خىتاي تەۋەسىدە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ئىسلام دىنى ھەمدە مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ ھازىر تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك خىتايدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئەڭ سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ ۋە باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان تور دۇنياسىنىڭ بۇ خىل يۈزلىنىشكە يوچۇق ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام دىنىغا قارشى بۇ خىل كەيپىيات يەنە بىر جەھەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەڭسىز مۇئامىلە بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىشى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقان سىياسىي مۇھىتنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئاشكارا قىلدى.
ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي يولغا قويۇلۇۋاتقان، شۇنىڭدەك ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولغان ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان چەكلىمە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېڭىۋاشتىن يەر ئېلىشقا باشلىدى. ئوخشاش بولمىغان مۇلاھىزىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى كۈندە خىتاي تەۋەسىدىكى ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان چەكلەش تەدبىرلىرى شەكلى ئۆزگىرىپ ئىسلام دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى «دۈشمەن» دەپ قارايدىغان بىر تۈرلۈك ئومۇمىي چۈشەنچىگە يول ئاچماقتا ئىكەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە 12-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئەنە شۇ خىلدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرىدۇر.
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان دىنىي ۋە مەدەنىيەت تەدبىرلىرى بىردەك «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن نامدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ يىل مارت ئېيىدا ئېچىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ ۋاقىتتا «ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى» دېگەن سالاھىيەتتە يىغىنغا قاتناشقان شۆھرەت زاكىر بېيجىڭدىكى ئالىي رەھبەرلىكنى «شىنجاڭدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
دەرۋەقە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئاياللارنىڭ ھېجابلىنىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى قاتارلىقلارغىچە بولغان ئۇششاق ھالقىلار دائىرىلەرنىڭ «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» قا زەربە بېرىشىدىكى نىشان بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نوقۇل ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان بۇ خىل ئۆزگىرىش ھەققىدە ئامېرىكا پامونا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى درۇ گلادنېي مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق. مېنىڭچىمۇ بۇ ئۆزگىرىشنى بەكلا چوڭ، دېيىشكە بولىدۇ. مەن 1980-يىللىرىدىن باشلاپ تاكى 2000-يىللىرىنىڭ دەسلىپىگىچە بولغان يىگىرمە نەچچە يىل ئىچىدە پات-پاتلا دېگۈدەك شىنجاڭغا بېرىپ تۇراتتىم. بەزى يىللىرى ھەتتا بىرنەچچە قېتىم بارغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان. بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئاساسىي جەھەتتىن زور بىر توسالغۇغا ئۇچرىمىغان بولۇپ، خېلىلا ئەركىن ئىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىش ئۈچۈن چەتئەللەرگە سەپەر قىلىشىمۇ دائىملىق ئىشلار سانىلاتتى. بولۇپمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا سەپەر قىلىشتا ئاساسەن چەكلىمە يوق ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇنلىغان كىچىك سودا شىركەتلىرى باش كۆتۈرۈپ، كىشىلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن، يەنى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جەم بولۇشقا باشلىغان ئىدى. كىشىلەرمۇ بۇ ھالدىن تولىمۇ ئۈمىدۋارلىق ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدى. يەنە بىر ياقتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا دىن ياكى ئىسلام دىنى ھېچقانداق تەھدىت، دەپ قارالمىغان ئىدى. ئەمما 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تالىبان ياكى دائىش كەبى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن (خىتاي) ھۆكۈمىتى تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى بىر تۈرلۈك تەھدىت، دەپ قاراشقا باشلىدى.»
بۇ ھەقتە ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدا تەخمىنەن 23 مىليون مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 10 مىليونى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ياشايدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۈتكۈل خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئىككى پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغان مۇسۇلمانلار توپىنىڭ ئومۇمى نوپۇسنىڭ 92 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىۋاتقان خىتاي مىللىتىگە تەھدىت بولۇپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئىكەن. ئۇنداق بولسا بۇ خىل «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ مەنبەسى قەيەر بولۇشى مۇمكىن؟ ماقالە ئاپتورلىرىمۇ مۇشۇ قىزىقىش بويىچە ئالدى بىلەن دىققىتىنى خىتايدىكى تېلېۋىزىيە ساھەسىگە قاراتقان.
