ياپونىيە ژۇرنىلى: خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ھاراق ۋە تاپانچا بىلەن قورقۇتۇۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-09-01
Share
yaponiye-zhornal.jpg ياپونىيەدىكى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ھاراق ۋە تاپانچا بىلەن قورقۇتۇۋاتىدۇ» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Qutluq

ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئونو ئاكىرا ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان، «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى سانىدا «خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ھاراق ۋە تاپانچا بىلەن قورقۇتۇۋاتىدۇ» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

مەزكۇر ماقالە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ئېيىدا روزا تۇتۇشىنى چەكلىشىدىن ئىبارەت بۇ خىلدىكى دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆتۈرۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشلاردىن باشلانغان. ئاپتور تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىدا ھەممىدىن بەكرەك دۇنيانىڭ ۋە شۇنداقلا ياپونلارنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى تولۇپ تاشقان ئامما خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈش بىلەن بىرگە كونسۇلخانا ئىچىگە باستۇرۇپ كىرمەكچى بولغانلىقى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالغان. ئۇ ماقالىسىدە، نامايىشچىلارنىڭ كورېيەلىك ساياھەتچىنى خىتايغا ئوخشىتىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ماقالىدە، تۈركىيەدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلار تازا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئويلىمىغان يەردىن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا قارىماي، خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ تايلاندقا كېلىپ پاناھلانغان يۈز نەچچە نەپەر ئۇيغۇرنى بېيجىڭغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى، تۈركلەرنىڭ ۋە شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىۋەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەر قايسى ئەللەردە تايلاند ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پروفېسسور ئونو ماقالىسىدە، نېمە ئۈچۈن تۈركىيە خەلقى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر سوئاللارغا ئۆزى بىرمۇ-بىر جاۋاب بېرىپ، بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ.

خىتاينىڭ رامزان ئېيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور، خوتەندە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدا:«شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خوتەندە ئىسلامى تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىپ، دائىرىلەر رامزان ئېيىدا پۈتكۈل خىزمەتچىلەرنى بىردەك چۈشلۈك تاماق يېيىشكە ۋە شۇنداقلا ھاراق ۋە پىۋا ئىچىشكە مەجبۇرلىغان. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى خىزمىتىدىن بوشىتىپ جازالىغان» دېيىلگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە:«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار تىنچلىق بىلەن نامايىش ئۆتكۈزسە، ئۇلار تېررورچى ۋە مىللىي بۆلگۈنچى دەپ قارىلىپ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان» دەيدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەر قانداق ھەرىكەت ئېلىپ بارسىمۇ، ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى،خىتاينىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان توپىلاڭ ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى يوشۇرۇپ ئۇلارغا باشقىچە سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «سىز، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ھۆكۈمەتكە قارشىلىق بىلدۈرگەن ۋە ياكى نامايىش قىلغان خىتايلارنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆردىڭىزمۇ ۋە ياكى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟» دەيدۇ.

پروفېسسور ئونو ماقالىسىدە، يېقىندا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدا ئىيۇل ئېيىدا شېنياڭ شەھىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنى مىسال قىلىپ،3-ئايدىن ھازىرغىچە جەمئىي 25 ئۇيغۇرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى، مەركىزى شياڭگاڭدىكى خىتاي دېموكراتىك كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا بولسا، بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بىر ئاي ئىچىدە جەمئىي 46 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا تۈرلۈك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش يالغان شوئارلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئالداپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تۈركۈملەپ كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «بېيجىڭ ئىلگىرى غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى بېيىتماقچى بولدى. كومپارتىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىقتىسادىي پەرقتىن كېلىپ چىققان دەپ قاراپ، ئۇلارنى بېيىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە مايىل قىلماقچى بولدى. ئەمەلىيەتتە غەربنى ئېچىش سىياسىتىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىدى ۋە ئۇلارنى باي قىلدى. ئۇيغۇر ئېلى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار تېخىمۇ كەمبەغەللىشىپ كەتتى. ئۇلار ھەتتا يەرلىرىدىن، باغلىرىدىن، يايلاقلىرىدىن ئايرىلدى. ئەمدىلىكتە بولسا شى جىنپىڭنىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› سىياسىتىدە ئۇيغۇرلار جېنىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتايدا ئۇيغۇردەك ئازسانلىق مىللەتلەر دەھشەتلىك ئېزىلىپ، ھەر-خىل باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ياۋروپا ئەللىرى، ياپونىيەدەك دۆلەتلەر بۇ مەسىلىلەرگە ھېچ نېمە دېمەي سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىراق تۈركىيە بۇ دۆلەتلەردىن كۆپ پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلاردەك ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئاياق ئاستى قىلىنىشىغا يول قويماي، بۇنى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى كۆرۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتلىرىنى كۆرسەتكەن.

ياپونىيەلىك پروفېسسور ئونو ماقالىسىنى:«تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىرىغا چىدىماي، ئۇلارغا ساھىب چىقتى» دەپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ھيۇما مەزكۇر ماقالە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئەھۋالى بولسىمۇ، بىراق ماقالىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىقىدىن ئىبارەت بۇ بىر پۈتۈن تارىخنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ ۋە بۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ساھىبى تۈركىيە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.»

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت