دەررېن بايلېر: «خىتاينىڭ ‹خەلق ئۇرۇشى› قاينىمىدىكى ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسلىرىنىڭ شەھەر ھاياتى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.11.03
tengirqawatqan-uyghur-kochme-nopus.jpg ئامېرىكادا چىقىدىغان «ياش ئېقىم» ناملىق تور ژۇرنىلىدا «خىتايدىكى ‹خەلق ئۇرۇشى› قاينىمىدا تېڭىرقاۋاتقان ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنىڭ شەھەر ھاياتى» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2017-يىلى 30-ئۆكتەبىر.
RFA

2014-يىلى 7-ئايدا يەكەندە «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ باردى ۋە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» دېگەن بىر ھەرىكەتنى قوزغىغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەينى چاغدىكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن چاقىرىقلىرىدا «خەلق ئۇرۇشى ئارقىلىق تېررورچىلارنى كوچىدا ئۇر-ئۇرغا قالغان چاشقانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك،» دېگەن تەشۋىقاتنى ئوچۇق-ئاشكارا جار سالغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە مۇقىم نوپۇسى بولمىغان، جەنۇبتىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇش ھەرىكىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى كۆچمە نوپۇس ئۇيغۇرلار ئاساسەن يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ناۋايخانا، ئاشخانا قاتارلىق ئۇششاق تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇ سەۋەبلىك تاقىلىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. 

ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى دەررىن بايلېر تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاينىڭ ‹خەلق ئۇرۇشى› قاينىمىدىكى ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسلىرىنىڭ شەھەر ھاياتى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە مانا بۇ ۋەقە ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسى قىلىنىپ، يېزا نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ يۆلىشى ئارقىلىق بېيىۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. 

ماقالە ئاپتورى دەررىن بايلېر ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئاتالمىش «خەلق ئۇرۇشى» نىڭ ماھىيىتىگە ئىزاھات بەرگەن. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: 

«خىتاي 2014-يىلى ‹تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى› نى جاكارلىدى. بۇ ئۇرۇش ‹رادىكاللىشىش› ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالغان ئۇيغۇر قىز-ئوغۇل ياشلىرىنى نىشان قىلغان. مۇسۇلمان، تۈركىي خەلق بولغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەرلىك خەلقى بولۇپ، ئۇلار خىتايچە ‹يېڭى چېگرا› مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ‹شىنجاڭ› دېگەن جايدا ياشايدۇ. خىتاينىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ 20 پىرسەنتى مانا بۇ جايدىن چىقىدۇ. خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى› پىلانىنىڭ مەركىزى رايونىدا ياشايدىغان ۋە بۇ يەرنى ئۆز ماكانىمىز دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كېلەچەك پىلانلىرى ئۈچۈن بىر توسالغۇدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يېڭى ‹خەلق ئۇرۇشى› بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئېلىنغان بىر تەدبىر. ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ساقچىخانىلارغا ۋە خىتاي كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىشتەك زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى پەقەتلا يەر تارتىۋېلىش، كەمسىتىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىش ۋەقەلىرىگە بولغان نارازىلىق نامايىشلىرىدۇر.» 

ئاپتورنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئاتالمىش «خەلق ئۇرۇشى» باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق كونتروللۇق سىياسىتىگە يۇرتلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان. يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بېسىم سىياسەتلىرى كۈچلۈك ئىجرا قىلىنىدىغان ۋە خىزمەت پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولغان يېزىلىرىنى تاشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچىگە ياخشىراق ۋە ئەركىنرەك ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن كۆچۈپ كەلگەن. ئەمما ئاتالمىش «خەلق ئۇرۇشى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىمۇ سۇغا چىلاشقان. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلق ئۇرۇشى» شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن. ئەكسىچە ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا خىتايلارنىڭ ئىقتىسادىي مەبلەغلىرىنى زورايتىپ، شەھەردىكى سىياسىي ئىقتىسادنى كۈچلەندۈرگەن. 

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خەلق ئۇرۇشى جاكارلانغاندىن كېيىن كۆچمە نوپۇس ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى چېقىش خىزمىتى كۈچەيدى. ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي كەمسىتىش خاراكتېرلىك ‹بىيەنمىنكا› يەنى ‹قۇلايلىق كارتا› تارقىتىلىش ئارقىلىق ‹قانۇنىي رەسمىيىتى› بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى يېزىلىرىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلدى. ئۇلار يېزىلىرىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىرى ‹رادىكال ئىسلامچى› بولۇش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىندى. كوچىلاردا پەقەتلا بوۋايلار ۋە بالىلار قەپ قالدى. . . ‹تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى› دا نۇرغۇن يېزىلىق ياش ئۇيغۇرلار شەھەرلەردە خۇددى ‹قاچقۇن› لاردەك مۇئامىلە كۆردى. . . ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا نۇرغۇن خىتايلار دۆلەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا يۇقىرى مائاشلىق مۇقىم خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلارغا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بېكەتلىرىدە ئاسانلىق يارىتىلدى. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا تۈرلۈك-تۈمەن چەكلىمە سىياسەتلىرىنىڭ ۋە تۈزۈملەشتۈرۈلگەن ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىدى.» 

