قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۇچۇرلارنى نەدىن ئالىدۇ؟

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، بولۇپمۇ ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ھەققىدە خەۋەرلەر دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە توختىماي ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتى ھەققىدە ئىلگىرى، بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ «سېنتىر ئاسىيا»، «پەرغانە رۇ» غا ئوخشاش ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ماقالىلەر ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بەزى قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرىزىچە، ھازىر ئەھۋال خېلى ئۆزگەرگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ماقالىلەرنىڭ بېرىلىشى سۇسلىشىپ قالغان ئىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت بەزى رۇس تىللىق تور بەتلىرىنىڭ يەنىلا قىزىق تېمىسى بولۇپ قالماقتىكەن.

شۇلارنىڭ بىرى رۇسىيەنىڭ «گولوس ئىسلاما. كوم» تور بېتىدە بىر ئاي بۇرۇن ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› دا ھەقىقەتتە نېمە يۈز بېرىۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا قازاق، قىرغىزغا ئوخشاش باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا قالغانلىقى تەكىتلىگەن. ماقالىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇنداق لاگېرلارنىڭ بولۇشىنى يوققا چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا پاكىتلار كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ مۇنداق لاگېرلارنى قۇرۇشقا 2016-يىلدىن بۇيان 107 مىليون دوللار خىراجەت بۆلگەنلىكى، ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، ئۇنىڭغا كوممۇنىستىك ئىدىيەنى مەجبۇرلاپ قۇيۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەمدى قازاقىستاننىڭ رۇس تىللىق «قازاقىستان زاكون» تور بېتىدە ئىنگلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىنغان «خىتايدا HBO تېلېۋىزىيە قانىلى شى جىنپىڭنى ۋىننى-پۇخ بىلەن سېلىشتۇرغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىلىق يۇمۇر پروگراممىسىنىڭ يۈرگۈزگۈچىسى جون ئولىۋېر خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنى تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولاۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئەمدى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەمدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ھەققىدە مەلۇماتلارنى قەيەردىن ئالىدۇ؟

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەركىزىي ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئاخباراتنى رۇسىيەنىڭ ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ رۇس تىللىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئىزدەيدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇسىيەمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماتېرىيال بېرىشنى توختاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولسا بۇرۇندىن بۇ مەسىلە يورۇتۇلمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ‹ئەركىن ئاسىيا› رادىيوسىدىن ۋە باشقىمۇ تور بەتلىرىدىن ئۇيغۇرلار تارقاتقان ماتېرىياللارنى پايدىلىنىدۇ».

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى قازاق، رۇس تىللىق، شۇنداقلا قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە باشقىمۇ شۇ مەزمۇندىكى ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىكەن.

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ 10 دىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنالى چىقىدۇ. شۇلارنىڭ ھېچ قايسىدا ئۇيغۇرىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئاخبارات بېرىلمەيدۇ. شەخسەن ئۆزۈمنىمۇ بەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەر ئايدا بىر قېتىم دېگۈدەك «ئاخباراتنامە» چىقىرىپ، ئۇنى تارقىتىمەن. بۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يورۇتۇشقا قارشى. چۈنكى خىتاي بىلەن بولغان سىياسەت شۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن».

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى دۆلەت قارمىقىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك جەمىيەتلىك-سىياسىي گېزىت بولۇپ ھېسابلانسا، «ئاسىيا بۈگۈن» جۇمھۇرىيەتلىك مۇستەقىل گېزىتتۇر. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە «ئاخبارات»، «ئىنتىزار»، «ئۇيغۇر پەن»، «غۇنچە»، «ئىجادكار»، «ئېھسان» ژۇرناللىرىمۇ نەشر قىلىنىدۇ.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىي ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتتە ئىكەن. نېمە ئۈچۈن؟ ئابلەت كامالوف مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «سەۋەبى، مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 265 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار. مانا ئىككى يىلچە بولۇپ قالدى، مۇشۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇ ياقتىكى تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بەكمۇ قىيىنلىشىپ قالدى. ئۇ ياقتىن بۇ ياققا كېلىدىغانلارنىڭ يولىمۇ بۇرۇنقىدەك ئەمەس. بىز ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى پەقەت ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئېلىپ تۇراتتۇق. ئىلگىرى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى، ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدە ماقالىلەر دائىم بولمىسىمۇ، ئەمما ئارىلاپ ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. ھازىر بۇ ھەقتە بىرەر ماقالە تېپىشنىڭ ئۆزى قىيىن. ئەمدى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ھەر خىل مەلۇماتلارنى كۆرسەكمۇ، ئوقۇساقمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ كېتىشكە يەنە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە پەقەت رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قوشنا قىرغىزىستاندا نەشر قىلىنىۋاتقان «ئىتتىپاق» گېزىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت پات-پاتلا يورۇتۇلۇپ تۇرغانلىقتىن، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ گېزىت ئالاھىدە ئاخبارات مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، ھازىر ئاخبارات دەۋرى بولۇپ، قازاقىستان دېموكراتىك مەملىكەت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھەر بىر پۇقراسىنىڭ ئاخبارات ئېلىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلگەن ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شەخسەن مەن ئانا دىيارىمىزدىكى ۋەقەلەردىن خەۋەردار. دۆلەت، مەتبۇئات ئورگانلىرى بۇ مەسىلىدە سۈكۈت ساقلايدۇ، سەۋەبى بۇ ئىجتىمائىي-سىياسىي مەسىلە. بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ بەلگىسىز. ئاساسىي ئۇچۇرلار بىرەسمىي، ئۆكتىچى گېزىتلەردە ئېيتىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر ئاخبارات بۇ جەمئىيەتلىك تورلار. ئەمما ئۇلارنى تەھلىل قىلماي بولمايدۇ.»

ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ، لاگېر مەسىلىلىرىنىڭ كۆپلىگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقتىن بۇنى تەپسىلىي ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىش لازىملىقىنى، ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا تەتقىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.