئابونتلار ئۇنى ئورتاق مۇزىكا ۋە يىلنامىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئوخشاش رەۋىشتە تېخىمۇ جانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رېئال قىسمەتلىرىنى كودلۇق ھېكايە شەكلىدە ئىپادىلەشكە تىرىشقان.

ئېمۇجىلارنى قوللىنىپ ئىشلەنگەن بۇ ۋىدېيولاردا ئاساسەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ 2015-يىلىدىن 2021-يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاشۇ قاراڭغۇ دەۋردىكى ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى ئىنتايىن جانلىق ۋە ئوبرازلىق ئېمۇجى بەلگىلىرى ئارقىلىق ھېكايە قىلىنغان.

بۇ سۈرەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاقىلىۋاتقان ئېموجىلاردىن بىرىدىن كەسىپ ئېلىنغان سۈرەت.

ئۇلارنىڭ ھېكايىسىدە يالغۇزلۇق، ئازاب، قايغۇرۇش، غەزەپ ۋە بەختسىزلىك قاتارلىق ھېسسىياتلار بىر قانچە خىل ئېمۇجىلار، يەنى ھېسسىيات بەلگىلىرىنى ئورتاق ۋە تەكرار قوللىنىش ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان. دېمەك، ئېمۇجى بەلگىلىرىنى قوللىنىپ ئىشلەنگەن بۇ ۋىدېيولار بۇ ھىكايىلەردىكى شەخس ياكى ئائىلىلەرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە ئوخشىمايدىغان ئازابلىق قىسمەتكە يولۇققانلىقىنى ئىجادىي ھالدا ئىپادىلەپ بەرگەن. ھەتتا ئۇنىڭدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىجادىي تەسەۋۋۇرلار ئارقىلىق پاكىتلارنى يوشۇرۇنچە ئىما قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايقىيالايمىز.

بۇ ۋىدېيولاردا ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ يىللاردا ئۇچرىشىپ توي قىلغانلىقى، بالىلىق بولۇپ ئارقىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلغانلىقى، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جۇدالىقلىرى، يېقىنقى 4-5 يىلدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغانلىقى، قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقى، بىر-برىنى سېغىنغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىنتىزار بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىدەك تۈرلۈك ھېسسىيات جەريانلىرى ئوبرازلىق ھالدا ئىپادە قىلىنغان.

مەسىلەن، ئۇنىڭدىكى بىر ۋىدېيودا 2015-يىلىدىكى ھېكايە بايان قىلىنغان بولۇپ، بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇل ئىموجى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر يۈرەك ئېلىنغان ئىموجىنى قوللانغان.

-2016يىلى بىر بالىلىق ئەر-ئايال بىر بەختلىك ئائىلىنى ئىپادىلەيدىغان ئېموجى قوللانغان.

2017-يىلى يېرىلغان يۈرەك ۋە ئانا-بالا ئېموجىسىنى قوللانغان. ئەمما بۇنىڭدا ئەر ئېمۇجى غايىب بولغان،

-2018دىن 2021 يىلىغىچە يېرىلغان يۈرەك، يەنى ئازاب بەلگىسى ۋە ئازابلىنىۋاتقان ئانا-بالا ئېموجىسى تەكرار قوللىنىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىك-توك قوللانغۇچىلار تەرىپىدىن يېقىنقى كۈنلەردە تارقىتىلىۋاتقان ئېموجى قوللىنىلغان بۇ ۋىدېيولاردىكى ئوخشاشلىقلار لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ دېقىقتىنى تاتقان. ئۇ بۇ ۋىدېيولارنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى لوندوندا «ئۇيغۇر سوتى» باشلانغان كۈنلەردە مەيدانغا كەلگەنلىكى بىر تاسادىپلىق ئەمەس دەپ قارايدىكەن. ئۇ «ئەجەبا قېرىنداشلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىۋاتامدۇ؟» دېگەن پەرەز بىلەن بۇ ۋىدېيولارنى فېيسىبۇكتا دەرھال تارقىتىشقا باشلىغان.

زۇمرەت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنگە قەدەر بۇ خىل بەختسىزلىك ۋە ئازاب ئىپادىلەنگەن ئېموجى ۋىدېيولىرىنى تارقاتقۇچىلار 7 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئۇيغۇرلار 2017-يىلىدىن بۇيان، تىك-توك ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۈنسىز ياكى مەيدىسىنى مۇشتلاپ ئازابلىق يىغلاۋاتقان ۋىدېيولىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ۋە كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بەلگىلىك ئىنكاسىنى قوزغىغان ئىدى. كېيىن بۇ خىل ۋىدېيولارنى تارقاتقۇچىلارنىڭ تىك-توك ئابۇنتلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك قاتتىق نازارىتىگە قارىماي ئاۋازىنى يەنىلا دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ خىل ھادىسىلەرگە ئىزچىل ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلگەن ياش پائالىيەتچىلەردىن ئارسلان ھىدايەت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ۋە «گۈزەل ۋە بەختلىك شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى كۈچەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي تىك-توك ئابۇنتلىرىدىن پايدىلىنىپ تارقىتىۋاتقان بۇ ئېموجىلىق ۋىدېيولىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇلار چوقۇم بىر ئىسپات ياكى گۇۋاھلىق سۈپىتىدە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققەت ۋە ئىنكاسىنى قوزغىشى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ باستۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان، گويا «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇرۇپمۇ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى چەكلىك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئېموجىلار ئارقىلىق بايان قىلغان بۇ ھىكايىلىرى ۋە ئۈنسىز يىغىلىرى راستىنلا بىر گۇۋاھلىقمۇ؟ بۇ خۇسۇستا كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن دىققەت-ئېتىبارىنى بۇ ئالاھىدە ئۇچۇرغا قارىتىشىغا توغرا كېلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.