ئامېرىكا تەتقىقات دوكلاتى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قاتنىشىشىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان

0:00 / 0:00

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دۆلىتىدىن قاچقان بىر غازاتچى ئىراق ۋە سۈرىيەگە كېلىپ ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشقان 20 مىڭ چەتئەل غازاتچىسىنىڭ ئارخىپىنى ئاشكارىلىۋەتكەن. ئۇنىڭدا ئىسلام دۆلىتىدىكى چەتئەللىك غازاتچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا «يېڭى ئامېرىكا ۋەخپى» تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى نەيت روزېنبلات، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2013‏، 2014‏-يىللىرىدا ئىسلام دۆلىتىگە كېلىپ قاتناشقان 4000 نەپەر غازاتچىنىڭ ئارخىپىنى تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 114 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى روزېنبلاتنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ، ‏20‏- ئىيۇل ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا، بۇ 114 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان.

روزېنبلات دوكلاتىدا، بۇ 114 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ساياھەت تارىخى، مائارىپ سەۋىيەسى، بۇرۇنقى خىزمىتى، كەسپىي، غازات تەجرىبىسى، ئىسلام دۆلىتىگە قاتنىشىشتىكى مۇددىئاسى قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ «نامرات، ھۈنەر-كەسىپسىز، مائارىپ تەربىيەسى كۆرمىگەن، ئوتتۇرا ھال كەسپىي سەۋىيەسى قۇرۇلۇش ئىشچىلىقىغا يارايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

نەيت روزېنبلات چارشەنبە كۈنى «يېڭى ئامېرىكا ۋەخپى» دە دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىسلام دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

نەيت روزېنبلات مۇنداق دەيدۇ: « شىنجاڭدىن بارغان غازاتچىلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىن، ئۇلارنىڭ ناھايىتى نامرات جامائەت ئىكەنلىكى، ناھايىتى چوڭ ئائىلىلەردىن تەشكىل تاپقانلىقى، مائارىپ تەربىيەسى ناھايىتى تۆۋەنلىكى، 114 كىشىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان كىشىنىڭ يوقلۇقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كەسپىي ئاساسى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئوتتۇرا ھال كەسپىي سەۋىيەسى قۇرۇلۇش ئىشچىلىقىغا يارايدۇ.

ئەمما، پاكىتلار يەنە دىققەت قىلارلىق شۇ نۇقتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيەسى ئۇلارغا ناھايىتى يىراق. ئىسلام دۆلىتىنىڭ نوپۇس جەدۋىلىدە، سىزنىڭ قايسى دۆلەتلەرگە بارغانلىقىڭىز سورالغان. ئۇنىڭ دىققەت بىلەن قارىسىڭىز، شىنجاڭدىن بارغان غازاتچىلارنىڭ ھېچبىرى بۇرۇن خىتايدىن ئايرىلىپ باقمىغان. ئۇلار ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى مالايشىيا، سىنگاپورغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە بارغان. شىنجاڭدىن بارغان ھەر بىر غازاتچى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا سەپەر قىلغان ئەڭ يىراق مۇساپە.»

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئىسلام دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر غازاتچىلىرىنىڭ ياش پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 10 ياشلاردا، ئەڭ چوڭى 80 ياشلاردا ئىكەن. نەيت روزېنبلات، بۇ سەپەرنىڭ ئىقتىسادى، پسىخولوگىيىلىك تەسىرى ۋە باشقا ئامىللارنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلار بۇ يولغا ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن ئىسلام دۆلىتىدە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىپ قېلىش ئۈچۈن چىققان، دەپ كۆرسەتتى.

نەيت روزېنبلات مۇنداق دېدى: « ناھايىتى دىققەت قىلارلىق نۇقتا، شىنجاڭدىن بارغان 70-75 % غازاتچى موسۇل ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن بارغان. بۇ، مەندە شۇ پىكىرنى پەيدا قىلدى، ئۇلار ئىسلام دۆلىتى مۇقىم بىر دۆلەت دېگەن قاراش بىلەن ئۆزى خالىمىغان دۆلەتنى تاشلاپ، ئۇ يەرگە بارغان.

