«Xinjiang Initiative» ھەرىكىتى قوللاشقا ئېرىشمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ۋە ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېرلاردا مۇددەتسىز ھالدا قامالغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ پاجىئەنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق بېسىم شەكىللەندۈرۈش يولىدا نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلمەكتە.

ئاۋسترالىيە ماككۇۋېرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كېۋىن كوررىكونىڭ تەشەببۇسى ۋە ئامېرىكىدىكى داڭلىق قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى، خىتاي قانۇنى تەتقىقاتى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى جېرىمىي كوخەن، ئۇيغۇر تارىخى بويىچە تەتقىقاتچى رايىن سام قاتارلىقلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن قۇرۇلغان «Xinjiang Initiative»، يەنى «ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىش گۇرۇپپىسى» ئەنە شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى. بۇ گۇرۇپپا، ئۇيغۇر ئېلىدە 21-ئەسىردە يولغا قويۇلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر جىنايەت دەپ قارايدىغان ۋە بۇنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ ئەخلاقىي ۋە كەسپىي بۇرچى دەپ قاراۋاتقان بىر قاتار غەربلىك تەتقىقاتچىلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك سادا پەيدا قىلىشنى كۆزلىمەكتە.

مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئاۋسترالىيە ماككۇۋېرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور كېۋىن كوررىكو بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «‹كەلمەسكە كەتتى› دەپ قارىلىۋاتقان بىر پاجىئەلىك تارىخ ھازىرقى كۈندە يەنە تەكرارلىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، بۇنىڭغا دۇنيادىن يېتەرلىك سادا قوزغالماسلىقى، بولۇپمۇ خىتاينى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى{ ئۆزىنى قاتتىق ئويلاندۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلار كىشىنى تولىمۇ چۆچۈتىدۇ. ئۇ بىزگە ئوخشاش خىتاينى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، قۇلاقنى يوپۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان دەرىجىدە ئەمەس. شۇڭا مەن ئىلمىي تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە نېمە ئىش قىلالايمىز؟، دەپ ئويلىنىشقا باشلىدىم. تۇيۇقسىزلا كاللامغا مۇشۇنداق بىر گۇرۇپپا قۇرۇش ئىدىيەسى كەلدى. بىز تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسلىدە بۇ مەسىلىنى چۈشەنمىگەنلەرگە چۈشەندۈرىدىغان، ئاڭلىمىغانلارغا ئاڭلىتىدىغان جىق پۇرسەتلىرىمىز بار. بىز شۇ سورۇنلارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش ھاسىل قىلالايمىز. ئەلۋەتتە بەزى تەتقىقاتچىلاردا مەن خىتاينى تەنقىدلەپ قويسام، خىتاي ۋىزا بەرمىسە، خىتايغا داۋاملىق بېرىپ تەتقىقاتلىرىمنى داۋاملاشتۇرالماي قالارمەنمۇ؟ دەيدىغان ئەندىشىلەر بولدى. بىراق مەن ئاللىقاچان بۇ ئەندىشىلەرنى بىر چەتكە تاشلىۋەتتىم».

