ئۇيغۇر سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر: خىتاي، ئۇيغۇرلارنى كىملىكىنى يوقىتىش بەدىلىگە «جۇڭگونى تونۇش» قا مەجبۇرلىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تيەنئەنمېن قوۋۇقىنىڭ رىشاتكىسىغا سوقۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ كۆيۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 28-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
تيەنئەنمېن قوۋۇقىنىڭ رىشاتكىسىغا سوقۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ كۆيۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 28-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
EyePress

يېڭى بىر يىلنىڭ باشلىنىش ھارپىسىدا، 2014-يىلىدا خىتاينىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ھەققىدە خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى تور بەتلەردە تۈرلۈك تېمىلاردا مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.

خىتاي شىنخۇا تورىدا 18-دېكابىر باشلانغان «جاھان مۇنازىرىسى» خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاينىڭ غەربىي قىسمىنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىمۇ ئالاھىدە مۇھاكىمە قىلىندى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى يې خەيلىننىڭ يىغىندا «پۇل ھەرگىزمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ»، «ئەگەر بىر دۆلەت مىللىي سىياسىتىدە كۆپ خىللىشىشنىلا سۆزلەپ، ئورتاقلىق سۆزلەنمىسە ھامىنى مەسىلە كۆرۈلىدۇ...» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە دىققەت ۋە غۇلغۇلا قوزغىدى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ۋە مەمەت توختى ئەپەندىلەرمۇ بۇ نۇقتىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى ۋە خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى بۇ يوسۇندا داۋام قىلسا، كېلەر يىلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ تىنچسىز بىر يىل بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكىنىڭ 2014-يىلى 4-ئايدا ئافغانىستاندىن بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، بۇنىڭ خىتاي ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى دىققەت تارتقان نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ شەرقىي شىمالى ئاسىيا ۋەزىيىتى، دېڭىز توقۇنۇشى، ياپون بىلەن بولغان سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسى، فىلىپپىن مەسىلىسى قاتارلىقلار ۋە خىتاينىڭ غەربىنىڭ يەنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى مەسىلىلىرى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدە ئەندىشىگە سېلىۋاتقان نۇقتىلاردۇر.

بولۇپمۇ 2013-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەتتا بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىن راۋىقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە مۇشۇ ئاينىڭ 15 ئى قەشقەر كونا شەھەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەممىسى، خىتاينىڭ 2014-يىلىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئەندىشە قوزغىغانلىقى مەلۇم.

18-دېكابىر شىنخۇا تورىنىڭ «جاھان مۇنازىرىسى» دە، 2014-يىلى ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ غەربىگە نىسبەتەن قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، بىز بۇنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئويلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە 2014-يىلىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ غەربىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلشىشى مۇمكىن دەپ سۆزىنى باشلىغان يې خەيلىن، «پۇل ھەرگىزمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ» دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يې خەيلىن، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت پروفېسسورى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، پۇل شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلالمايدۇ. ئۇ سۆزىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان «ھازىرقى مەسىلە ئىقتىسادىي ياردەم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىشتىن باشقا يەنە ئىككىنچى خىل ئامال بارمۇ-يوق؟ بىز شۇ خىل ئامالنى سىناپ باقتۇقمۇ-يوق؟ مانا بۇ ھالقىلىق مەسىلە.»

يې خەيلىن مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل بۇ ھالقىلىق مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش يولى توغرىسىدا توختالغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ سالاھىيەت تونۇش جەھەتتىكى سېلىنمىسى يېتەرلىك ئەمەس دەپ كۆرسىتىپ «نۆۋەتتە ھۆكۈمەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايونلاردا كۆپ خىللىشىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەر خىل مەدەنىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەيدۇ، لېكىن جۇڭگونى تونۇش جەھەتتە يېتەرلىك كۈچ ئاجراتتۇقمۇ-يوق؟ ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتىدە كۆپ خىللىشىشنىلا سۆزلەپ، ئورتاقلىق سۆزلەنمىسە، ھامىنى مەسىلە كۆرۈلىدۇ» دېگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە يې خەيلىننىڭ «پۇل ھەرگىزمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ» تېمىسىدىكى مۇلاھىزىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق دىققىتىنى تارتتى ۋە تەنقىدىي ئىنكاسلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

سوخۇ تورىدا ئىنكاس قايتۇرغان بىر خىتاي تور قوللانغۇچىسى «شىنجاڭ مەسىلىسى تېررور مەسىلىسى ئەمەس، پۇل بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس، دۆلەت ئۆزىنىڭ ئۇ جايدا قوللىنىلىۋاتقان باستۇرۇش مەسىلىسىدىن سەۋەب ئىزدىگەندە ئاندىن شىنجاڭ مەسىلىسى ھەل بولىدۇ..» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

خىتاي بلوگىدا مەزكۇر مۇلاھىزىگە ئىنكاس قايتۇرغان بىرەيلەن يەنە «شىنجاڭلىقلار پارتلاتمىسا ھەيران قالساق بولىدۇ، ئۇ جايدىكى سىياسەت ھەممە جايدىن پەرقلىق، يا ئەرزىنى سۆزلەشكە يول قويمىسا، بىر ئىش چىقىپ بولغۇچە ھەممە جايدا ئۇلارنى باستۇرسا، پارتلاتماي قانداق قىلىدۇ؟ مىللىي سىياسەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك» دېگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، يې خەيلىننىڭ «پۇل ھەرگىزمۇ شىنجاڭ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ» دېگەن قارىشىغا قېتىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شەرھىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتىن پۈتۈنلەي يىراق،رېئال مەسىلىلەرگە كۆز يۇمغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى ئېچىپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى مەمەت توختى ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، 2014-يىلىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ تىنىچسىز بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يەنە، ئەگەر خىتاي مۇشۇنداق جىددىي بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىتىدىكى خاتالىقلارغا خاتىمە بەرمەي يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئۆز كىملىكىنى يوقىتىش بەدىلىگە«جۇڭگونى تونۇش» قا مەجبۇرلىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ توختىماي ئېلىپ بېرىۋاتقان كىملىكىنى قوغداش كۈرىشىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت