شى جىڭپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى مىللەتلەر سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن (2)
2017.10.16
نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلار بىلەن ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن شى جىڭپىڭ خىتاينى قايسى يۆنىلىشكە باشلاپ ماڭىدىغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى قىزىق مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ زور دىققەت قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ نۆۋەتتە مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن يۇمشاش ئېھتىماللىقىنىڭ بار-يوقلۇقى چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بىلەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىڭپىڭ تەختكە چىققان ئالدىنقى بەش يىلدا بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. شۇڭا شى جىڭپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن خىتاينى دېموكراتىيىگە ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇستەبىتلىككە ۋە ھاكىممۇتلەق تۈزۈمگە باشلايدىغانلىقى مۇمكىنكەن.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ھازىرقى ئەھۋالدا يەنىلا شى جىنپىڭگە ئۈمىد باغلاپ، ئۇنى خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىدۇ دەپ قاراش ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن 5 يىلدىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيەت بۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدى. شى جىڭپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئۆتكەن 5 يىلدا ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان غايىسى بىلەن دېموكراتىك تۈزۈم ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلمىدۇق. كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقتىن شى جىڭپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە خىتايدىكى ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچەيگەنلىكى ئىسپاتلاندى.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتايدا مۇستەبىتلىك ۋە ھاكىممۇتلەقلىق ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان رايون ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي باستۇرۇشنىڭ 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «كۆرۈۋاتقان ئەمەلىيەتلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقنىڭ بارغانچە كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى شى جىڭپىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمى قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلار ئارقىلىق قاتلاممۇ-قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. مېنىڭچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يۇمشاش ۋەزىيىتى بولمايدۇ. بىز بىلىدىغان ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈشكە بولمايتتى. ئۇ چاغلاردا شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار مەركەزگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ رايونلاردا سىياسەتنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلاتتى. ھازىرقى ئەھۋالمۇ شۇنداق. شىنجاڭغا ئوخشاش ئالاھىدە جايلاردا چېن چۈەنگودەك ھوقۇق تەمەسى كۈچلۈك ئەمەلدارلار ئۆز ساداقىتىنى ئىپادىلەپ تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەلگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ جايلاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقلىق ھالدا تېخىمۇ رادىكاللاشقان قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇقەررەر.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىتى ۋە 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز تەھلىللىرىنى ئورتاقلاشتى.
پەرھات مۇھەممىدى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزىگە قارشى تۇرغۇچى گۇرۇھلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، خىتايدا ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈم ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، شى جىڭپىڭنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە بىرىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئېھتىياجى بارلىقى، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلاردىكى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق كەيپىياتىدىن ئەنسىرەش ئامىلى سەۋەب بولىدىكەن.
ئېلشات ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، «ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىدە بىرئاز يۇمشاش ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن،» دېگەن قاراشقا رەددىيە بەردى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق سىياسىتىدە ماھىيەتتە يۇمشاش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇشى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، رايوندا بەزى كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.