ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان قىزىقىشىمۇ كۈچەيمەكتە. بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بىۋاسىتە بېرىش، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، ئۇلار بىلەن ناھايىتى ئېغىر تەقىبلەشلەر ئاستىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ يەردە زادى نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشكە تىرىشماقتا. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئاندرۇ جەيكوب بۈگۈن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىنى قەشقەردە تۇرۇپ يازغان بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە ۋەزىيەت ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق كۆزىتىش ئېلىپ بارغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئورۇن بەرگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر كەمسىتىشنىڭ ئېغىرلاپ بېرىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىش بىلەن بىرگە، مىللەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىدىنمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئاندرۇ جەيكوب تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار كەمسىتىلىشنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن شىكايەت قىلماقتا» ماۋزۇلۇق خەۋەر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مىللىي، دىنى ئايرىمىچىلىقلار، ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەر ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇ ماقالىسىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىش بازىرىدا ئۇچراۋاتقان مىللىي كەمسىتىشتىن مەلۇمات بېرىش ئارقىلىق باشلاپ، مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-يەرلىك بىر خىزمەت ئىزدەش تورىدىن قارىغاندا خىزمەت ئىزدەيدىغانلار ئۈچۈن قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي شەھەردە ئىش پۇرسىتى كۆپ ھېسابلىنىدىكەن. لېكىن نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان بۇ شەھەردىكى خىزمەت ئېلانلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز ئۇنىڭغا «ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلىنمايدۇ» دەيدىغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش يېزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ ئىش ئىزدەش تور بېتىدىكى 161 ئىش ئېلانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىگە «پەقەتلا خىتايلار قوبۇل قىلىنىدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان. بۇنداق كەمسىتىش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئادەتتىكى بىر ئەھۋال بولۇپ، خىتاي چېگرىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىشلارنىڭ پەقەتلا بىرى. جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلارنى كارغا كەلمەيدىغانلار ياكى دىنى رادىكاللار قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئەھۋال ئېغىرلاپ كەتكەن. ئۇلار رايوندا قاتتىق تەرەققىي قىلىۋاتقان تەبىئىي گاز ۋە نېفىتچىلىك ساھەسىدىن ئاساسەن چەتتە قالدۇرۇلغان. ئايرودرومدىكى خىزمەتلەرمۇ خىتايلار ئۈچۈن ئايرىپ قويۇلغان. يۈك ماشىنا ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ كىملىك كىنىشكىسىدا ئەگەر ئۇيغۇر دېيىلگەن بولسا ئۇ ھالدا ئۇ يۈك ماشىنىسىنى تولدۇرغۇدەك گازمۇ ئالالمايدۇ. بىر قانچە يۈك ئاپتوموبىلى شىركەتلىرىنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، دائىرىلەر ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىدىغان گازنىڭ پارتلاتقۇچ ئورنىدا ئىشلىتىلىشىدىن قورققانلىقىمدىن مانا مۇشۇنداق بىر غەيرىي رەسمىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىكەن.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، بۇ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان رايوننىڭ ئىسمى گەرچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتايلارنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە بۇ يىل ياز بويىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 100 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى جىھادچىلارغا، تېررورىستلارغا باغلىسىمۇ، ئەمما رايون ۋەزىيىتىنى بىلىدىغانلارنىڭ بۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلار بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئىلگىرى سۈرگەندەك تەشكىللىك، پىلانلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاپتور ماقالىسىدە خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-يەرلىكلەر بۇ ۋەقەلەر ۋە شۇنىڭدەك باشقا ۋەقەلەرنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلاردىن، يەنى كەسپى ئورۇنلارغا ئىشقا كىرىشتىكى كەمسىتىش، 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنى مەسچىتكە كىرىشتىن چەكلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنىڭ قېيىن بولۇشىغا ئوخشاش كۈندىلىك ۋەقەلەردىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. قولىغا پاسپورت ئېلىشقا مۇيەسسەر بولالىغان ئاز ساندىكى تەلەيلىكلەر بولسا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دائىرىلەر تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلەر ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلار بىلەن ئۇچرىشىپ-ئۇچراشمىغانلىقى ھەققىدە سوئال-سوراققا تارتىلىدىكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى پروفېسسورى ياڭ شۇنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ياڭ شۇ مۇخبىرغا «ھۆكۈمەت چوقۇم يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن تەلۋىلىك بىلەن چىقىرىلىۋاتقان بۇنداق چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق يارىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك» دېگەن ۋە بۇنىڭغا ئاياللارنى رومال ئارتىشتىن، ئەرلەرنى ساقال قويۇشتىن چەكلەيدىغان ئەھۋاللارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلغان:
-ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان «قوش تىل مائارىپى» ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۆزلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. 2004-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «قوش تىل» مائارىپى ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەرقانداق دەرسنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئەمما نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىكەن. بىر ئۇيغۇر دۆلەت كادىرى ماڭا «مېنىڭ 17 ياشلىق قىزىم خىتاي تىلىنى ئىنتايىن ئۆلچەملىك سۆزلەيدۇ. ئەمما ئۇ بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە ماقالىنى ئوقۇيالمايدۇ. مەن بۇندىن كېيىنكى ئەۋلادلار ئۆز تىلىنى ئوڭلاپ سۆزلىيەلەمدىغاندۇ، دەپ بەك ئەنسىرەيمەن» دېدى. بۇ دۆلەت كادىرى مەندىن ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئېيتىشىچە قوش تىل مائارىپىغا قىلغان بۇ تەنقىدى ئۆزىگە ياخشى ئاقىۋەت ئەكەلمەيدىكەن.
