2-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلىكتە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تور سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى. سۆھبەتتە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيەدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆتۈشىدە تارىخى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.
مەزكۇر سۆھبەتكە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كومىسىسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم، گىرمانىيەلىك خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز، فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گويتېر، ئامېرىكادىكى لويالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى رايىن سام قاتارلىقلار قاتناشتى.
بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى، يەنى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شياۋگۇەن ۋەقەسى» نى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تىنچ يول بىلەن نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. ھالبۇكى، 5-ئىيۇل كۈنىدىكى تىنچلىق نامايىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ۋە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى قولغا ئېلىنىپ، يەنە يۈزلىگەن كىشىلەر غايىب قىلىۋېتىلگەن ئىدى.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىگە ئىككىلا تەرەپتىن قارىماستىن، بەلكى بىرتەرەپلىمىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغان.»
سوفى رىچاردسون خانىم «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كىيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ھەربىيلەشتۈرۈش قەدەمىنى تىزلەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇلارنىڭ نۆۋەتتكى قەيسەرلىكى ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى جاسارىتىگە قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئادرىيان زېنز ئەپەندى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋە 2008-يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشلارنى قانلىق باستۇرۇشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى، دېدى.
فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گويتېر خانىم ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قېلىنغان ئىلھام توختى بىلەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە پاراڭلاشقان ئىكەن. ئۇ ئىلھام توختىنىڭ «رايوندىكى ئەھۋال بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ تاساددىپىيلا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بولماستىن، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قاتتىق سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى،» دېگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
رايىن سام ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئادالەتسىزلىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان تىنچ نامايىشىنى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك دەرىجىسىگە كۆتۈردى ۋە ئۇنى مىللىي مەسىلىگە ئايلاندۇردى.»
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار كوچىلاردا پۇقرالارنى كالتەك-توقماق بىلەن ئۇرغان ۋە كېيىنكى ئايلاردا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىردىن بىردىن غايىب قىلىنغان.
رايىن سام ئۇيغۇرلار «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان بۇ قانلىق ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» قا باغلاپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا باھانە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شاۋگۇەندە بولغان ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش ئەسلىدە ‹تىنچ نامايىش› ئىدى،» دېدى.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك خىتاي كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى ‹قالاق›، ‹ۋەھشىي› قىلىپ كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە نۆۋەتتىكى ئېغىر باستۇرۇشتا مىليارد نوپۇسلۇق خىتاي، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئادرىيان زېنز ئەپەندى مۇنداق دېدى: ‹خىتاي ۋاسىتە تاللىماستىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. 2009-يىلىدىن بۇيانقى نىشانلىق، سىتىراتىگىيەلىك يۈرگۈزگەن سىياسىتى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ›
29-ئىيۇن «خىتايغا قارىشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى» ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى چەكلەش ئۈچۈن ئاياللارنى تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، كۆپىيىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللانغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار باياناتىدا بۇلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» شەكىللەندۈرىدىغان ياكى شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ‹بېيجىڭ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزدى، نۆۋەتتە قاتتىق نوپۇس كونتروللۇقى ئارقىلىق رەسمي قىرغىنچىلىققا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. › دېدى.
ئۇيغۇرلار ئىرقى قىرغىنچلىققا ئۇچراۋاتامدۇ، دېگەن سوئالغا نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى ناھايىتى راھەتلىك بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دىيەلەيمەن. خىتاي ئۇيغۇرلارغا بىرقەدەم-بىرقەدەمدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ».
0:00 / 0:00