بۈگۈنكى «بىڭتۇەن» نىڭ خەتەرلىك سىگناللىرى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىغا تارقالغان خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دېۋىزىيەلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش خەرىتىسى.
ئۇيغۇر ئېلىغا تارقالغان خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دېۋىزىيەلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش خەرىتىسى.
xjbt.gov.cn

يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «بىڭتۇەن: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېرىم ھەربىي مۇستەملىكىچى كۈچى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، «بىڭتۇەن 60 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەملىكىچى ئورگان ۋە خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشىدا ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان ھەربىي كۈچ»، دەپ كۆرسەتتى شۇنداقلا ئۇنى تارقىتىۋېتىشكە چاقىردى.

مۇخبىرىمىز دوكلاتنى تەييارلىغۇچى، تەتقىقاتچى گرېگ فەي ئەپەندى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى «بىڭتۇەن» نىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بېرىۋاتقان خەتەرلىك سىگناللىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

«شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرانى قوغداش» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىڭتۇەن» گە يۈكلىگەن ۋەزىپىسىدۇر. «بىڭتۇەن»، يەنى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» 1954-يىلى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلەپ، 5 يىلدىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىنقىلابى كومىتېتى» نىڭ تۇنجى سېكرېتارى ۋاڭ جېننىڭ تەشەببۇسى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان بىر ھەربىي ھەم مەمۇرىي ئورگان ئىدى. «بىڭتۇەن» 1970‏-يىللاردا تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن 1981‏-يىلى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

«بىڭتۇەن» ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، «بىڭتۇەن» نىڭ 1954-يىلىدىكى نوپۇسى 175 مىڭ بولۇپ، ھازىرقى ئومۇمىي نوپۇسى ئىككى مىليون 700 مىڭدىن ئاشتى. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ نوپۇسىنىڭ ئۆزى كۆرسەتكەن يۇقىرىقى رەقەمدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىشماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى «بىڭتۇەن» گە ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ساقلاشتىكى ھەل قىلغۇچ تايانچ كۈچ» دەپ بېكىتكەن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 26-ئاپرېل ئېلان قىلغان «بىڭتۇەن: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېرىم ھەربىي مۇستەملىكىچى كۈچى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا، «بىڭتۇەننىڭ تەشۋىقات، شەھەرلىشىش، تۈرمە، ھەربىيلىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش ۋە يېزا-قىشلاق سىياسىتى يەرلىك خەلقنىڭ ماكانسىز قېلىشى، مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ كۆرسىتىلدى. دوكلاتتا يەنە، بىر قانچە ھالقىلىق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «بىڭتۇەنگە كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىش ۋە ئۇنى تارقىتىۋېتىش، «بىڭتۇەننىڭ قولىدىكى يەر-زېمىن ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بۆلۈپ بېرىش»، «بىڭتۇەننى قورالسىزلاندۇرۇش» قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 60 يىلدىن بۇيان، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى، خىزمەت ئەترىتى، كۈرەش ئەترىتىدىن تۇراقلاشتۇرغۇچى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا 14 دېۋىزىيە، 176 ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى ۋە پولكى، 4 مىڭ 400 دىن ئارتۇق شىركەت-كارخانىسى بار، ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 7 شەھەرنى باشقۇرىدىغان ۋىلايەت ۋە بۇ ۋىلايەتلەر قارمىقىدىكى 69 ناھىيە تەۋەسى ئىچىگە جايلاشتۇرۇلغان غايەت زور كۈچكە ئايلانغان.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى گرېگ فەي ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گەرچە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئائىت دوكلاتلاردا «بىڭتۇەن» چوقۇم تىلغا ئېلىنىدىغان نۇقتىلىق بىر مەسىلە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ دوكلات، مەزكۇر ئورگاننىڭ بىڭتۇەن ھەققىدە ئېلان قىلغان تۇنجى تەپسىلىي دوكلاتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دوكلات ھازىرقىدەك «بىڭتۇەن» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ زور ۋە ئۇيغۇر ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك كۈچكە ئايلانغان بىر كۈندە، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىت ھەمدە خەتەرلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان.

گرېگ ئەپەندى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دوكلاتتا كۆرسىتىلگەندەك بۈگۈنكى كۈندە، بىڭتۇەن غايەت زور يېرىم ئىقتىسادى، يېرىم ھەربىي گەۋدە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى ‹5‏-ئىيۇل ۋەقەسى› دىن كېيىن ‹بىڭتۇەن› نىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلىق سالاھىيىتى بەرگەن. بۈگۈن ‹بىڭتۇەن› نىڭ نوپۇسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 11-12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما، بىڭتۇەن تەرىپىدىن بىۋاسىتە كونترول قىلىۋېلىنغان يەر كۆلىمى، پۈتۈن رايوننىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلماقتا. ‹بىڭتۇەن› نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ 86% تىن كۆپرەكىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگىلەيدۇ. ‹بىڭتۇەن› نىڭ مەقسىتى بىرىنچى نۆۋەتتە مۇستەملىكىچىلىكتۇر : شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى قوغداش ۋە ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتۇر. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدا ‹بىڭتۇەن› نىڭ 60 يىللىق تارىخى ۋە ۋەزىپىلىرى شۇنداقلا ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، ئىقتىسادىي، تېررىتورىيە، مەمۇرىي، قانۇنىي ۋە ھەربىي ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بۇ گەۋدىنىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىش ۋە خىتاينىڭ غەربىي-شىمال چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېرىم ھەربىي، يېرىم مەمۇرىي ئاپپاراتىدۇر. ھازىر ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىدىن ھالقىپ يەرلىك خەلقنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىكى ھەق-ھوقۇقلىرى، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەق-ھوقۇقلىرىغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىدىن ھالقىپ يەرلىك خەلقنىڭ ھاياتى مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە».

