جياڭ زېمىننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى قارا قولى

0:00 / 0:00

(ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم جاۋابكارلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جياڭ زېمىننىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن)

ئۇيغۇر خەلقى 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا تىل بىلەن تەسۋىرلەپ تۈگەتكۈسىز ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگىچە بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى تارىخقا ئايلىنىپ، بۇ زۇلۇملارنىڭ جاۋابكارلىرى جىنايى مەسئۇلىيەت بىلەن ئەيىبلىنىشتىن يىراق قالدۇرۇلدى. دۇنيا پەقەتلا يېقىنقى بىر قانچە يىلدا خىتاي يوشۇرۇپ قېلىشقا ئامال قىلالماي ئاشكارىلانغان جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. شۇنداقلا بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ غەرب قىممەت قاراشلىرىنى ۋەيران قىلىشتەك قۇدرەتكە ئىگە شەكىلدە دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى غەرب قىممەت قاراشلىرى بىلەن باغلاپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقتى. دەرۋەقە، ھەر كىم ئۆز مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلارغا قىزىقىدۇ، ئۆز مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان ئىشلارغا قارشىلىق بىلدۈرىدۇ، ئىنسانلار ئۆز مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغىنىنى ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۆز ئىشىدەك مۇئامىلە قىلالايدۇ. مانا بۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئورتاق ماھىيىتىدۇر.

خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن. 2001-يىلى 21-ئۆكتەبىر، شاڭخەي.
خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن. 2001-يىلى 21-ئۆكتەبىر، شاڭخەي. (REUTERS)

بۈگۈن، يەنى 2022-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم پىلانلىغۇچىسى ۋە ئىجراچىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 3-ئەۋلاد رەھبىرى، سابىق باش سېكرىتارى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ 96 يېشىدا بېيجىڭدا ئۆلگەنلىك خەۋىرى دۇنياغا جاكارلاندى. جياڭ زېمىننىڭ ئۆلۈمى تەبىئىي ھالدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇ خىتايدا ھوقۇق يۈرگۈزگەن 90-يىللارغا قايتۇردى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولغان، باستۇرۇش كۈچەيگەن، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن قاباھەتلىك قىسمەتلەر قوينىغا مەجبۇرىي سۆرەپ كىرىلگەن پاجىئەلىك يىللار ئىدى.

1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جياڭ زېمىن، دېڭ شياۋپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 3-ئە قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. جياڭ زېمىن خىتايدا ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، «بارىن ئىنقىلابى»، «5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى» قاتارلىق قانلىق پاجىئەلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بۇ قەتلىئاملار ۋە ئىنقىلابلار، جياڭ زېمىندىن ئاۋۋالقى دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىمۇ، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىمۇ ئوخشاشلا يۈز بەرگەن. ئەمما خىتاينىڭ 1978-يىلىدىكى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىن شىمالىي كورېيە پرېزىدېنتى كىم جوڭ ئىل بىلەن. 2000-يىلى 1-ئىيۇن، بېيجىڭ.
خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىن شىمالىي كورېيە پرېزىدېنتى كىم جوڭ ئىل بىلەن. 2000-يىلى 1-ئىيۇن، بېيجىڭ. (REUTERS)

جياڭ زېمىننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئاۋۋال، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مەسىلىنىڭ بېشى دەل دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش ئىسلاھاتتىن ۋاستىلىق ھالدا يىراق قالدۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدۇر. 1985-يىلى 12-دىكابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى دەل دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان بۇ ئادالەتسىزلىكلەرگە بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى شۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر ياشلىرى بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە قارشى تۇرغان، شۇنداقلا «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك» شۇئارىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» دىن دەل تۆت-بەش يىل ئاۋۋاللا خىتاينى «سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى» قىلىشقا ۋە غەرب ئەللىرىدەك دېموكراتىيەلىشىشكە قىستىغان ئىدى. گەرچە بۇ ھەرىكەت «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» دەك خەلقئارالىق تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق قورقۇتقان ئىدى. بۇ ھەرىكەت باستۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 1988-يىلى 15-ئىيۇندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ھاجەتخانا ئىشىكىگە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ھاقارەتلىگەن خىتايچە خەتلەر سەۋەبلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ قېتىممۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەنىلا «دېموكراتىيە، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك» شۇئارىنى توۋلىغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئۆزى ئىدارە قىلىشىنى ئىستىگەن ئىدى. ئەمما بۇ ھەرىكەتمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى. يوقۇرىقى ئىككى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ 3-ئەۋلاد رەھبىرى بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جياڭ زېمىن «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» ۋە «مۇقىملىقنى ساقلاش» نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت نىزامى قىلدى. جياڭ زېمىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر يىل بولمايلا، يەنى 1990-يىلى 4-ئايدا «بارىن ئىنقىلابى» يۈز بەردى، بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى پارتلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلكىقىغا قارشى زور كۆلەملىك قوراللىق ئىنقىلابى ئىدى. «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىققوللۇق بىلەن يۈرگۈزىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىدى. چۈنكى بۇ سىياسەت سەۋەبلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە توختىماي ئېقىپ چىقىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى تالان-تاراج قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيەتلىرىنى بارغانسېرى تارايتىۋەتكەن ئىدى. ئەمما «بارىن ئىنقىلابى» نى تۇتقا قىلغان جياڭ زېمىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىقلىرىنىڭ خاراكتېرىنى «بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ، ئىككى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتىنى ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن يىراقلاشتۇردى. چۈنكى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك شۇئارىنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلارنى «بۆلگۈنچىلىك»، «ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇشنىڭ بەدىلى بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويۇشقا ئېلىپ باراتتى.

خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىن كۇبا پرېزىدېنتى فىدېل كاسترو بىلەن. 2001-يىلى 13-ئاپرېل، ئىسپانىيە.
خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىن كۇبا پرېزىدېنتى فىدېل كاسترو بىلەن. 2001-يىلى 13-ئاپرېل، ئىسپانىيە. (REUTERS)

1996-يىلى جياڭ زېمىن باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى «خەلق دۈشمىنى» گە ئايلاندۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئالدى. جياڭ زېمىن ئۈچۈن «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» نىڭ سەۋەبسىز چىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خىتاينىڭ «خەلق دۈشمىنى» ئىكەنلىكىنى دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرۇش، ھاكىمىيەتنىڭ كېيىنكى مۇقىملىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى باشقا كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم قەدەم ئىدى. «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» تە زۆرۈر بولغان دىپلوماتىيە چارىلىرىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «تاشقى دۈشمەن كۈچلەر» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى پارچىلاش ۋە چەكلەش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

1996-يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى چىقارغان «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» ئېلان قىلىنىپ بىر يىل بولغاندا، ، يەنى 1997-يىلى فېۋرالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يەنە بىر قېتىملىق ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەردى. بۇ ھەرىكەت خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نامىدا تارىخ بېتىگە قالدۇرۇلدى. ھالبۇكى، بۇ قىرغىنچىلىق جياڭ زېمىن رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «چەت ئەل كۈچلىرى» گە چېتىلىپ، ئاقىۋەتتە 2002-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنى «خەلقئارا تېرورلۇق» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە يول ئاچتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «خەلقئارا تېرورلۇقنىڭ بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىشكە باشلىغاندىن تارتىپ، تاكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان 2017-يىللارغا قەدەر، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئاراغا «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى»، «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بىر ئۇچۇم ‹شەرقىي تۈركىستانچى›لارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» دەپ تەشۋىق قىلىندى. تېخىمۇ ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، ھەتتا بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارمۇ خىتاي تەمىنلىگەن تەشۋىقاتلارغا ئاساسلىنىپ، بۇنى شۇنداق چۈشەندى ۋە قوبۇل قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە قانداق زۇلۇملارغا ئۇچرىغان بولمىسۇن، ئىنسانلىق ھەقلىرى قانچىلىك دەپسەندە قىلىنمىسۇن، خېلى ئۇزۇنغىچە خەلقئار جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋە دىققىتىگە مۇيەسسەر بولالمىدى. بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار دۇنيادىن ئۈمىدسىزلەنگەن، دۇنيامۇ ئۇيغۇردەك بىرمىللەتنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغانىدى.

خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىن رۇسىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلىتسىن بىلەن. 1997-يىلى 10-نويابىر، بېيجىڭ.
خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىن رۇسىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلىتسىن بىلەن. 1997-يىلى 10-نويابىر، بېيجىڭ. (REUTERS)

قىسقىسى، جياڭ زېمىن دەۋرى، دېڭ شياۋپىڭ 1980-يىللاردا باشلىغان ئاتالمىش «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» بىلەن باشلانغان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «ئىككى يۈز يىللىق پىلانى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى تۇرغۇزغان بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، جياڭ زېمىن خۇددىي خىتاي كومپارتييەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبىرى ماۋ زېدوڭ، ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ۋە بۈگۈنكى مۇستەبىت شى جىنپىڭغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ باش پىلانلىغۇچىلىرى، بۇيرۇق بەرگۈچىلىرى ۋە باش جاۋابكارلىرىدۇر.

مانا بۈگۈن خەلقئارا جەمئىيەت، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى يىللاردىن بېرى داۋراڭ سېلىپ كەلگەن قانداقتۇر بىر ئۇچۇم «بۆلگۈنچى» لەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش» ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىدە تەشكىللىگەن «تېرورلۇق ھەرىكىتى» مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نام بېرىلگەن، ئاپتونوم ھوقۇقى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن بىر زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈگۈن خەلقئارالىق كۈنتەرتىپكە كېلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبمۇ دەل شۇ يەردىدۇر. چۈنكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە باشقا خەلقئارا قانۇن-نىزاملار نوقتىسىدىن ئالغاندا، «كىشىلىك ھوقۇق، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن» دۇر. شۇڭىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى بولماستىن، بەلكى خەلقئارانىڭ ئورتاق ئىشىدۇر. مەيلى جياڭ زېمىن ياكى دېڭ شياۋپىڭ ۋە ياكى تارىختا ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ھەرقانداق بىر مۇستەبىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىكى جىنايى جاۋابكارلىقتىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.