ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى: بىڭتۇەننىڭ كۈچىيىشى ئاپتونوم رايوننىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ (1)
2016.04.25

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيىلەردە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» دېگەن نامدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي گەۋدىگە مەبلەغ سېلىشنى يىلدىن-يىلغا كۈچەيتمەكتە ئىكەن. بىڭتۇەننىڭ سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ بۇ قەدەر زورىيىپ مېڭىشى بىر قىسىم ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. زىيارەت جەريانىدا ئۇلار بۇنىڭ تاسادىپىي ھادىسە ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ «ئاپتونوم رايون» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتايدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ 2016-يىللىق ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 198 مىليارد سومغا يەتكۈزمەكچى بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ سان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش تۈرگە سالغان مەبلەغ سوممىسىدىن 10 پىرسەنت كۆپ ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىم نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈرلەر قاتارىدا يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، سانائەت قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بار ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىڭتۇەن باش قوماندانلىق شتابىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما تېلېفوننى ئالغان خىتاي بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
خىتاي مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب» تا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي ھۆكۈمەت 1950-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە بولغان ئەللىك يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىغا جەمئىي 260 مىليارد سوم سەرپ قىلغان. ھالبۇكى بۇ سان بىڭتۇەننىڭ 2016-يىللىق بىر يىللىق ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ سېلىنمىسىدىن سەللا كۆپ ئىكەنلىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ت. جېيمىس (Dr. T. James) بىڭتۇەننىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكىتسىيىسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىق سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن بىڭتۇەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن: «شىنجاڭ ئۈچۈن بىڭتۇەن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى شىنجاڭدا نوپۇس كۆپ. ئاساسلىقى، بىڭتۇەن ئىشغالىيەتچى كۈچ، يەنى ئۇ نوقۇل ھەربىي خاراكتېردىكى ئاساسىي ئىشغالىيەتچى كۈچ ئەمەس، بەلكى پۇقرالار شەكلىدىكى ئىشغالىيەتچى كۈچ. ئۇ پەقەت ھەربىي كۈچلەرنىڭ بىر قىسمى خالاس. شىنجاڭدىكى بىڭتۇەننىڭ ئاساسلىق فۇنكىتسىيىسى شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىغا خىتاي نوپۇسىنى يەرلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق مۇشۇ يېزا ئىگىلىك رايونلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ۋە داۋاملىق ھالدا ئىشغالىيەت ھالىتىدە ساقلاش. بۇ خىلدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرى كۆپىنچە سۇغا يېقىن ياكى سۇ مەنبەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىلىرىغا جايلاشقان. مەسىلەن، ئاقسۇدىكى بىڭتۇەن شۇنداق قىلغان. چۈنكى بۇ جايدا ئۈچ چوڭ دەريا ئۆز-ئارا قوشۇلىدۇ، ئاندىن بۇ جايدىن تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ‹نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپ› نى ساقلاش ئۈچۈن بىڭتۇەن شىنجاڭدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ.»
ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ قوللايدۇ. بىڭتۇەننىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئاۋسىترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى مايكىل كلارك 1950-يىللاردا خىىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەسىر كۈچى بەكلا ئاجىز بولغاچقا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن بىڭتۇەن تەسىس قىلىنغان دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «1949-يىلى باشلانغان تارىخىي باسقۇچتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلەشتە بىڭتۇەننىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا خىتايلارنىڭ بۇ رايوندىكى ھەر تەرەپلىمە تەسىرى ئىنتايىن چەكلىك دەرىجىدە ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا شىنجاڭغا كىرگەن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ بىڭتۇەن تەشكىللەندى ھەمدە مۇشۇ سىياسىي گەۋدە ئارقىلىق خىتايلارنىڭ مەزكۇر رايوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.»
خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك بىڭتۇەنلەر 1970-يىللىرىغىچە داۋام قىلغان سىياسىي داۋالغۇشلاردىن كېيىن بىر-بىرلەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىڭتۇەننىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، جېيمىس ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىڭتۇەننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى يوق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن بىڭتۇەننىڭ ھەرتەرەپلىمە كۈچىدە ئېشىپ مېڭىش ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بىڭتۇەن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇۋېتىپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ دائىم قالاق، باشقا جايلاردىن پەرقلىق ھەمدە نورمالسىز بىر رايون دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بۇ جاي بىر ‹ئالاھىدە رايون›. بۇ مۇشۇنداق ‹ئالاھىدە رايون› دا ھۆكۈمەت ئۆزگىچە، يەنى ئالاھىدە شەكىلدىكى سىياسەتنى يولغا قويىدۇ، دېگەنلىك. ئۇلار مۇشۇنداق شەرھىلەيدۇ ھەمدە مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مۇشۇ چۈشەنچە ئارقىلىق بىڭتۇەننىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇشى قانۇنىي ئاساسقا ئېگە قىلىنىدۇ. باياتىن سىز تىلغا ئالغان غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ سېلىش دەل مۇشۇ خىلدىكى چۈشەنچىنى مۇستەھكەملەيدۇ. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىڭتۇەن داۋاملىق ھالدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام ئېتىدۇ.»
ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بىڭتۇەننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنىڭ باشقا ئورگانلارغا سېلىشتۇرغاندا روشەن دەرىجىدە ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى ئانالىزچىلارنىڭ ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەكرەك تارتىۋاتقانلىقى سۆھبەت جەريانىدا بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى.