فلورىدا شتاتىنىڭ پاركلان تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە يېقىندا يۈز بەرگەن زور قوراللىق قاتىللىق ۋەقەسى ئامېرىكىدا شۇ سوئالنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. بەلكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى گۇماندار نىكولاس كرۇزنىڭ ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان سۆزلىرىگە بالدۇرراق دىققەت قىلغان بولسا، گۇماندارنىڭ مۇددىئاسىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلەپ، ئاز دېگەندە 17 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئىدى
ئامېرىكىنىڭ شۇنچىلىك مۇكەممەل سانلىق ئۇچۇر ئامبىرى تۇرۇپ، ئۇ بۇنى نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوللانغاندەك ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى سۈپىتىدە قوللانمايدۇ؟ ھالبۇكى، بۇ سوئالنىڭ ئۆزى ئامېرىكىدىكى بەزى قانۇنشۇناسلارغا سوئال پەيدا قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوللانغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىش زور خاتالىق ۋە ئۇۋالچىلىقلارغا يول ئاچىدىكەن.
ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى تىم ۋۇ يېقىندا كانادانىڭ «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، خىتايدەك چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا تايىنىپ، «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» نى ئېلىشنىڭ قانچىلىك زور خاتالىقلارغا يول ئاچىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، كىشىلەرنى كومپيۇتېر ئانالىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەتەرلىك ياكى خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى نومۇر قويۇش ئارقىلىق بېكىتىشتەك بۇ ئۇسۇل نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە سولىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇ، «سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قوللىنىپ، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ خەتىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، «بۇنىڭ يەنە بىر مەنىسى كىشىلەرنى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە خەۋپ خەتەر پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىغا قاراپ تۇتقۇن قىلىش ياكى قولغا ئېلىش دېگەنلىكتۇر،» دەپ تەكىتلىگەن.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدىغان كۈچلۈك مېخانىزم بار بولسىمۇ، لېكىن خىتايدا بۇنداق مېخانىزم مەۋجۇت ئەمەسكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى دوكتور سوفىيە رېچاردسون چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىنى قوللىنىشىنىڭ ئۇلاردا ئەندىشە پەيدا قىلىشتىكى سەۋەب ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ماھىيەتلىك پەرقى ئىكەن.
سوفىيە رېچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە چوڭ سانلىق مەلۇماتنى قوللىنىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى سىز، مەن ۋە شۇنداقلا مۇستەقىل تەشكىلاتلار ھەم ئەركىن ئاخباراتلار ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرە قىلالايدۇ. مەن ناۋادا ساقچى مېنى تەكشۈرمەكچى بولسا ئۇنىڭ ماڭا قارشى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن سوتچىغا بېرىپ، سوتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلالايمەن. مېنىڭ ھېچقانداق تەن جازاسىغا ئۇچرىماي ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن دەلىللەرنى قانۇنغا ئاساسەن ئادۋوكاتنىڭ ياردىمىدە رەت قىلىش ھوقۇقۇم بار. بىراق خىتايدا بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھېچ بىرى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. مانا بۇ ئۇنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئىشلىتىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەندىشە قوزغىشىدىكى تۈپ سەۋەبتۇر.»
ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە قوللانماقتا ئىكەن. ئۇ، بۇ ئەھۋال تىزگىنلەنمىسە، ئۇنىڭ كېڭىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «شەخسى ئۇچۇرغا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىدا باشلانغان. لېكىن ئامېرىكىدا ئەركىن ئاخبارات، پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئامېرىكىدا بازار تاپالمىدى. بۇ تىزگىنلەشكە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىدا بىرسىنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا خالىغان ئادەم قول تەگكۈزەلمەيدۇ. ئامېرىكىدا ‹فائىز كورت› دەيدىغان بىر سوت مەھكىمىسى بار. يەنى بۇ يەردە مۇكەممەللەشكەن بىر مېخانىزم مەۋجۇت. ئامېرىكا خەلقىدىمۇ بۇنى ئىنسانىيەتنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن بىر تەھدىت، دەيدىغان قاراش بار. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا تاجاۋۇز قىلىش، ئۇنىڭ سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىشى ئىنسانلارنىڭ جىددىي ئىنكاسى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىشىغا تېگىشلىك مەسىلە. بۇ تىزگىنلەنمىسە ئۇنىڭ پۈتۈن خىتاي زېمىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.»
نۇرى تۈركەل، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىشتەك بۇ ئۇسۇل باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيسە، ئۇنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇققا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر پۈتۈن دۇنيادا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلاردىن بىر ئاز قېيىش مەسىلىسى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا يەرلىك مىللەتچىلىك سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. مۇستەبىت رەھبەرلەرنىڭ تەسىر دائىرىسى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ مەڭگۈلۈك پرېزىدېنت بولۇشنىڭ ھۈلىنى سالدى. پۇتىنمۇ شۇ يولدا كېتىۋاتىدۇ. ئەمدى خىتاينىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي، ھەربىي تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ بۇ خىل تەدبىرلىرىنىڭ ئۆزىنى ياقلايدىغان دۆلەتلەرگە ئېكسپورت بولۇپ قېلىشىنى مەن دۇنيا مەدەنىيىتىگە، كىشىلىك ھەق ھوقۇققا تەھدىت، دەپ كۆرىمەن.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىنى بىر خىل باستۇرۇش قورالى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ «بىرلەشمە ھەرىكەت سۇپىسى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پروفېسسور تىم ۋۇ ماقالىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى چەكلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە باشقا نۇرغۇن كەمسىتىشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئېلېكترونلۇق تەقىب قىلىشقا ئۇچراپ، «نېمە سېتىۋالغانلىقى، نەگە بارغانلىقى، كىم بىلەن ئۇچراشقانلىقى» نىڭ نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رېچاردسوننىڭ كۆرسىتىشىچە، دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بۇ مەقسەتتىن ھالقىپ كەتكەن ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. بىراق بۇ خەۋپ-خەتەرگە قارشى كۈچىنى مۇۋاپىق قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك تەھدىتكە قارشى كۈچ قوللانغاندا كىشىلەرنىڭ ھالقىلىق كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا جاۋابكار بولۇش، ئۇلارنىڭ ئادىل سوتلىنىشى، ئۆزىنى ئىپادىلىشىگە ھۆرمەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. بىراق بىز ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك پروگراممىلىرىدا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلار توپلىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى بايقاپ كەلدۇق.»
پروفېسسور تىم ۋۇ «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» دىكى ماقالىسىدە خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوللىنىۋاتقان بۇ خىل چوڭ سانلىق مەلۇمات پروگراممىسى «كۆپرەك يېمەك-ئىچمەك سېتىۋالغان، كىتاب توپلىغان ياكى گۇمانلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان شەخسلەرنىڭ يوشۇرۇن خەتەرلىك ياكى سىياسىي ئىتائەتسىز كىشىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى» ئەسكەرتىلىپ، ئامېرىكىلىقلارنى ئاگاھلاندۇرغان.