چارشەنبە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. 50 ماددىلىق مەزكۇر نىزامدا، ئىلگىرى دائىرىلەر تارقاتقان ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى جازالاشتا يەرلىك نىزام قاتارىدا قوللىنىپ كەلگەن «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل كونكرېتنى ئىپادىسى» دە كۆرسىتىلگەن نۇقتىلار يىغىنچاقلانغانلىقى مەلۇم.
مۇناسىۋەتلىك زىيارىتىمىز جەريانىدا، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىلا چىقىرىپ يولغا قويۇلىدىغان مەزكۇر يېڭى نىزامنىڭ «مۇقىملىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى كۆرسەتكەن بولسا، چەتئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر نىزامنى يولغا قويۇشتا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقادىنى، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش سىياسەت تەدبىرلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى تېخىمۇ توسۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىلا ئەمەس، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىگە قەدەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقان بۇ چەكلىمىلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئۆزى، ئەمەلىيەتتە «ئەسەبىيلىك ھەرىكىتى» دېگەن كۈچلۈك تەنقىدىي ئىنكاسلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا ئائىت يېڭى قانۇنىي نىزامىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىدا تەستىقتىن ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە كېلەر ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بۇ قانۇن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇنىدىن كېيىن يولغا قويىدىغان يەنە بىر جىددىي قانۇن مىزانى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن چاقىرغان 1-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا «دىنىي رادىكاللىق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نى قاتتىق تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، دەپ كۆرسەتكەن ۋە «تېررورلۇق، دىن رادىكاللىق ئىدىيىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشنى چەكلەش»، «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» بويىچە مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. دائىرىلەر تەشۋىقاتلىرىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتى ئارقىلىق «دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىپ يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك چەكلىنىپ، پائال ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقى تولۇق قوغدالدى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان بۇ خىلدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دىنىي خاھىشى كۈچلۈكرەك بولغان، ھەتتا ساقال قويۇش، ھىجابلىنىشقا ئوخشاش يۈرۈش تۇرۇشىدا دىنىي ئېتىقادى گەۋدىلەنگەن ئۇيغۇرلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگىمۇ ھەر تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇپ كەلمەكتە. بۇ چەكلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار ئاشقۇن سانىلىپ يېنىك بولغاندا جەرىمانىگە، سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە مەجبۇرلانغان بولسا، ئېغىر بولغاندا جىنايى جازا ئارتىلىپ قاماققا ئېلىنغان مىساللارمۇ ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلىرىنى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان قانۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى.
بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل كونكرېتنى ئىپادىسى» دېگەن چەكلەش تەدبىرلىرى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك پائالىيەتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى دائىم ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، ھازىرقى قانۇن، سىياسىي تۈزۈملەرگە قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش ۋە چوقۇنۇشنى تەرغىب قىلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭغا :«دىنىي زاتلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىنى ئالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھاقارەتلەش، مەسچىتكە كىرىپ نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى رەت قىلىش، ياش، ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەردىن بومبا ساقال قويۇۋالغان، تامبال ئىشتان كىيىۋالغان، ئاياللاردىن يۈزىنى ئورۇۋالغان، «جىلباب»كىيىمى كىيىۋالغانلارنىڭ ئۆز-ئارا زىچ ئالاقە قىلىش، گۇرۇھ بولۇپ پائالىيەت قىلىش، ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ تۇيۇقسىز ھاراق-تاماكىنى تاشلاپ، ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ھەتتا ئاتا-ئانىسى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلماسلىق، «مۇسۇلمانچە»نىڭ دائىرىسىنى قەستەن كېڭەيتىپ، دىننى باھانە قىلىپ، ھاراق-تاماكىنى چەكلەشنى تەرغىب قىلىش، «مۇسۇلمانچە ئەمەس»نى باھانە قىلىپ، نورمال مەھسۇلاتلار ئوبوروتىنى چەكلەش، زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلىنغان خەتەرلىك جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئاستىرتىن مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش ۋە ياردەم بېرىش، ھەتتا تۇيۇقسىز ھاراق، تاماكا تاشلاش.....دېگەندەك،
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ئۆرپ -ئادەتلىرىگىچە كەڭ دائىرىدە چەكلىمە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، قاتتىق جازالىنىپ كەلگەن ئىدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»دا بەلگىلەنگەن 50 ماددىدا ئاساسەن، يۇقىرىقى تىلغا ئېلىنغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل كونكرېتنى ئىپادىسى» نىڭ يىغىنچاقلىنىپ ۋە تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم.
دائىرىلەر نۆۋەتتە، بۇ بەلگىلىمىلىرىنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىنىشى دەپ قەيت قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى شۇنىڭدەك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغان ئادالەتسىز چەكلىمىلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا يۈرگۈزۈلىدىغان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نى يولغا قويۇشىنىڭ سەۋەب ۋە مەقسەتلىرى نېمە ؟ ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ زىچ، باستۇرۇش ئەڭ كۈچلۈك، دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان جايلاردىن، خوتەن ۋىلايىتىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىشخانىسىغا يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن بىر ياش ئۇيغۇر كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداقلا ھازىر ھەممىدىن مۇھىمى مۇقىملىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ نىزامنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇلتۇر 6-ئايدا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ 6-قىسمىدا «دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش» تېما قىلىنغان بولۇپ، دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ خەۋپى ۋە شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىن ئەسەبىيلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.
ھالبۇكى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرىنى، ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش دەپ تەنقىد قىلىۋاتقان ئىدى. تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان، ھەدس بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتى ئابدۇسالام ئابدۇلھەكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىشنىڭ دەل تاشقى دۇنيادىن كېلىۋاتقان بېسملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش سىياسىتىنى توسقۇنسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى ۋە ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىگە قاراتقان بۇ خىل ئادالەتسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى ناھايىتى خەتەرلىك ئەسەبىيلىك» دەپ تەنقىد قىلدى.
0:00 / 0:00