خىتاينىڭ يېڭى ئېراسىدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى...«شىنجاڭنىڭ نۆل يىلى» ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن

ئوبزورچىمىز نەۋباھار
2022.12.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
خىتاينىڭ يېڭى ئېراسىدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى...«شىنجاڭنىڭ نۆل يىلى» ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن «شىنجاڭنىڭ نۆل يىلى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Newbahar

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇنلىغان جازا لاگېرلىرىنى ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تونۇلۇشىنى، شۇنداقلا خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىشىنى تېزلەتتى. 2016-يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە كېڭەيگەن جازا لاگېرلىرىنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، لاگېرلار مەسىلىسى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ-كۆلەمدە قۇرغان جازا لاگېرلىرى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا جىسمانىي جەھەتتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ۋەيران قىلىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش، ئەۋلات قالدۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىش، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق مەدەنىيەت ۋە پىسخىكىلىق جەھەتلەردىكى قىرغىنچىلىقلارنىمۇ تېزلەشتۇرگەن. شۇڭا دۇنيا ئەھلىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ئىنتايىن ھالقىلىق بىر مەسىلىدۇر.

ئىلگىرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە ئېلان قىلىنغان كىتابلار خىتاي باياناتچىلىرىنى قاتتىق سەكرەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى، زىيارەتلىرى ۋە چەت ئەللەرگە قېچىپ چىققان لاگېر شاھىتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىكى پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، مەنبەلىرى ئىشەنچلىك بولغان ئىلمىي ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارماقتا.

بۇ خىل تەتقىقاتلارنىڭ ئۆرنىكى سۈپىتىدە 2022-يىلنىڭ بېشىدا ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان دەررېن بايلېر قاتارلىق ئۈچ تەتقىقاتچىنىڭ تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ نۆل يىلى» ناملىق كىتابنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سىياسىي سىستېما كۆزنىكىدىن ئەمەس، بەلكى كونكرېت مەسىلىلەر نۇقتىسىدىن كۆزىتىلگەن؛ بۇ زېمىندا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ۋەھىمە ۋە زۇلۇم ئېچىپ بېرىلگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ كىشىلەرگە ئاشكارىلانمىغان ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈشى كېرەكلىكى خىتاب قىلىنغان. خۇددى گېرمان پەيلاسوپى فرېدرىخ نېتچىنىڭ «ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى بىزگە قارىتىلمىغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ» دېگىنىدەك، ئۇيغۇر مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىشى، ھەتتا خىتاينىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى دۇنياۋىي ھەرىكەتكە ئايلىنىشىغا پىلتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

كىتابنى نەشرگە تەييارلىغۇچىلاردىن بىرى بولغان سايمون فىرازېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داررېن بايلىرنىڭ مەزكۇر كىتابقا يازغان «كىرىش سۆزى» گە قارىغاندا، بۇ كىتاب ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنى ئەكس ئەتتۈرگەن باشقا ئەسەرلەرگە قارىغاندا مەزمۇن جەھەتتىن پەرقلىق ئىكەن. كىتابنىڭ باش تېمىسى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي مۇنازىرىلەرگە مەركەزلەشمىگەن، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مەنتىقىسى ۋە تەسىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھايات ھېكايىلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان. كىتابتا ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى بايان قىلىشتىن باشقا يەنە تىبەت ۋە قازاق خەلقى ئۇچراۋاتقان بىر قىسىم سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي خورلۇقلار ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

بۇ كىتاب دۇنيا مىقياسىدا جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ۋە تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە نوپۇزلۇق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان 17 نەپەر تەتقىقاتچىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىدىن تۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق تەتقىقاتچىلاردىن دەررېن بايلىر، دېيۋىد بروفىي، رايىن سام، تىموسىي گىرۇس قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالىلىرىمۇ بار.

مەزكۇر كىتاب مەزمۇن جەھەتتىن 3 چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى قىسىمدا بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تارىخىي يىلتىزلىرى قېزىپ چىقىرىلغان. كەڭ ۋە مۇرەككەپ ھادىسىلەرگە چېتىلغان تارىخىي سەۋەبلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئوبېيكتىپ سەۋەبلەردىن باشقا يەنە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىيىتىگە قارىتىلغان ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن؛ ئىككىنچى قىسىمدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەر-زېمىندىن ئايرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىنىي-ئېتىقادى، مەدەنىيەت كىملىكىنى قانداق ۋەيران قىلغانلىقى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاينىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان؛ ئۈچىنچى قىسىمدا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىنى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغانلىقى ئېچىپ بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىدا شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ قامال قىلىنىش ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئاتالمىش يەرشارىلاشقان تور خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خەلقنى كونترول قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىش مېتودلىرى ۋە تېخنىكىلىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.

مەزكۇر كىتابقا كىرگەزۈلگەن ماقالىلەردە، ئاپتورلار ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئىرقىي كەمسىتىش، مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق، زۇلۇم ۋە يوقۇرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسى قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ 21-ئەسىردە دۇنيادا يېڭى تىپتىكى مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغان. مەزكۇر كىتابتا نۆۋەتتە خىتاينىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش سىياسىتىنى قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ئۇلارنى بۇ ھەقتە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە چاقىرىق قىلىنغان.

كىتابنىڭ نامى سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇدۇل تەرجىمە قىلغاندا «شىنجاڭنىڭ نۆل يىلى» بولىدۇ. مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللارىدا كامبودژا كوممونىستىك پارتىيەسىنىڭ كامبودژادا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقى، 20-ئەسىر دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1970-يىلى كوممۇنىستىك پارتىيە كامبودژادا ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، «نۆل يىلى» نىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتە كوممۇنىستىك ئىنقىلاپ قوزغاش مۇددىئاسى بىلەن تۆت يىل ئىچىدە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزۈپ، كامبودژانىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش گىردابىغا ئەكىلىپ قويغان. خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ كىتابقا «شىنجاڭنىڭ نۆل يىلى» دەپ ماۋزۇ قويۇلۇشىمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تارىخىي خاراكتېرلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يېڭى ئېراسىنى يارىتىشىغا سىمۋول قىلىنغان.

كىتابتا جازا لاگېرىدىن باشقا يەنە لاگېر سىرتىدىكى كۆزىتىش تورى، ئاتالمىش «ئاممىغا قولايلىق» ساقچى پونكىتلىرى ۋە يوقۇرى تېخنىكىلىق يۈز تونۇش ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كونتروللۇق سىستېمىسىنىڭ دېنامىكىلىق خىزمەت قىلىش پىرىنسىپلىرى، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق كەسپى نەزەرىيەلىرىگە تەدبىقلانغان ھالدا مۇلاھىزە قىلىنغان. كىتابتىكى سام تاينىن (Sam Tynen) نىڭ ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يۇرت ماكانلىرىدىن «كۆچۈرۈش» مەسىلىسى ئالاھىدە مۇلاھىزە قىلىنىپ، نۆۋەتتە ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈش ياكى ئۆي-جايلىرىرىنى چېقىۋېتىش ۋە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم «كۆزگە كۆرۈنىدىغان» (visible) خەتەرلەر بىلەن بىرلىكتە، يەنە كىملىك كارتىسى، تىل، ئىسىم ۋە باشقا ئىرقىي پەرقلەر، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەت» ياكى «خىتاي بولمىغان مىللەت» بولۇشتەك بىر قىسىم ئامىللار تۈپەيلىدىن «كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان» (invisible) تەھدىتلىك قىسمەتلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى ئانالىز قىلىنغان. كىتابتا ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ ئوبرازلىق ۋە جانلىق بىر كارتىنا يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە، بىر قىسىم مېتافورا ۋاسىتىلىرىمۇ قوللىنىلغان. بۇ ئارقىلىق كىتابنىڭ ئوقۇشچانلىقى ۋە قىممىتى ئاشۇرۇلغان. مەسىلەن، دەررېن بايلېرنىڭ مەھەللىلەر، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى ۋە كوچا-كويلاردا تەسىس قىلىنغان يوقۇرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ ماھىيىتى مۇلاھىزە قىلىنغان ماقالىسىدە، مەھەللىلەردىكى كۆزىتىش پونكىتلىرى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئوخشىتىلغان. ئۇندىن باشقا كىتابقا يەنە ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئېرىشىلگەن فوتو سۈرەت ۋە خەرىتىلەرمۇ قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن.

كىتابتىكى قوللىنىلغان يەنە بىر ئىلمىي مېتود شۇكى، كۆپ ساندىكى گۇۋاھچىلار ۋە زىيارەت قىلىنغۇچىلاردىن ئېلىنغان بىرىنچى قول مەنبەگە تايىنىشتىن ئىبارەت. جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى پاكىتلار گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا بايان قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت» نى باھانە قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يوقۇرى تېخنىكىلىق باستۇرۇش سىستېمىسى ۋە جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى يەنىمۇ چوڭقۇر ئېچىپ تاشلانغان. كىتابتىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى چۆچۈتىدىغان سان-سېفىرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. دەسلەپتە دىنىي زاتلارنى قاماش بىلەن باشلانغان لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ، كېيىنچە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان نىسبەتتە كېڭەيگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ نۆل يىلى» ناملىق بۇ ماقالىلەر توپلىمى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ھەر بىر ھالقىسى ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن توختالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا ئۆلگەندە قەبرىسىز قېلىشتەك ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېچىنىشلىق كۈلپەتلىرىمۇ ئاڭلىتىلغان. بۇ كىتابتىكى ئەڭ يېڭى پاكىتلىق بايانلار ۋە چوڭقۇر ئانالىزلار، دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىچ يۈزىنى كۆرىۋېلىشقا، شۇنداقلا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغۇسى.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.