ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قاچانغىچە سۈكۈت قىلىدۇ؟

0:00 / 0:00

7-مارت كۈنى «كۈندىلىك خەۋەر» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيەسى تەھلىل قىلىنغان. ماقالىدە تەكىتلەنگەن نۇقتا شۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ ئامېرىكا سودا ساھەسى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان قەبىھ زورۋانلىق ۋە زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىگە تېخىچە ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، «كۈندىلىك خەۋەر» تورىنىڭ مۇخبىرى ئىلاي بايىندىر (Eli Binder) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا شىركەتلىرى شىنجاڭدىكى تەقىپ-نازارەت سىستېمىسىدا بەلگىلىك رول ئوينىدى. مەسىلەن، ئىنتېل، نىۋىدىيا شىركەتلىرى تەمىنلىگەن ئۆزەك شىنجاڭدىكى كامېرالارغا سەپلەندى. تەكشۈرگۈچىلەر يەنە داڭلىق ئامېرىكا ماللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ قارار تولىمۇ كۈچلۈك بىر ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنى تەقەززا قىلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە قانۇن جەھەتتە ئەھمىيىتى بار. مەنچە خىتاينىڭ خەلقئارا كارخانىلىرىغا دىققەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ مال تەمىنلەش لىنىيەسىدىن ئايرىلىشنى خالايدىغان ياكى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان شۇ ئىشلارغا ئاشكارە قارشى تۇرىدىغان شىركەتلەر ناھايىتى ئاز. ئالما، كوكا كولا، نايك شىركەتلىرىنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› گە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى، يەنە ئون نەچچە شىركەتنىڭ بۇنىڭغا قېتىلغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە يېزىلغان بىرەر ماقالە كۆرمىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىز خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سورىدۇق. ئۇلارنىڭ جاۋابى ‹سۈكۈت قىلىش ھەممىدىن ئەۋزەل› دېگەندىن ئىبارەت بولدى».

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، بۇنى توسۇش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىدۇ؟ ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، ئىجرائاتنى باشلىسا، بۇ ئامېرىكا سودا ساھەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مانا بۇ مەسىلە نۆۋەتتە ئامېرىكا شىركەتلىرى ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.

ئادۋوكات ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىدە قايسى نۇقتىدا بىرلىشەلەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە بۇيرۇق بېرەلمەيدۇ. ئەمما ئامېرىكاغا ئوخشاش كاپتالىستىك دۆلەتلەر بىرلىشىپ يېتەكچى نىزام تۈزۈپ، قانۇنلۇق بىلەن قانۇنسىز ئىشلارنى بېكىتىپ بەرسە، تىجارەت دۇنياسى پايدا-مەنپەئەتنى ئەخلاقنىڭ ئۈستىگە قويىۋالمىسا، ئىستېمالچىلارمۇ قۇللۇق ئەمگىكىدىن كەلگەن مەھسۇلاتنى سېتىۋالمىسا، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ،» دېدى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى 48 چوڭ شىركەتتىن 31 شىركەت ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىققا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن، 11 شىركەت ئۇ ھەقتە باھا بېرىشنى رەت قىلغان، ئالما، IBM قاتارلىق 5 شىركەت مال مەنبەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، پەقەت Dell شىركىتىلا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا-خىتاي سودا جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ «ئەگەر بۇ شىركەتلەر خىتايغا قارشى سۆزلەپ قويسا، خىتايدىكى خىزمەتچىلىرىنى پالاكەت باسىدۇ، خىتايدىكى سودىسىمۇ ئۆلىدۇ» دېگەن. دۇنيانىڭ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئايلانغان خىتاي ھازىر تاشقى سودىنى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە باغلىۋالغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەيدىغان ھەر قانداق چەت ئەل شىركىتى خىتايدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، كۆپلىگەن غەرب شىركەتلىرى خىتايدا زاۋۇت قۇرۇشتىن كۆرە خىتاي زاۋۇتلىرىنى ھۆددىگە ئېلىشنى ئەۋزەل كۆرگەن، خام ئەشيادىن تارتىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقىچە ھەممىسىنى خىتاي زاۋۇتلىرىغا ھاۋالە قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، بۇ شىركەتلەر خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مالنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، كىملەرنى ئىشلىتىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلىقى دېگەنلەرنى بىلىپ كەتمەيدىكەن، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرمىگىچە ئېنىقلاپ چىققىلى بولمايدىكەن.