بۇ ناھايىتى دىققەت قىلارلىق بىر نۇقتا. بۇ يەردىكى تەكىتلەيدىغان نەرسە، نۇقتىنى يەرلىككە مەركەزلەشتۈرۈش. ئەگەر دىققىتىمىزنى يەرلىككە قاراتساق، بىز مەسىلىگە ئاسان دىئاگنوز قويالايمىز، دەپ قارايمەن. قارىماققا چەتئەللىك غازاتچىلار ھەممە يەردىن كېلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما دىققەتنى يەرلىككە مەركەزلەشتۈرسەك، بىز بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق ئامىلنى تاپالايمىز.»

«يېڭى ئامېرىكا ۋەخپى» نىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە،، خىتاي ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئارتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ساقال قويۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال دىنىي ئىبادەتلىرىنى «ئىسلامىي رادىكاللىق» نىڭ سىمۋولى دەپ چەكلىشى ياكى قاتتىق كونترول قىلىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتاينى تاشلاپ، ئۇلارغا قۇچاق ئاچىدىغان يەر ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ دوكلات بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قاتتىق دىنىي باستۇرۇشىدا ئىسلام دۆلىتىگە بارغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئىسپاتلاپ بەردى دېدى.

ئىلشات ھەسەن: «خىتاينىڭ سىياسىتى بۇنىڭغا ئاساسى تەسىر كۆرسەتكۈچى، دېسەك بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ئۆزىگە بىر چىقىش يولى، بىر ماكان، ئەركىن ياشاش مۇھىتى ئىزدەش ئۈچۈن ئۆزىگە يېقىنراق نەرسە ئىزدەيدۇ. ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغان ياكى ئوخشاش ئېتىقادتىكى مۇھىتنى ئىزدەيدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىجەزى. شۇڭا بەزى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇشۇ زۇلۇم سىياسىتى ئاستىدا، ئۆزىنىڭ زېمىنىدا ئەركىن نەپەس ئالالمىغاچقا، ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلمىگەچكە، مۇشۇنداق بىر مۇھىتنى ئىزدىگەن.

ئىزدىنىش جەريانىدا خەقلەر ئىسلام دۆلىتىكەن دېسە، بەلكىم بىز مۇسۇلمانلارغا داستانىدۇر، دەپ شۇ يەرگە باردى. بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىمۇ شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېدى.

ئىلشات ھەسەن يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسى تۆۋەن، ھۈنەر كەسىپسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا خىتاي مائارىپ سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئىسلام دۆلىتىگە پاناھ تارتىپ بارغان ئۇيغۇرلارنى «خىتاي مائارىپ سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار» دېدى.

ئىلشات ھەسەن: « خىتاي مەيلى تىل ئالماشتۇرۇش، مەيلى يېزىق ئالماشتۇرۇش دېگەندەك باھانىلەر بىلەن بىزنىڭ سىستېمىلىق مائارىپ تەرەققىياتىمىزغا ھېچ يول قويمىدى. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرنىڭ دېھقانلىرى نامراتلىققا قاراپ ماڭدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ چەت- چۆرىلىرىدە قېلىپ قالغان دېھقانلىرىمىز، قىشلاقتىكى چارۋىچىلىرىمىز بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان، ھازىرقى زامانىۋى مەدەنىيەتتىن ئەڭ يىراق قالغانلار. شۇڭا، بۇلارنىڭ تۇيغۇسى، ئېتىقادى ناھايىتى ئاددىي. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كاللا يۇيۇشىنىڭ تەسىرىدە، شەخسى تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان خەلق. بۇنداق خەلقنى قانداق گوللىسا شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئىزچىل ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى « دىنىي رادىكاللىق» ۋە چەتئەل «تېررورلۇق گۇرۇھلىرى» غا باغلاپ كەلگەن.

ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، بۇ ۋەقەلەرنى خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلىق، دىنىي، سىياسىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى قاتتىق قول سىياسىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنى رادىكال گۇرۇھلارغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.