مەلۇم بولۇشىچە، «بىڭتۇەن» نىڭ دېۋىزىيە ۋە پولكلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەرگىمۇ بىردىن دېۋىزىيە جايلاشقان ئىدى. خىتاينىڭ 2-قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىشىگە ئەگىشىپ، بىڭتۇەننىڭ 13-بەش يىللىق پىلاندا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا كېڭىيىشنى ئۆزىنىڭ يادرولۇق ستراتېگىيەسى قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى «بىڭتۇەن» نى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى قوغداش ئېھتىياجىدىن بولدى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.

گرېگ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ياكى باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسۇن ‹بىڭتۇەن› نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق، يەرلىك خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. بىڭتۇەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەر قانداق خەلق ئىسيانى ھەمدە مىللىي توقۇنۇشلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشىدا ئاساسلىق رول ئويناپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىكى تۈرمىلەر ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى قاماشقا ئىشلىتىلىدۇ. 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئابدۇھېلىل ئابدىمىجىتنىڭ بىڭتۇەن تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كېتىشى بۇنىڭ بىر مىسالى. ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى›دىن كېيىن بىڭتۇەننىڭ بارلىق ئەدلىيە ئاپپاراتلىرى قايتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشلىرىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ كېڭەيتىلدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى قاماش ۋە باستۇرۇش تا بىڭتۇەن تۈرمىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئەڭ ئاساسلىق كۈچ، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ، خرىستىئانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشلارغىمۇ قاتناشماقتا. نۆۋەتتە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ كېڭىيىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايونلاردا ئۇيغۇرلارنى دىنىي سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەر جەھەتتىن باستۇرۇشقا ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر جەنۇبتا قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى شەھەرلەر بىلەن تەڭ، يېڭى تۈرمىلەر تەسىس قىلىنماقتا، تۈرمە سىستېمىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىلگىرى خىتاي جىنايەتچىلەر يۆتكىلىدىغان، نوپۇس يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان بىڭتۇەن تۈرمىلىرى ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن توشماقتا. ھازىر ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا قانۇن، ئەدلىيە سىستېمىسى بار، بۇ، بىڭتۇەننىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇرلارنى جازالىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

گرېگ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە «بىڭتۇەن ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچلۈك ۋە خەتەرلىك» تۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا يەنىمۇ كېڭەيتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جايلاشقان بۇ رايونلارغا بولغان كونتروللۇقنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىڭتۇەننىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسى بولسا، ئۇيغۇرلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇلارنى دائىم بېسىم ھەم تەھدىت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش. شۇڭا خىتاينىڭ يەنە ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە بىڭتۇەننى تارقىتىش خىيالى يوق، ئەكسىچە ئۇنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە. ئەمەلىيەتتە بىر ئاپتونوم رايون ئىچىدە بۇنداق بىر مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزىمۇ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىغا ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ.»
نۆۋەتتە «بىڭتۇەن» گە نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بېيجىڭ، جېجياڭ، خېبېي، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، خۇبېي، سەنشى، لياۋنىڭ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق 10 ئۆلكە ۋە شەھەر، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن، يېقىندا تارىم بوستانلىقىدىكى يېڭىدىن بەرپا بولغان تۇمشۇق شەھىرىگە قاراشلىق 3-دېۋىزىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» شوئارى ئاستىدا قوشنا بىڭتۇەنلەردىكى خىتايلار ئارىسىغا كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ھازىرقى نوپۇسى160 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 70 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بىڭتۇەن ھەققىدىكى دوكلاتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچى ھېنرى شاجېسكى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە: «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ‹بىڭتۇەن› نى جەنۇبقا كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىنى سالماقتا. گەرچە بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش رايوننىڭ مۇقىملىقىغىلا ئەمەس، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋە ھالقىلىق مەسىلە بولسىمۇ، بۇ مەسىلىگە قارىتا خەلقئارانىڭ دىققىتى دېگەندەك ئاغدۇرۇلماي كەلگەن. گەرچە خىتاينىڭ بىڭتۇەنلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ھازىرچە رېئاللىقتىن يىراقتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا يېپىق لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە جازالاۋاتقان بۇ پەيتتە، بىڭتۇەننىڭ ماھىيىتى ۋە تەھدىتى ھەققىدە، بۇنداق بىر تەپسىلىي دوكلاتنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلۇشى ئىنتايىن زۆرۈر».

ھېنرى ئەپەندى خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلارغا كېڭىيىش پىلانىنىڭ ئۇ جايلاردا خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىڭتۇەننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كېڭىيىشىگە قارايدىغان بولساق، بۇ جايلاردىكى شەھەر قۇرۇشقا ئوخشاش ئاتالمىش تەرەققىيات، پەقەتلا يەنىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قولاي شارائىت ھازىرلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يەرلىك خەلققە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇيغۇرلار بارا-بارا، يەر-زېمىنلىرىدىن، ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەلىرىدىن، ياشاش مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالماقتا».

تەتقىقاتچى ھېنرى شاجېسكىنىڭ قارىشىچە، «بىڭتۇەن» كەلگۈسىدە خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا، چۈنكى ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىدە ئاساسلىق رول ئوينىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت