يازغۇچى ئېزرا كرونفېلد: «ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيانكەشلىك فاشىزم دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.12
guma-weqesi-herbiy-maniwer.jpg ئۇيغۇر رايونىدا، تېررورىزمغا قارشى قەسەمياد بەرگەن ساقچى ۋە ھەربىيلەردىن تەركىب تاپقان 10 مىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمى. 2017-يىلى 17-فېۋرال، قەشقەر.
Imaginechina

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر سىياسىي بۇرۇقتۇملۇق ۋە ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۈشكۈلاتلار ھەققىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار ئۆز نۆۋىتىدە بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇئەييەن ساۋاتلارغا ئىگە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىسرائىلىيەلىك يازغۇچى ئېزرا كرونفېلد (Ezra Kronfeld) ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

ئېزرانىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرى ئامېرىكىدىكى «قايتۇرما مۇشت» تورىدا «خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى» سەرلەۋھىلىك ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلىنغان. ئۇ ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە دىنىي ئېتىقادتىن باشقا ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق مىللىي كەمسىتىش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېغىر باستۇرۇشلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. زىيارەت جەريانىدا ئېزرا دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۆز دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىزدەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«مەن بىر يازغۇچى ھەمدە ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ فاشىستىك زىيانكەشلىكىنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىلارنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن زامانىمىزدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەقەلىكىگە بەكمۇ قىزىقاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى مۇشۇنداق بىر كۈرەشكە باغلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە بىر پارچە چوڭ خەۋەرنى ئوقۇدۇم. بۇ ماقالە مېنى بەكلا ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىزدىنىپ باقسام بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ماقالىلەر چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئاساستا سىز تىلغا ئالغان ماقالىنى يېزىپ چىقتىم.»

ئېزرا ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىنىڭمۇ ھازىر سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى، قەلەم ساھىبلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ۋە تىل ساھەسىدە ئۇچراۋاتقان بېسىملار ماھىيەتتە مول مەزمۇنلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۈچۈن بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئىرقچىلىق بىلەن تولغان، شۇنىڭدەك بەكمۇ قاباھەتلىك ھادىسە بولۇپ تۇيۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۇلارنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىياتى مول مەزمۇنلارغا تويۇنغان بولۇپ، بۇلار ئەسلىدە چېن چۇەنگوغا ئوخشاش زالىم ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولماسلىقى لازىم ئىدى. مەن بۇ خاتالارنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم شۇنداقلا بۇلارنى ئاڭلىغىنىمدا شۈركۈنۈپ كەتتىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئايلىنىپ كەتتىم، دېسەممۇ بولىدۇ.»

ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بارچە ساھەدە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان تۇرۇقلۇق تاشقى دۇنياغا ئانچە بەك تونۇلۇپ كەتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلغان. ئۇنىڭ پىكرىچە ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋالى پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىدىنمۇ بەتتەر بولغان ئۇيغۇرلارنى دۇنيانىڭ ياخشى بىلمەسلىكىدە ئاخبارات ساھەسىنىڭ، شۇنىڭدەك باشقا ئامىللارنىڭ رولى چوڭ بولۇۋېتىپتۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.

«ئاخبارات ساھەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياكى خىتايلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشتىن كۆرە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ساھەسىگە جەلپ قىلىشتا بەكمۇ زور رول ئويناپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋالى خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە كۆپلەپ يەر ئالالىشى لازىم. مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى بۇ جەھەتتە ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇلار ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھۆججەتلەشتۈرۈشتە بەكمۇ ياخشى رول ئويناۋاتىدۇ. خۇددى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە مۇپتىلا بولۇۋاتقان تىبەتلەر بۇ جەھەتتىكى بەزى مەسىلىلەرنى غەرب دۇنياسىدىكى چولپانلار ئارقىلىق ياكى ئامېرىكىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئېغزىدىن شۇنىڭدەك ئاخبارات ساھەسىنىڭ قەلىمىدىن بايان قىلىش ئارقىلىق بەكمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۈرىشىدىن پەرقسىز ياكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر دېگۈدەك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جەزمەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشى لازىم، قارايمەن.»

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەلىرىدىكى بېسىملارنى ئېزرا خىتايلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، يىراق شەرقتە نەچچە مىڭ يىللاپ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئېتنىك ئۈستۈنلۈكى ھەممىنى بەلگىلەش يۈزلىنىشى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، بۇ سەۋەبتىن ئاشۇ مىللەتلەردە ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ «سەركىسى» ياكى «مەركىزى» دەپ قاراش خاھىشى ھەرقاچان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى كۆپ قىرلىق ياكى رەڭگارەڭ بولغان ھېچقانداق ھادىسىنى ئۆزىگە سىغدۇرالماستىن ئۇلارنى بىر خىللىشىشقا مەجبۇرلايدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھەر بىر ئامىلى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. ئۇ، بۇ يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى «خاراكتېر ۋە كۆلەم جەھەتتە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىلارغا قاراتقان ئىرقىي سىياسەتلىرىگە ئوخشاش شەكىل ئالماقتا،» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«شۇنداق، مەيلى كىشىلەرنىڭ ئىلاھىيەت ياكى سىياسەت ساھەسىدە قانداق مەۋقەگە مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر بىر ۋىجدانلىق كىشى ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلققە ھېسداشلىق قىلىشى ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن ياقا يىرتالايدىغان بولۇشى لازىم. باياتىن مەن سىزگە ئېيتقاندەك شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغانلارنىڭ ئەۋلادى. ھازىر قارىسام، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلە مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ياۋروپا فاشىزمى(مەيلى قارا كۆڭلەكلىك ئىتالىيە فاشىستلىرى بولسۇن ياكى ھىتلېرنىڭ گېستاپوچىلىرى بولسۇن) ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىلارغا ۋە باشقا خەلقلەرگە قوللانغان مۇئامىلىگە نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇغانسېرى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەرقاچان يازغۇچىلارنى ۋە زىيالىيلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشتەك بىر ئورتاقلىققا شېرىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەسىلەن ئالساق، ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىلھام توختى تېخى يېقىندا ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە تەسىس قىلغان سۈزگۈچلىرى ھەرقاچان ‹يات› پىكىرلەرنى سۈزۈۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار ھاكىمىيىتىمۇ خۇددى مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغان ئىدى. سىزگە مەلۇم بولغان كىتاب كۆيدۈرۈش، كوللېكتىپ قىرغىنچىلىق قاتارلىقلاردىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئوخشاشلىقلارنى تېپىپ چىقالايسىز.»

ئېزرانىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى سىياسەتلەرنى ھازىر ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان چېن چۇەنگو بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاڭ لېچۇەن بولسۇن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن «فاشىستىك يەرلىك ھۆكۈمرانلار» دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە چېن (چۇەنگو) نورمال ئادەم شەكلىدىكى بىر فاشىست. ئۇنىڭ ھازىر قىلغان-ئەتكەنلىرى ناتسىست گېرمانىيەسى ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەدە قىلغان ئىشلارغا بەكمۇ ئوخشايدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشلاردىكى مەۋقەسى خۇددى شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن مەنسەپ جەھەتتە يۇقىرى بولغان ئەمەلدارلار بولسۇن ياكى ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ھەر دەرىجىلىك خادىملار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرۋاقىت مەنسەپكە ئەسەبىيلەرچە تەشنا بولۇۋاتقان ئىنسانلاردۇر. مەنسەپكە بولغان بۇ خىل تەڭداشسىز ھېرىسمەنلىك ئەينى ۋاقىتتا ناتسىست قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش تىراگېدىيەلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى. بۇ جەھەتتە مەن سىز بىلەن ئوخشاش پىكىردە.»

ئۇيغۇر دىيارىدا مۇشۇ خىلدىكى سىياسەتلەر داۋام قىلىۋەرسە ئۇنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئىسرائىلىيەدىكى ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خەلقئارادا «خىتايشۇناس» دەپ تونۇلغان يىتزاك شىخور (Yitzhak Shichor) بۇنىڭدا باشقىچە قاراشتا. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا بۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغىنىمغا 15 يىلچە بولۇپ قالدى. ئەمما كۆزىتىشىمچە، ھازىر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ كۆلىمى ھەمدە باشقا مەملىكەتلەردە نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ۋەزىيەتنى مۇستەھكەم كونترول قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە يېقىن كەلگۈسىدە شىنجاڭدا بىرەر زور قالايمىقانچىلىق ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى مۇمكىن، دەپ قارايمەن. خىتاينىڭ سىياسەتلىرى ھەققىدە سورىسىڭىز، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى، شۇنىڭدەك ئاتالمىش (مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا ئازراق تەھدىت شەكلىدىكى) بۆلگۈنچىلىك ۋە مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى ‹باستۇرۇش› شەكلىدە ھەل قىلماقچى بولۇشىنى ئەلۋەتتە بىر تۈرلۈك خاتالىق، دەپ قارايمەن. ناۋادا ئازغىنە ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ قارىسا ئۇ ھالدا بۇ خىتاي ئۈچۈن بىر چەت ياقىدىن كېلىۋاتقان تەھدىت بولۇپ قالغۇسى. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنى ھازىر بەكمۇ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇ مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە سىلىق-سىپايە شەكىلدە ھەل قىلىشقا بولىدىغان ئىشلار ئىدى. شۇڭا مەدەنىيەت ۋە دىنىي زىيانكەشلىكلەر زور ساندىكى ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ھەمدە تولىمۇ زىيانلىق نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارالسىمۇ، ئۇنىڭ غايەت زور مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى يوق.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەرقاچان مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.