ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتكۈچى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ خىتاينىڭ رايونغا قاراتقان ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكادىكى روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس (Timothy Grose) خىتاي ئارخىپى تورىدا ئېلان قىلغان «بېيجىڭنىڭ يېمەكلىك ھەرىكىتى-يېمەكلىك ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش» (Beijing’s Culinary Crusade: Erasing Uyghur Identity Through Food) ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان بىر قىسىم دوكلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تىموسىي گرۇس مەزكۇر ماقالىسىدە، «خىتايلار ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ‹قالاق› دەپ قارايدۇ، شۇڭلاشقا تازىلىق، زامانىۋىلىق ۋە نورماللىقنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان بىر يۈرۈش ‹خەن› ئۇسلۇبىدىكى خىتايچە تائام-يېمەكلىكلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ يازىدۇ.
دەرۋەقە، خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىن مەلۇمكى، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تەرىپىدىن ئىستېمال قىلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە ناشتىلىق ئادىتى خىتايلار تەرىپىدىن ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، قالاق ۋە ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىپ مەسخىرە قىلىنغان. ئۇيغۇرچە نان بىلەن چاي ئىچىش ئادىتىنىڭ ئورنىغا پىلتە قۇيماق، ھورنان ۋە چىلىغان كۆكتات قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتەك خىتايچە ناشتىلىق ئادەتلىرى تەشەببۇس قىلىنغان. ھەتتا خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن كەمسىتىلىپ، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغىمۇ دۇچ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇپ كەلمەكتىمىز.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرچە غىزا-تاماقلار ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى راستتىنلا «قالاقلىق» نىڭ ئىپادىسىمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەرنى كەمسىتىشىنىڭ ئارقىسىدا قانداق نىيەتلەر يوشۇرۇنغان؟
ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆزلىرى ياشىغان ئىقلىم ۋە شارائىتقا ماس كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ۋە تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر خەلقى كۈندىلىك ئىستېمالىدا ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەبىئىتى، تەسىرى ۋە ئۆز مىزاجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن. ناشتىلىقنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، نان بىلەن چاي ئىچىش ئادىتى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر.
تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېنسىكلوپېدىيەلىك قامۇسى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تىمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئومۇملاشقان يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئائىت 300 نەچچە ئاتالغۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بىر قىسىم تائاملارنىڭ ئىسىملىرى، تەركىبلىرى ۋە ئېتىش ئۇسۇللىرى چۈشەندۈرۈلگەن. دىۋاندا يەنە ئەينى ۋاقىتتا تائام رېتسىپلىرىنىڭ ئۇستا ئەمچىلەر تەرىپىدىن تەييارلىنىدىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
2007-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى» دا ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى 1000 خىلدىن ئاشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ پاكىتلار بىزگە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە غىزالىنىش ئادەتلىرىنىڭ قىممەت قاراش، ئېستېتىك قاراش ۋە پىسخىكىلىق ئىنتىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تېبابەتچىلىك قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ۋە ئىنسان بەدىنىنىڭ تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان ئىلغار تىپتىكى تائام مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئادەتتە بىر مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى شۇ مىللەتنىڭ كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يەنى يېمەك-ئىچمەككە ئائىت ئۆلچەملەر، پەرھىزلەر، قائىدە-يوسۇنلار ۋە غىزالىنىش ئادەتلىرى بىر مىللەتنى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ھالقىلىق ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېمەكلىك پەقەتلا يېمەكلىك ئەمەس، ئۇ مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىلا ئەمەس، ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن داستىخان مەدەنىيىتى، مەشرەپ-چاي مەدەنىيىتى، مېھماندارچىلىق قائىدە-يوسۇنلىرى، مەرىكە-مۇراسىم ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ، خىتاينىڭ ئادەتلىرىگە بويسۇنۇش، ياتلاشتۇرۇلۇش، ھەتتا يوقىتىلىش خەتىرىگە دۇچ كەلمەكتە.
جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىقتا «يېمەكلىك مۇستەملىكىچىلىكى» دېگەن بىر ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ ئۇقۇم مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان رايونلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك سىستېمىسىنى كونترول قىلىپ، ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. يېمەكلىك مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ تەسىرى كۆپىنچە ھاللاردا يېمەكلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات ۋە ئىستېمال ئەندىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن جەرياننىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا كۆرۈلىدۇ.
تەتقىقاتچى سام گرېي (Sam Grey) بىلەن راج پاتېل (Raj Patel) يېمەكلىكنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئۆرنەكلىرىدە كۆرۈلۈشى تېمىسىدا تەتقىقات ۋە ئانالىز ئېلىپ بارغان بولۇپ، «يېمەكلىك مۇستەملىكىچىلىكى» ئۇقۇمى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن كۆز قاراشلارنى ياقلايدۇ. بۇ تەتقىقاتچىلار مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان رايون ياكى دۆلەتلەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشى كۆپىنچە ھاللاردا يەر-زېمىننىڭ تارتىۋېلىنىشى، يېمەكلىك ساھەسىدە خىزمەت قىلغۇچى ئاياللارنىڭ ئەمگەك ھەقلىرىنىڭ كەمسىتىلىشى ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.
