ئۇيغۇر ئىلىدا «ئەركىن سودا سىناق رايونى» نىڭ قۇرۇلۇشى خىتاي كۈتكەندەك نەتىجە بېرەمدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى 31-ئۆكتەبىر «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىلىدا « ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش لايىھەسى» نى ئېلان قىلدى.

لايىھەدىكى مەقسەت، نەتىجە ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى

ئالدى بىلەن خىتاينىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئىلىدا ئاتالمىش «ئەركىن سودا سىناق رايونى» قۇرماقچى بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى. خىتاينىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان لايىھەسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رايون بولۇشى مەزكۇر لايىھەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنى خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئىقتىسادىنى قوش يۆنىلىشتە خەلقئارا بىلەن باغلايدىغان ئىستراتېگىيەلىك رايوندۇر. دېمەك، خىتاينىڭ «قوش ئايلانمىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇر ئىلىدا «ئەركىن سودا سىناق رايونى» قۇرۇشى خىتاي ئۈچۈن زۆرۈر بىر قەدەم بولۇشى ئېنىق.

قارىماققا ئۇيغۇر ئىلىدا «ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش» لايىھەسى، خۇددى 80-يىللاردا خىتاينىڭ «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتىدە ئالدىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلىتىدۇ. ئەينى چاغدا خىتاي ھەقىقەتەن بۇ رايونلاردا ئالدى بىلەن «ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» ۋە «تېخنىكا تەرەققىيات رايونى» قۇرغان. 2013-يىلىدىن باشلاپ «ئەركىن سودا سىناق رايونى» قۇرۇشقا كىرىشكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دېڭىز ياقىسى رايونلىرى تەرەققىي قىلىش بىلەن تەڭ، شۇ جايلاردىكى خىتاي خەلقىمۇ بېيىپ كەتكەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئىلىدا ئاتالمىش «ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش» لايىھەسى كىشىلەرگە گويا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈندەك تۇيغۇ بېرىشى مۇقەررەر. دەرۋەقە، مەزكۇر لايىھەنىڭ نىشانى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولغانلىقى ئېنىق. لېكىن مۇھىمى بۇ تەرەققىياتنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئەركىن سودا سىناق رايونى» نى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، قورغاس ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدا قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، مەزكۇر پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن 25 تۈرلۈك تەدبىر تۈزۈپ چىققان. بۇ تەدبىرلەر ئىچىدە دىققەتنى چېكىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى ئاتالمىش «ئەركىن سودا سىناق رايونى» دىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى بېرىشتۇر؛ يەنە بىرى بولسا، دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ سانائەت-ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەشنى تېزلىتىشتۇر. يەنى بۇ ئىككى نۇقتا ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا «ئەركىن سودا سىناق رايونى» قۇرۇش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟

چۈنكى، بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇرلار گەرچە خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ ئىگىسى دەپ قارالسىمۇ، ھەتتا خىتاي ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم ھەقلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئاپتونوم ھەقلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ئەمەس. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن بەلكى خىتاي تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ نامدا بار ئەمەلدە يوق «ئىگىسى» گە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بولۇپمۇ «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» يولغا قويۇلغان 1996-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار رايون تەۋەسىدىكى مەمۇرىي ئورگانلاردا بىرىنچى قول رەھبەرلىك قاتلىمىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەمۇرىي قاتلاملاردا بىرىنچى قول رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى پۈتۈنلەي خىتايلار ئىدارە قىلىش ئومۇملاشتى. بۇنداق ئەھۋالدا قۇرۇلغۇسى «ئەركىن سودا سىناق رايونى» نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ياكى بولغان ھالەتتىمۇ، ھەل قىلغۇچ ۋەزىپىلەرگە قويۇلۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يەنى كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق. ئەكسىچە خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ سانائەت-ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكىلىشى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار!

يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1999-يىلى ئاتالمىش «غەربىي قىسىمنى چوڭ كۆلەمدە ئېچىش پىلانى» نى يولغا قويۇپ، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەشنى باشلىغانىدى. ھەتتا بۇ پىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن «ئۆز ئارا پايدىلىنىش» كېلىشىمىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. مەزكۇر «كېلىشىم» بويىچە، ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكىلىدىغان خىتاي كارخانىلىرىغا ئۇيغۇر ئىلىدا تۈرلۈك ئەۋزەل سىياسەتلەر تەمىنلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن ھەقسىز پايدىلىنىدىغان، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئىقتىسادىي تەرەققىياتى» غا تۆھپە قوشىدىغانلىقى كېلىشىلگەنىدى.

خىتاينىڭ بۇنداق بىر پىلاننى يولغا قويۇشى يەككە مەنىدىكى سانائەت لىنىيەسىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىلا مەقسەت قىلغان ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇنداق بىر پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ئىلىغا دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن نوپۇس يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇشنى تۈپ نىشان قىلغان. دەرۋەقە، 2010-يىلى ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دىن كېيىن ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» نىڭ يېڭى ۋارىيانتى يولغا قويۇلدى. بۇ ۋارىيانتى بويىچە ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھىرىگە «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن» بۆلۈپ بېرىۋېتىلگەن. بۇ ئەھۋال خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەش ۋە ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. دەرۋەقە، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» دا ئۇيغۇرلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىش بىلەن خەلقنىڭ تۈرلۈك نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغانىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ قارىلاپ، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە سەۋەب قىلغان.

«ئەركىن سودا سىناق رايونى» راستتىنلا خىتاي كۈتكەندەك ئۈنۈم ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟

خىتاي قۇرۇپ چىققان «ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» ، «تېخنىكا تەرەققىيات رايونى» ۋە «ئەركىن سودا سىناق رايونى» قاتارلىقلار ھەقىقەتەن دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچلۈك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرگەن. چۈنكى ئۇ چاغدا خىتاي تېخى دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغان، غەرب دۇنياسىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلمىغان ئىدى. دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلسا، دېموكراتىيەلىشىش يولىغا ماڭىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمايتتى. مانا مۇشۇنداق ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسىدە غەربتىكى كۈچلۈك كارخانىلار، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلار خىتايغا قورقماي كىرگەن، مەبلەغ سالغان ۋە يەرلەشكەنىدى. قىسقىسى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاساسلىقى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى قوللىشى ئاستىدا بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلىگەن. ئەمما ھازىرچۇ؟

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا قۇرماقچى بولغان «ئەركىن سودا سىناق رايونى» نىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول پىلانى» ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق. «بىر بەلباغ بىر يول پىلانى» بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلار ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان نۆۋەتتىكى دۇنيا تۈزۈلمىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى نىشان قىلغان. بۇ ھال ھازىر دۇنيا خەلقى ئۈچۈن ھېچقانچە سىر ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ قىلتاققا قايتا چۈشۈشى ئەمەلىيەتتىن تولىمۇ يىراق. ئۇنداقتا خىتايغا ئەڭ يېقىن بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا خىتايغا سالىدىغان مەبلەغلىرىنىڭ كۆلىمىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەتلەر ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل يوسۇندا خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىنى ئىقتىسادىي ياردەم ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىگە موھتاج بولۇپ كەلگەن. شۇنداق ئىكەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق غەربكە كېڭىيىشنى مەقسەت قىلغان بۇ پىلانىدىن خىتاي كۈتكەندەك بىرەر نەتىجىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈش رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.