خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تارقىتىدىغان مائارىپ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە يادەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ ھەر ئايدا 1500 سوم بولىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە يادەم پۇلى 200 سوم ئەتراپىدا ئىدى. دائىرىلەر يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياردەم بېرىش دائىرىسىنى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقىچە كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچى قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.
كۆزەتچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبقا قاراتقان بۇ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئاساس مەقسەت قىلغان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا ۋە «بۇنىڭدىن پەقەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى نەپكە ئېرىشىشى مۇمكىن» دېگەن گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ دائىرىلەر «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى مائارىپ بايلىقىنى جەنۇبىي شىنجاڭ، چەت - يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە شەھەر، بازارلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھىسى»نى يولغا قويىدىكەن. «لايىھە» دە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆلچىمى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلىدىكەن، دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، مەركەزنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ياردەم بېرىش دائىرىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقىچە كېڭىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچى قىس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن.
«لايىھە» قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالتە يىل ئىچىدە ھەر قايسى ناھىيەلەردە مەجبۇرىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۇچا، چىرا، يېڭىشەھەر، ئاقتۇ قاتارلىق ناھىيەلەرنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتىكى تايانچ ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى يادرو قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلغىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇبتىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە يادەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ ھەر ئايدا 1500 سوم بولىدىكەن.
بىز بۇ ھەقتە جەنۇبتىكى بىر قانچە يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە تېلېفون قىلىپ ئوقۇتقۇچىلاردىن مەزكۇر خوشخەۋەرنى سورىغىنىمىزدا ئۇلار ئوخشاشلا خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشتى.
مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرى ۋە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسكاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئادەم تەربىيەلەشنىڭ 1 - سېپىدە جاپالىق ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان مائاش ۋە قوشۇمچە ياردەم ھەققى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى بېكىتىلگەن ئۆلچەمدە بولۇپ، ھازىرقى زامان ئىقتساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدىكەن. بولۇپمۇ، قوش تىل مائارىپى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئېغىر خىزمەت بېسىمىدىن باشقا، سىياسىي بېسىم ۋە تۈرلۈك قىسقارتىش، تەڭشەشلەردە مائاشى قىسقارتىلىش ۋە شاللىنىشتەك بېسىملارغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
خىتاي رادىيو تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت چىقارغان «نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت دەسمايىسى بىلەن مەبلەغ سېلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، باھا ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن مائارىپ ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا ئىلھام بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇنىڭغا ماسلىشىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى چەت - ياقا دېھقان، چارۋىچىلىق رايون ۋە بازارلىرىنىڭ «يېتەرسىز مەكتەپ مائارىپىنى ئىسلاھ ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، مەجبۇرىي مائارىپ پەرقىنى كىچىكلىتىش، مائارىپنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئالتە يىل ئىچىدە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مائارىپ بايلىقى سىياسىتى جەنۇبى شىنجاڭ، چەت ياقا دېھقان - چارۋىچىلىق رايون ۋە بازارلىرىدىكى مائارىپى ئاجىز بولغان مەكتەپلەرگە ئاغدۇرۇش» ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئاساس قىلىپ يۈرگۈزمەكچى بولغان يۇقىرىقى مائارىپ تەدبىرلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
چەتئەلدە ئۇيغۇر تىل، يېزىقى ھەققىدە مۇستەقىل تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا قاراتقان بۇ مائارىپ تەدبىرى ۋە مەبلىغىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى يوقىتىشنى تېزلىتىشتا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ جەھەتتە رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى ئۈستۈرۈش ئارقىلىق سۆيۈنچە ئىنئاملار بىلەن تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قۇددۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئوقۇتقۇچىلىق مائاش ياكى نەپكە قاراشلىق بىر ئادەتتىكى خىزمەت ئەمەس، بەلكى مىللەتكە، مائارىپقا بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقنى ھەمدە پىداكارلىقنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت، مىللي مائارىپىمىز ئۈچۈن ئۈن - تۈنسىز كۈچ چىقىرىۋاتقان ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىغا خىتاي دائىرىلىرى گەرچە بۇ ئىنئامنى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى ئۆز مللىتىنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەش ئىستىكىدىن ياندۇرالمايدۇ. ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنئام ۋە سۈيۈنچىلەر بىلەن قوش تىل مائارىپقا بېرىلىپ خىزمەت قىلىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى سېتىۋالالمايدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى (2010 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە) دا 2015 - يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش، «قوش تىل» تەربىيىسى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تەخمىنەن %70 كە يەتكۈزۈش؛ 2020 - يىلىغا بارغاندا %90 تىن ئاشۇرۇش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن پىششىق ئىگىلىگەن ۋە ئىشلىتەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش كېرەك...دېگەنلەر نىشان قىلىنغان بولۇپ، بۇلاردا كۆرسىتىلگەن «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى - ئاز سانلىق مىللەت «قوش تىل» سىنىپلىرىدا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل، يېزىقىدىن ياكى ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ ئېنىق ئىزاھات بېرىلگەن.
بۇلاردىن ئۇيغۇر كۆزەتچىلەرنىڭ گۇمانلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
0:00 / 0:00