ئانالىز نەتىجىسىدە شۇ نەرسە ئايان بولغانكى، 2005-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ۋە خىتايدىكى «ۋېيبو» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ تور دۇنياسىدىكى نازارەتچىلىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان توپلىرىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ يەر ئېلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. شۇنىڭدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ يوقنىڭ ئورنىدا بېرىلگەن. ئاخباراتلاردا يەر ئالغان مەزمۇنلارمۇ ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايدىكى تۈرلۈك «ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى» دىن قانداق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىغا كۆپرەك مەركەزلەشكەن. خىتاي پۇقرالىرى بولسا «پىلانلىق تۇغۇت» قاتارلىقلاردىكى «ئېتىبار بېرىش» نى ئادالەتسىزلىك، دەپ قاراشقا باشلىغان. بۇ نۇقتا ھەققىدە گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى» نىڭ پروفېسسورى ئادريان زېنز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا (خىتاي ھۆكۈمىتى) جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن دەسلەپ بولۇپ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى يولغا قويۇلدى ھەمدە بۇ رايوندا 2015-يىلغا قەدەر مەۋجۇت بولغان يېڭى سىياسەت ئوتتۇرىغا چىقتى: بۇنىڭدا ئۇيغۇرلاردىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە 50 نومۇر قوشۇپ بېرىش بەلگىلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ئاز سانلىق بولغان مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بىردەك بۇ سىياسەتتىن مەنپەئەتلەندى. بۇ بولسا خەلقنى مۇشۇنداق ئەمەلىي ھېس قىلغىلى بولىدىغان مەنپەئەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن تىنچىمىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ خىل ‹مەنپەئەت› تۈپەيلىدىن ئۇلاردىكى نارازىلىقنىڭ تۈگىمىگەنلىكىنى بايقىدى.»
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىدا ئاخبارات ساھەسىگە قارىتىلغان چەكلىمە مەۋجۇت بولمىسىمۇ، خىتاي ئاخباراتلىرى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈشتە غەرب ئاخباراتلىرىغا بەكلا تايىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەسىرى خىتاي ئاخباراتىدا مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتمەي قالمىغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» گە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئىزچىل ھالدا كۆپىيىپ ماڭغان. بۇ خىلدىكى ئاددىي ۋە بىر تەرەپكە مايىللىقى ئېغىر بولغان ئاخباراتلار ھەرقاچان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتى ئاساسىدىلا يېزىلغان بولغاچقا، قانچە ئادەمنىڭ ھۇجۇم قىلىپ، قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى، ۋەقەنىڭ قاچان ۋە قەيەردە يۈز بەرگەنلىكىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇرنى تەمىن ئەتمىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ئاخباراتلىرىدىكى بۇ خەۋەرلەردە ھەرقاچان بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تېررورلۇق گۇرۇھلىرىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازى ئىزچىل ھالدا سەلبىي شەكىل ئېلىپ كەلگەن.
ئامېرىكىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن بۇ ھادىسىنى ئىستىخىيىلىك ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر جامائەت پىكرىگە ئېھتىياجىنىڭ بارلىقى ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىلدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ھازىر خەلقئارادىن ئېلىپ ئېيتساق، ئوتتۇرا شەرقتە مۇسۇلمانلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارىلىۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلار مەۋجۇت، يەنە كېلىپ ئوتتۇرا شەرق بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش تېخىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا غەرب دۇنياسىدا ئىسلام ۋەھىمىسى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ غەربنىڭ ئەھۋالى. ئەمدى خىتاينىڭ ئۆزىگە كەلسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› كۈرىشىگە ئاتلانغان ئىكەن، بۇ ‹كۈرەش› نىڭ توغرا ئىكەنلىكى ۋە ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى زۆرۈر بولىدۇ، دېگەن گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل زۆرۈرىيەت يالغۇز شىنجاڭدىلا ئەمەس، يەنە ئىچكىرىدىمۇ مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. مانا مۇشۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىر ئاجايىپ-غارايىپ سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، بىرەر ‹تېررورچى› نى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن بولسا، بۇ كىشىگە دىننىڭ قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ كىشىنىڭ دىننىڭ تەسىرىدە قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى داۋراڭ قىلغىلى تۇرىدۇ. دېمەك بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ماڭارغا يول تاپالماي قېلىۋاتقانلىقى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلاجسىز (مۇسۇلمان) ياشلاردىكى دىن ۋە مىللەت چۈشەنچىسىنى بازارغا سېلىپ، ‹قاراڭلار، بۇ ھادىسىلەر يالغۇز شىنجاڭدىلا ئەمەس، يەنە ئىچكىرىدىمۇ بار› دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇۋاتىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن باشقا يەنە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭمۇ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى كەيپىياتنىڭ ئۇلغىيىشىدا چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقى ئالاھىدە دىققەت چەكمەكتە ئىكەن.