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى خىتايدىكى مەسىلىلەرنى ئوچۇق -ئاشكارا تىلغا ئالغان، ساقلىنىپ ياتقان مەسىلىلەرگە تەنقىدىي پىكىر بەرگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ تارىخى، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلاردىن ۋىزا بەرمەسلىك ياكى تۇرۇشلۇق ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بەرمەسلىك قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆچ ئېلىپ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنى جىمىقتۇرۇش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بىراق ھازىر نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ بۇنداق يوشۇرۇن تەھدىتىگە قارىماي، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ئېغىر زۇلۇمغا قارشى ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمەكتە. شۇ سەۋەبلىك نۆۋەتتە «Xinjiang Initiative» غا قول قويغان تەتقىقاتچىلار سانى 190 دىن ئاشقان. دوكتور كېۋىن كوررىكو ھازىر قول قويغان كىشى سانىنىڭ ئەسلىدىكى نىشاندىن كۆپ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يۇقىرىدىكى بۇ تەتقىقاتچىلار ئۈستىدىكى تەھدىتى ھېلىھەم ئۆزگەرمىگەن بىر شارائىتتا ئۇلارنى ئۆزگەرتكەن سەۋەب نېمە؟ كېۋىن كوررىكو بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئالاھىدە ۋەزىيەت» دەپ جاۋاب بەردى:
«مەن بۇ گۇرۇپپىنى قۇرۇش پىكرىنى تېخى ئويلاپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە مېنىڭ كەسىپداشلىرىمدىن بىرى بۇ گۇرۇپپىغا قېتىلىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدى. ئۇ ماڭا ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن پائالىيەتچىلىك ئارىسىدا بىر پەرق بارلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئاكادېمىيە دېگەن پائالىيەتچىلىك ئەمەس» ئىكەن. ئۇنىڭ سۆزى مېنى بەك ئويلاندۇردى. مەن بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئويلاندىم. لېكىن، رايوندا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا قارىساق، شىنجاڭدا بولۇۋاتقانلار بىز خىتايدا كۆرۈشكە كۆنۈپ قالغان كۈندىلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. ئويلاپ بېقىڭ، پۈتكۈل بىر مىللەت مىللىي ياكى دىنى ئېتىقادى سەۋەبلىك قارىلىنىۋاتىدۇ ۋە مۇددەتسىز ھەم قانۇنسىز ھالدا لاگېرغا سولىنىۋاتىدۇ. ھەر ئون ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەم تۇتقۇن قىلىنىپ، كەم دېگەندە بىر مىليون كىشى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولاندى. بۇ ھادىسىنى ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بىر جىنايەت دەپ ئاتىساق ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. مانا بۇ مېنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتتى. ھازىر شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقىنى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئۆزگىرىش. ئەگەر 2012-يىلى بىرى چىقىپ ماڭا ئاشۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ، دېسە مەن ھەرگىز ئىشەنمىگەن بولاتتىم. قىسقىسى، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلار دۇنيانى ئەڭ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە كۆزىتىدىغانلارنىڭمۇ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى. مەن شىنجاڭدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنى ۋىجدانى بار ھەرقانداق بىرى ئىنكاس بىلدۈرسە بولىدىغان ئالاھىدە بىر ئەھۋال دەپ قارايمەن».

مەزكۇر گۇرۇپپىنى قوللاپ قول قويغۇچىلار ئىچىدە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، ئىران ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، تەتقىقات مەركەزلىرىدە خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن ئىلمىي خادىملار، پروفېسسورلار، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار قول قويغان ئىدى. داڭلىق قانۇنشۇناس جەرىمىي كوخېن، ئۇيغۇر تارىخى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرىدىن راين سام، جەيمىس مىلۋارد، شان روبېرتس، مايكىل كلارك، جەيمىس لېيبولد ۋە ئەنگلىيەلىك يازغۇچى نىك خولدستوك قاتارلىقلار بۇلار ئىچىدىكى پەقەتلا بىر قانچىسى ھېسابلىنىدۇ.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىمۇ بۇ ھەرىكەت ھەققىدە خەۋەر تارقىتىپ، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپادىكى ئاكادېمىيە يەنى ئىلىم ساھەسىدە خىتاينىڭ بېسىمى كۈچلۈك ھېس قىلىنىۋاتقان ھازىرقىدەك بىر شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئۆزگىچە ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانلىقىنى، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان قىتئەلەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تونۇلغان پروفېسسورلىرى قاتناشقان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتكە دىققەت قوزغاش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىگە ئىجابىي باھا بەرگەن. كېۋىن كوررىكومۇ رادىيومىز ئارقىلىق يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تور بەت ئادرېسى: xinjianginitiative.wixsite.com