بۇ نەزەرىيەنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ كەمسىتىلىش مەسىلىسىگە تەتبىقلاپ چۈشەندۈرسەك، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ كەمسىتىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدەك قىلمىشلارغىمۇ چېتىلىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرىنىڭ قۇۋۋەتسىز ۋە زامانغا لايىق ئەمەسلىكىنى پەش قىلىپ، «ئاياللار بىرلەشمىسى» دېگەندەك ئورگانلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى «ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى» دەپ تەشۋىق قىلغان خىتايچە تاماقلارنى ئېتىش، ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرغان. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاياللىرى نىشان قىلىنغان «ئائىلە مەكتىپى» نامىدىكى بۇ خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ مارالبېشى، كوناشەھەر، يەكەن ۋە خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت، ناھىيەلەردە كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ شۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇكى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىدە بولمىغان «يېڭىچە» تاماق ئېتىش تېخنىكىسى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا غەيرىي غىزالىنىش ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغان. شەھەرلەردە بولسا، ئاشپەزلەرنىڭ كەسپىي سەۋىيە ئۆلچەملىرى خىتايچە تاماقلارنى ئېتىش بىلەن ئۆلچەم قىلىنغان.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىدە ئاشلىق ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرى خۇرۇچ قىلىنغان تاماقلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلاردا ئېرىشكەن ماتېرىياللارغا قارىغاندا، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشاپ كەلگەن تەڭرىتاغ ئېتىكى ياكى تارىم ۋادىسى بولسۇن چارۋىچىلىق، باقمىچىلىققا ئائىت بۇيۇملار بايقالغاندىن سىرت يەنە، دېھقانچىلىق ۋە تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرى بولغان ياغۇنچاق، ساپال قاچا، تېرىق، بۇغداي باشاقلىرى، مايلىق زىرائەتلەر بايقالدى. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر خەلقى تا ھازىرغىچە ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان يېمەكلىك تۈرلىرىدىن پولۇ، لەغمەن، مانتا، سامسا، چۆچۈرە قاتارلىقلارنىڭ قايسى دەۋردە ئىختىرا قىلىنغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار بولمىسىمۇ، بۇ تاماق تۈرلىرى ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ئورگانىك قىسمىغا ئايلىنىپ، ئەنئەنىۋى تاماقلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەسىرلەر بويى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىدا زور رول ئويناپ كەلگەن مۇنبەت تۇپراقلار تۈرلۈك سىياسەت-شوئارلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇلدى. ھەرقايسى دەۋرلەردە يۈز بەرگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى تارتىۋېلىندى، ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەرلەرنى خىتاي پۇقرالىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى قىلىپ قوللىنىپ كەلدى. يېزا ۋە شەھەرلەردە يېمەكلىك ئىستېمال ساھەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان پاكىتتۇر.
«يېمەكلىك مۇستەملىكىسى» نەزەرىيەسىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاخىرقى ئامىل تەبىئىي بايلىقلارنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئامېرىكالىق ئىنسانشۇناس دەررېن بايلېر (Darren Bayler) بۇ ھەقتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىشى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ۋە زور نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتكەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋاسىتىسى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئۆز ئىلكىگە ئېلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.
ئەلۋەتتە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ بېيىشىغا ئەگىشىپ تاماق تۈرلىرىنىڭ نىسپىي ھالدا ئۆزگىرىشى ۋە يېڭىلىنىپ تۇرۇشى نورمال ھادىسە. ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تائام تۈرلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىگە خاس قىزىلمۇچ تەملىك، زىيادە ئاچچىق-چۈچۈك ۋە خىتايچە ئىسىم قويۇلغان قورۇمىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ بارماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەلۋەتتە خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تاماقتا ياتلىشىش ھادىسىسى ئەۋج ئالغان بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «ئۇيغۇر تاماقلىرى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ تاماقلىرى» دەيدىغان ئەھۋال ئومۇملاشماقتا. ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «يېمەكلىك مۇستەملىكىسى» سىياسىتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، بىر قىسىم خىتايچە ۋە تۇڭگانچە تاماقلار «شىنجاڭ تائاملىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا، ھەتتا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋاللارغىمۇ شاھىت بولماقتىمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەبلەغ سېلىش تەشەببۇسى ئاستىدا، ھەرقايسى شەھەرلەردە ئەسلىدىكى قۇرۇلۇشلارنى چېقىپ، مەخسۇس ساياھەتچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن يېڭىدىن قۇرۇلۇشلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ تائاملىرى» ئاشپۇزۇللىرى، رېستورانلار ۋە يېمەكلىك بازارلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بۇنىڭ روشەن ئىپادىلىرىدىندۇر. بۇ خىل يېمەكلىك بازارلىرى ۋە ئاشخانىلىرىدا خىتاي دۆلىتى بايرىقى، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ باش سۈرىتى ۋە ئۈزۈندىلىرى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەرغىب قىلىدىغان شوئارلار ئېسىلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى پۇراقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقى مەلۇم. خىتاي خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ خىتايچە تاماقلارنى «سېغىنىش ھېسسىياتى» نى بېسىش ئۈچۈن، ئەزەلدىن خىتايچە ئاشپۇزۇللار بولمىغان ئۇيغۇر يېزا-بازارلىرىدىمۇ خىتايچە ئاشخانىلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتى «قالاق» دەپ قارىغان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ئىسلاھات قىلىپ، زامانغا لايىقلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر قەدىمىنى توسالغۇسىز باستى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەسىرلەردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا تائام مەدەنىيىتىدە جۇلالىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ «قالاق» دەپ تەشۋىق قىلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى دېيىشكە بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى بەرپا قىلىش تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ غەرىزى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى، ئەڭ ئەقەللىي تەلىپى بولغان يېيىش، ئىچىش، كىيىنىشلىرىنىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇش، شۇندىلا ئۇلارنىڭ خىتاي مىللىتى بىلەن ھېچقانداق پەرقى قالمايدۇ. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە ئارىلىشىشى ۋە بۇزغۇنچىلىقى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ.
***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