خىتايدا مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلە (2)
2017.05.24
دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ ھازىر خىتاي تەۋەسىگە يېيىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتايدا مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارادىكى چوڭ مەتبۇئاتلاردا مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەھلىل ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى ھەمدە ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئىسلام دىنى بۇنىڭدىن 1400 يىللار ئىلگىرى خىتايغا تارقالغان ھەمدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ ئۇزاق تارىخ مابەينىدە، خىتاي تەۋەسىدە ھېچقاچان ھازىرقىدەك مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ بىر ئومۇمى ئېقىم بولۇشقا يۈزلىنىشى، شۇنىڭدەك بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئىسلام ۋەھىمىسى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كۆرۈلمىگەن ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە بېسىلغان روس لۇچيۇ (Rose Luqiu) ۋە فەن ياڭ (Fan Yang) ئىمزاسىدىكى «خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات» ناملىق ماقالە ئەنە شۇ قاتاردىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىدىن بىرىنى خىتايدىكى ئىنتېرنېت دۇنياسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ.
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ئاساسلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ھەمدە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى غەرب ئاخبارات دۇنياسىدىكى تېررورلۇققا دائىر ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلىش ئېقىمغا ئەگىشىپ 2007-يىلىدىن باشلاپ نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تېررورلۇق» ۋە «بۇزغۇنچىلىق» ئەھۋاللىرىنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنى خەۋەر قىلىشقا باشلىغان. 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بولسا بۇ خىل يۈزلىنىش مۇقىم ھالدا ئېشىپ ماڭغان.
ماقالە ئاپتورلىرىدىن دوكتور فەن ياڭ بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزلىرى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەش جەريانىدا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە ۋېيبو قاتارلىق مىكرو بلوگلارغا چاپلانغان 10 مىڭ پارچە يازمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن سەلبىي خاراكتېردىكى مەزمۇن بىلەن تولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى: «مەن شەخسەن يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ ياكى نىڭشيادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە دائىر ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەمەس. ئەمما، بىز بۇ تەتقىقاتنى شىنجاڭ ۋە نىڭشىيادىكى بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن بۇرۇنلا باشلىغان ئىدۇق. بىزنىڭ تەتقىقات ئارقىلىق تەكشۈرمەكچى بولغىنىمىز، خۇددى بىز ماقالىدە تىلغا ئالغاندەك، خىتايدىكى تور بوشلۇقىدا يۈز بېرىۋاتقان تور ھۇجۇملىرى ئىدى. بۇ جەرياندا بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى، بولۇپمۇ خىتايدىكى ۋېيبو مىكرو بلوگىنى ئاساسلىق نىشان قىلدۇق. تەتقىقات جەريانىدا بىز بۇلارنىڭ ئىككى تەرەپلىمە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق: بىرى، ۋېيبو مىكرو بلوگىدا ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى بولغان ئوت قۇيرۇقلۇق مەزمۇنىدىكى، ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چاچقۇچى خاراكتېردىكى، شۇنداقلا سەلبىي مەزمۇندىكى يازمىلار بەك كۆپ ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار توپىغا مەنسۇپ مۇنبەرلەرنىمۇ كۆردۇق، يەنى مۇسۇلمانلار مۇشۇ مۇنبەرلەر ئارقىلىق باشقا توپتىكى ئىنسانلار بىلەن پىكىرلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەن. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا يەنى بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار يېڭى باشلانغان مەزگىللەردە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خىلدىكى پىكىرلىشىش يوللىرى يوق ئىدى، باشقىچە شەكىلدىكى سۆھبەت ياكى ئىنكاسلىرىنى ئىپادىلەش سورۇنىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.»
خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى بۇ خىل كەيپىيات ۋە ئۇيغۇرلار بۇ قاتاردا دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر ھەققىدە «خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، ئىستىبداتلىق ۋە دۇنياۋى قورقۇنچ» ناملىق ماقالىنى يازغان رايان بېيتلېر ( Ryan Beitler) خىتايدا ھازىر باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە فەن ياڭدىن باشقىچە قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي دۆلىتى ھازىر غەرەزلىك ھالدا چەتئەللەردىكى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ كەتمەكتە ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتى، شۇنداقلا ھازىرقى دۇنيانى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە، ئىسلام دىنىنىڭ تېررورلۇق گۇرۇھلىرى ۋە د ئا ئى ش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىشى ھەمدە بۇ ھالنىڭ ئاسانلا ئىسلام ۋەھىمىسى، دەپ چۈشەندۈرۈلۈشى ئارقىسىدا كېلىپ چىقماقتا. ئەمدى كېلىپ مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋاللار خىتايدا تەھدىت، دەپ قارىلىپ ئىسلام ۋەھىمىسىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىرقەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ رايونىدا شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. ھازىر بىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي كومپارتىيىسى بۇ رايوندا ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدىن بولغان رامىزاننى مەنئى قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھېجاب ۋە ئۇزۇن ساقالنى چەكلەۋاتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي تىللارغا مەنسۇپ بولغان تىلىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنى چەكلەۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ھەمدە كىچىك پەرزەنتلىرىنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشى مەنئى قىلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى تەشۋىقاتلاردا بولسا، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، خىتاي دۆلىتىنىڭ بولسا دەل مۇشۇ ‹تېررورلۇق› بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى يەر ئالىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر شەكىلدە ئىسلام ۋەھىمىسى ھازىر خىتاي جەمئىيىتىدە يامراپ كېتىۋاتىدۇ.»
راياننىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ھازىرقىدەك «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىش» دېگەن شوئار ئاستىدا يەنە ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەن: خىتاي دۆلىتى ئىزچىل ھالدا خىتايدىكى كۆپ خىل كىملىك شەكىللىرىدىن ۋايىم يەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر خىللا بولغان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكى بەرپا قىلىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن. مانا مۇشۇ ئارزۇمۇ خىتايدىكى ئىسلام دىنىغا خاس كىملىكنى ئۆزىگە رەقىب ھېسابلاپ يۈرمەكتە ئىكەن. ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى بۇنىڭدا بەكمۇ چوڭ رول ئوينىدى. چۈنكى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، پۈتكۈل دۇنيا ئىسلام دىنى ۋە تېررورلۇققا ئالاھىدە يوسۇندا ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىسلام ۋەھىمىسى تەدرىجىي ھالدا پەيدا بولۇپ، دۇنياغا يېيىلىشقا باشلىدى، بولۇپمۇ د ئا ئى ش ۋە باشقا تېررورچى تەشكىلاتلار ئاكتىپ پائالىيەتلەرگە ئۆتكەندىن كېيىن ھەمدە مۇئەييەن دەرىجىدە تەھدىتكە ئايلانغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن خىتايدىمۇ بۇ خىلدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ھەرقاچان پۇقرالارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرالايدىغان ئۇسۇل-چارىلەرنى ئىزدەپ كەلمەكتە. بۇ خىل كونتروللۇق خاھىشى شىنجاڭدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىمۇ كونترول قىلىش خاھىشى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، خىتاينىڭ تاق گەۋدىلىك بولغان ‹جۇڭخۇا كىملىكى› چۈشەنچىسىگە خىرىس قىلىشقا باشلىدى. بۇ خىل كىملىك چۈشەنچىسى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق ھېسابلىناتتى. ئەمدى سوئالنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ھەرقايسى مىللەتلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقلىق مۇئامىلىدە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىسلامغا قايتۇرغان ئىنكاسىدىن خىتاي ئىسلام دىنىنى ھېچقانچە چۈشەنمەيدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭدىن قورقۇپ يۈرگەنلىكى ئايان بولىدۇ.»
ماقالە ئاپتورلىرى بىردەك خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ھەمدە مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە ئىنتېرنېتنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، بۇ ھەقتە يەنە ئوخشاش بولمىغان قاراشلارغا ئىگە. بىز بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا دوكتور فەن ياڭدىن ئىنتېرنېت سۈزگۈچلۈكى شۇنچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان خىتايدىكى تور دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى بولغان ئۆچمەنلىك مەزمۇنىدىكى يازمىلارنىڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا بىر قىسىم چەتئەل ئالىملىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تونۇشلۇق بولغان دوكتور جېيمىس لېيبولد قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى غەرەزلىك ھالدا بۇ خىلدىكى مەزمۇنلارنىڭ يامرىشىغا كۆز يۇمۇۋالغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، فەن ياڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭچە، ئىنتېرنېت دۇنياسى پايانسىز بىر دۇنيا بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ھەممىلا نەرسىنى كونترول قىلىپ بولالىشى قىيىن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ ياخشى سوئال بولدى. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، ئاساسلىقى ئىنتېرنېتنىڭ خاراكتېرى سەۋەبىدىن شۇنداق بولىدۇ. مېنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقىنىم يېڭى ئاخبارات ساھەسى بولغاچقا، يەنى ئاساسلىقى ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە بولغاچقا، مۇشۇ ساھەدە بىز بايقىغان بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك شۇ بولدىكى، توردىكى مەزمۇنلارنى سۈزۈش ۋە ئۇنى ئىز قوغلاش بەكمۇ مۈشكۈل. چۈنكى توردىكى ھەممىلا نەرسە يەنە باشقا نەرسىلەرگە باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ئىزچىل ھالدا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ تەدرىجىي ھالدا خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.