يېقىنقى خەۋەرلەردە ئاشكارىلانغىنىدەك، غەرب ئەللىرىدىكى شىركەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پاختا، پەمىدۇر مەھسۇلاتىدىن باشقا يەنە شامال كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تۇربىنا، قۇياش نۇرى باتارىيەسى، چاچ مەھسۇلاتلىرى، بىتكويىن مېتالى قاتارلىقلارنى سېتىۋالغان. خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنپلا قالماي، ئىچكىرى خىتايدىكى زاۋۇتلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتكەن. ماقالىدە مۇنداق سوئال قويۇلىدۇ: «كۆپلىگەن شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مال تەمىنلەش ھالقىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى قانداق ئىنكار قىلالىسۇن؟»

خەلقئارا جىنايەت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى تىجارىتىنى داۋام قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىگە بىۋاسىتە شېرىك بولدى دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دۆلەتكە ياردەم بەرگۈچى، يەنى خىتاينى قوللىغۇچى» دېيىشكە بولىدىكەن.

ماقالىدە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى چەكلەپ، پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ، يەنە نۇرغۇن چەكلىمىلەر قويۇلۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا ئامېرىكا شىركەتلىرىمۇ شىنجاڭدىن كېلىدىغان كۆپلىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا ساھەسى خىتاينى توغرا ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاشتا دىپلوماتلاردىنمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تىجارەت دۇنياسىدىكى غوللۇق ئىنسانلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئوڭشاشتا ھۆكۈمەتكە ماسلىشىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق قىلماي، زامانىۋى قۇللۇقنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، بۇ ناھايىتى يىرگىنچلىك بىر ئىش بولىدۇ.»

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، نيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق مۇخبىر كاترىنا نورسروپ (Katrina Northrop) نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بۇ پىكرىگە تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نۇرى تۈركەل ئەپەندى توغرا دەيدۇ، كارخانىلار گەرچە بىزدە ھوقۇق يوق دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھوقۇقى چوڭ. ئەگەر كارخانىلار خىتايدىن چېكىنىپ، ھەتتا يۆتكىلىپ چىقالىسا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىشتەك بۇنداق قورقۇنچلۇق قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. ئەمما كارخانىلار ئۇنداق قىلماي، مۇمكىنقەدەر سۈكۈت قىلىشنى تاللىۋالدى. چۈنكى ئۇلار خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ۋە خىتايدىكى غايەت زور ئىستېمال بازىرىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ قائىدىسىگە بويسۇنمىغان شىركەتلەرنى جازالايدۇ، NBA (ئامېرىكا ۋاسكىتبولچىلار بىرلەشمىسى)دىن بۇنى كۆردۇق. بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، كارخانىلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر كارخانىلار بىرلىشىپ خىتاينىڭ قىلمىشىغا قارشى ئاۋاز چىقارسا، يالغۇز بىرلا شىركەت جازالىنىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق مەيداندا تۇرۇپ قارشىلىق بىلدۈرسە، خىتايغا بۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىگنال بولىدۇ. يەنە شۇنى دەپ قويۇش كېرەككى، دىپلوماتلار شىركەتلەرگە ئۇلارنىڭ تىجارەت يولى بىلەن بېسىم قىلالايدىغان ھوقۇققا ئىگە، ھۆكۈمەتنىڭمۇ شۇنداق ئىمكانىيەتلىرى بار، ھۆكۈمەت يەنە دىپلوماتىيەدىن پايدىلىنىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ ھەم قىلالايدۇ، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدۇ.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ئىستېمالچىلارنىڭمۇ ئالدى بىلەن ئۆزلىرى باش بولۇپ، خىتايدىن مەنپەئەتدار بولۇۋاتقان، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنى ئالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.