مۇخبىر ئاندرۇ جەيكوب ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆزىتىش داۋامىدا يەنە، بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا قورقۇنچ ۋە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر نوپۇسىدىن تەشكىللەنگەن جەنۇبىي رايونلاردا ھەتتا نوپۇسىنىڭ 75 پىرسەنتىنى خىتايلار تەشكىل قىلىدىغان ئۈرۈمچىدىمۇ نەگىلا قارىسا تولۇق قوراللانغان ساقچى-ئوفىتسېرلارنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە چارلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، يېرىم كېچىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تاكسى شوپۇرىنىڭ يېنىدىكى ئورۇنغا ئولتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ بۇ جەرياندا شەندۇڭدىن خوتەنگە كېلىپ، يۇقىرى مائاش ئېلىپ، تەييار ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىشلەۋاتقان خۇئاڭ شياۋلىن ئىسىملىك بىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ؛ «خۇئاڭ شياۋلىننىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنى كەچكىچە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرگە كىرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىكەن. ئۇ ماڭا ‹بۇ يەردىكى يەرلىكلەر بەك ياۋا، ئىش چىقىرىمەنلا دەپ تۇرىدۇ› دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا دەل ‹خەنزۇلار ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇيغۇرلار خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ› دېگەن تەشۋىقات تاختىسىنىڭ يېنىدا ئىدى» دەپ بايان قىلغان.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سالىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنىمۇ تەڭ ئاشۇرغانلىقىنى، يېڭى كەلگەن كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىشىدەك ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلغان:
-يەرلىكلەرنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، دىنغا قارىتىلغان بېسىمىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى نارازىلىقلارنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن. دائىرىلەر جۈمە نامىزىغا قاتناشقان كادىرنى ئىشتىن قوغلىيالايدىكەن. بەزى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماڭا مەكتەپنىڭ ئۆزلىرىدىن رامازان ۋاقتىدا چۈشلۈك تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە ناماز قىلىشتىن چەكلەيدىغان شوئارلارنى، مەسجىتلەرگە توغرىلاپ قويۇلغان كامېرالارنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەرلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە ھۆكۈمەت نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفونلىرىنى تەقىب قىلىپ، تىڭشايدىكەن.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يارىتىۋاتقان ئەكس تەسىرى ئۈستىدە توختالغان ۋە بۇنىڭغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن:
-كۆزەتكۈچىلەر دىنى مەكتەپلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر ۋە شۇنىڭدەك باشقا دىنى بېسىملارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەكسىچە تېخىمۇ ئىخلاسمەن قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر خىتاي ئاكادېمىك ماڭا «5 يىل ئىلگىرى كوچىدا يۈزىنى ئورىۋالغان ئايال كۆرسەك ھەيران قالاتتۇق. لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس» دېدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ «نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىر بۇرۇت قويۇپ، ئايالىنىڭ بېشىنى ئوراپ قويۇش-قارشىلىق بىلدۈرۈشنىڭ سىموۋلىغا ئايلىنىپ قالدى» دېدى.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرگە قارىماي، يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭنىڭمۇ سىياسەت ئۆزگەرتىشتىن شەپە بەرمىگەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە يەنە «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش توغرىسىدا قەسەم ئىچكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ماقالىسىنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىنىڭ خادىمى نىكۇلاس بىكۇلىننىڭ سۆزى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان. نىكۇلاس بىكۇلىن مۇنداق دېگەن:
-خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نارازىلىقلارنى نېگىزىدىن ھەل قىلىدىغان سىياسەتلەرگە سەل قاراش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاستا-ئاستا رادىكاللىققا ئىتتەرمەكتە. ئۇيغۇرلار رادىكالىزم گۇماندارى دەپ قارىلىشتىن جاق تويدى. شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ھازىر بېسىم كۈچەيگەنسېرى، قارشىلىقمۇ كۈچىيىدىغان، قارشىلىق كۈچەيسە، بېسىم كۈچىيىدىغان بىر خەتەرلىك چەمبىرەك ئايلىنىشىغا ئوخشاپ قالدى.