ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتى زىيالىيلارنى ئوز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلاندۇرماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.10.02
rushen-abbas-yalghuz.jpg گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ئۇزۇن يىل تەرجىمانلىق قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق دەۋالىرىدا ئاكتىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەن ئابباس خانىم.
RFA

يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي بېسىملىرىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر ساھەلەردىكى يېتىشكەن شۇ مىللەت ئىلغارلىرى ۋە سەرخىللىرىنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق چەتئەللەرگە مەخسۇس بىلىم ئېلىشقا چىققان ۋە ئۆز كەسپىدە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئەللەردە بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ھالبۇكى سېلىشتۇرغاندا ئۆز جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يادرولۇق رول ئويناۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى ئاڭ جەھەتتىن يېتەكلەشكە تىرىشىۋاتقان، بىر قانچە تىللىق بىر قىسىم ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ، ئەركىن ئەللەرگە چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ھەر تۈرلۈك پاجىئەلەرگە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى بولسا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە مۇنازىرە دولقۇنى ھاسىل قىلغان بىر جىددىي تېمىغا ئايلاندى.

بۇ ھەقتە بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە، ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن بىرى شۇنداقلا گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ئۇزۇن يىل تەرجىمانلىق قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق دەۋالىرىدىمۇ ئاكتىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەن ئابباس خانىمنى تەكلىپ قىلدۇق. روشەن خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرىنى تونۇتۇشقا ئاكتىپ چاقىرىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئۇ بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، ئوخشىمىغان ساھەلەردە نەتىجە قازىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىلىم جەھەتتە كۈچلۈك بىر تۆھپىكار مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇتىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا زىيالىي دېمەك يالغۇز بىلىم ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشتىلا ئەمەس بەلكى بىر مىللەتنىڭ ئىدىيىۋى چۈشەنچە قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ۋە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان توپلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق ئۇيغۇرنى دۈشمەن ساناۋاتقان بۈگۈنكى جىددىي بىر ۋەزىيەتتە، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولغان زىيالىيلار ئۈچۈن خىتايغا دۈشمەن بولۇپ قالارمەنمۇ؟» دەپ يەنە سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ئەخمىقانىلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى قولىغا قەلەم ئېلىپ، تۈرلۈك مەتبۇئات ۋە ۋاسىتىلەردە ئۇيغۇرلار ئۆز رايونىدا دۇچار بولۇۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە، ئاكتىپ رول ئويناشقا دەۋەت قىلدى.

روشەن ئابباس خانىم يەنە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى ئاڭلىتىشتا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭمۇ جۈرئەتلىك بولۇشىنى، زىيالىيلارنىڭ خانىملىرىنىڭ مىللەتنى تۇغقان ۋە مىللەتنى تەربىيەلەيدىغان ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرلىرىنى، ئوغۇللىرىنى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشى، قوللىشى، ئۇلارغا كۈچ ۋە مەدەت بېرىشى زۆرۈرلۈكىنى تەۋسىيە قىلدى.

بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە يەنە ياپونىيەدە پەلسەپە ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ۋە «ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تارىخى تەسۋىرى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تونۇلغان مۇختەر ئابدۇراخماننى تەكلىپ قىلدۇق.

ئۇ: «بىر مىللەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ، تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تراگېدىيەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دۆلەت مىللىتى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقالمايۋاتقانلىقىمىزدىن ئىبارەت رېئاللىقىمىز» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە ھالىتىنى ئۆزگەرتىشتەك، ئورتاق نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن، بىر دۆلەت مىللىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشتا ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قەدەم باسقۇچلار ھەققىدە مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ رېئاللىقىنى ياپونىيەدە تونۇشتۇرۇش يوللىرىنى ۋە بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ ئۆتتى.

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن كۈتۈۋاتقان نۆۋەتتىكى تەقەززاسى ھەققىدە مۇلاھىزىمىز داۋاملىشىدۇ. كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا يەنە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ۋە ئوخشىمىغان كەسىپلەردە نەتىجە قازىنىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قەلب سۆزلىرى بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.