ئامېرىكىدىكى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۇچرايدىغان مۇئامىلىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلەردە «قوش كەمسىتىش» كە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 

«ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي ئاقما نوپۇسى بىلەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ئازراق ئوخشاشلىق تەرىپى بار. خىتاي ئىشلەمچىلەرمۇ يېزىلاردا كۈنىنى ئالالماي شەھەرلەرگە جان باققىلى كىرىدۇ ۋە شەھەرلەردە نۇرغۇن كەمسىتىلىشلەرگە ئۇچرايدۇ. ئەمدى بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەرلەرگە كىرگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئۇچرايدىغان كەمسىتىش تېخىمۇ ئېغىر. ئۇلار خىتاي ئىشلەمچىلەر ئۇچرىغانغا ئوخشاش ‹يېزىدىن كەلگەن ئىشلەمچى› دەپ كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن يەنە ئايرىم كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى دۈشمىنىدەك كۆرۈۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەنمۇ پەۋقۇلئاددە ئېغىر.»

ماقالە ئاپتورى دەررىن بايلېر ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدا دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان خىتايلار يارىتىۋاتقان تەڭسىز رىقابەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈن ئېلىشنىڭ ئىنتايىن قېيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تاۋار ئىقتىسادىغا مەجبۇرىي قاتناشتۇردى، بىراق ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھالال نەرسىلەرنى سېتىشىنى قىيىنلاشتۇردى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن كىرگەن پۇل بىلەن دۆلەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈلۈشى بولسا كۆپ ساندىكى ئىشسىز ئۇيغۇرنىڭ بىر پارچە ناننىمۇ ئۈستەلگە قويۇشىنى قىيىنلاشتۇردى»، دەپ بايان قىلغان.

ماقالىدە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «. . . ئۈرۈمچى شەھىرى داۋاملىق كېڭىيىۋاتىدۇ. ئېگىز، ھەشەمەتلىك بىنالار توختىماي سېلىنىۋاتىدۇ. شەرقىي ئۆلكىلەردىن نۇرغۇن پۇلدار خىتايلارمۇ بۇ يەرگە كېلىپ مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ يەرنى ئىقتىسادىي كۈچىنى زورايتىدىغان يەر دەپ قارايدۇ. خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەھدىتتىن ئەنسىرىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ھۆكۈمەت رايوندىكى كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ساقچى كۈچلىرى ئارقىلىق خاتىرجەم قىلىۋاتىدۇ.» 

خۇپىڭ ئەپەندى بولسا بىر ئىنسانغا ھەر تۈرلۈك بېسىم قىلىنغاننى ئاز دەپ ئۇنى يەنە ھاياتىنى داۋام قىلىشنىڭ كاپالىتى بولغان كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىۋېتىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 

«ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ ئۇسۇلىنى داۋام قىلسا، ھۆكۈمەت بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ جىددىيلىشىدۇ. لېكىن بۇ يەردە بىر ئېھتىماللىق خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھازىر كەمبەغەللەرنى يۆلەش، كەمبەغەللىكنى تۈگىتىش دېگەننى بەك تەكىتلەۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ماددىي ياردەم ۋە يۆلەش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈلۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ئازراق ھەل قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ھۆكۈمەت يەنە بىر قولىدا بېسىم سىياسىتىنى ھەرگىزمۇ يۇمشاتمايدۇ. تېخىمۇ ئېغىرلاشسا ئېغىرلىشىدۇكى، ئەمما ھەرگىزمۇ يۇمشىمايدۇ.»

ئامېرىكا پامونا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى بولسا يۇقىرىدىكى تەدبىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «رايونغا پەقەت مىليونلاپ مەبلەغ سېلىش ياكى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇنداق ئۇسۇل دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى باشتىن ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئۇلارغا رايوندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاق ئىگىدارچىلىق ۋە ئورتاق كاپالەتچىلىك ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەك. شى جىنپىڭ دەۋاتقان ‹جۇڭگو چۈشى› نى ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلىشىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ‹جۇڭگو چۈشى› نى دۇنياغا كەڭ يېيىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇ چۈشىنى ئۆز چېگراسى ئىچىدىكى خەلقلەر بىلەن ئورتاقلىشالمىسا، كىم ئۇنىڭ ‹جۇڭگو چۈشى› گە ئىشىنىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىكتىن چىقىۋاتقان نېمەتلەرنى يەرلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ۋەزىيەت داۋاملىق ناچارلىشىدۇ.» 

«خىتاينىڭ ‹خەلق ئۇرۇشى› قاينىمىدىكى ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنىڭ شەھەر ھاياتى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئاپتورى دەررىن بايلېر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ماقالىسىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇرغان: «نۇرغۇن خىتايلار، خىتاي تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ. خىتاينىڭ كلاسسىك ئەسىرى ‹غەربكە ساياھەت› تە ۋە مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتاپلىرىدا بۇ رايون ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى، دەپ يېزىلىدۇ. ئامما ئارىسىدا تارقالغان ئومۇمىي كۆز قاراشتا، ئۇيغۇر ئېلى ئىنتايىن گۈزەل بىر جاي، ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا ياۋايى ۋە خەتەرلىك دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ياۋايى دەپ چۈشىنىدىغان مانا بۇخىل كۆز قاراش سەۋەبلىك نۇرغۇن خىتايلار دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ‹قايتا ياساپ چىقىش› تۈسىنى ئالغان ئاتالمىش ‹خەلق ئۇرۇشى› نى قوللايدۇ. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بويسۇندۇرۇلغان يۇرتى، خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى› دىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھالقىغا، جۈملىدىن خىتاي كۆچمەنلەرنى يېڭى بازارلارغا، يېڭى مەنبەلەرگە ئېرىشتۈرىدىغان ۋە دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ زور ئورۇنغا ئېرىشتۈرىدىغان بىر جايغا ئايلاندۇرۇلدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.