لۈكچۈن ۋە خوتەن ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيا مەتبۇئاتلىرى يالغۇز مەزكۇر ۋەقەلەر توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ بېسىمى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن ئانالىزلارنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئىلىدا ھەربىي ھالەت باشلانغاندىن كېيىن بولسا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئېشىپ باردى.
دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇچۇر ۋە ئانالىزلارنى كۆزەتكەندە، مۇنداق بىر قانچە مەسىلە ئالاھىدە دىققەتنى چېكىدۇ. بىرى، خىتاي پۈتۈن تەشۋىقاتلىرىدا «تېررور ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان بۇ ۋەقەنىڭ ئىشتىراكچىلىرىنى ھېچبىر دۆلەت تېررورچىلار دەپ ئاتىمىدى. خۇددى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مەسئۇلى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندى بۇ ۋەقەلەردە قۇربان بولغان پىدائىيلارغا ئاشكارا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەندەك، نۇرغۇن مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان ئىنسانلار سۈپىتىدە تۆنىدى. ئىككىنچىسى، بۇ قېتىمقى ۋەقەگە دۆلەت سۈپىتىدە ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاشكارا ئىپادە بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ باياناتلىرىدىمۇ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدىغان ئىبارىلەر يوق، بەلكى خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى تەڭشەش تەشەببۇسلىرى بار. ئۈچىنچىسى، خىتاي بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان رۇسىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ مەتبۇئاتلىرى بۇ قېتىم خىتاينى ياقلاش ياكى سۈكۈت قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش سادالىرىنى ياڭراتتى.
خىتايغا بېقىندى ھالەتتە ياشاۋاتقان پاكىستان تېخى يىل ئىلگىرىلا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاق مەيداندا تۇرۇپ قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. فىرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىدا قانات يېيىۋاتقان لۈكچۈن ۋەقەسىگە ئائىت مۇنازىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە، پاكىستاندىكى كۆپلىگەن رادىكال گۇرۇپپىلار بۇ نۆۋەت خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللاش ھېسسىياتىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەن.
«شىنجياڭدا زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ پارتلىشىغا كىم سەۋەبچى؟» ناملىق مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت ئورتاق بىر گەۋدىدىكى ئەڭ يېقىن ھەمراھ ۋە زور ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بولغان قوشنا دۆلەت رۇسىيەمۇ بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە ھېسداشلىق قىلمىغان. بۇلاردىن سىرت، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىچىدە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھېسداشلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش جەھەتتە تۈركىيە دۆلىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. باش شتابى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىۋالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەركىن ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشلىرى يولىدا بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
غەرب مەتبۇئاتلىرىدا 2-ئىيۇلغا قەدەر ئېلان قىلىنغان لۈكچۈن ۋەقەسى ۋە خوتەن ۋەقەلىرىگە دائىر كۆپلىگەن ئاخباراتلاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا يۈرگۈزگەن مىللىي سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈرلۈك بېسىملارنىڭ بۇ رايوندا تېخىمۇ كۆپ قانلىق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
7-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى غەلىبە قىلالمىدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «يېڭى زۇرۈك گېزىتى» لۈكچۈن ۋە خوتەن ۋەقەلىرى توغرىلىق ئېلان قىلغان بىر باش ماقالىسىدە «ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يەر ئاستى قاتلىمىدا بىر يانارتاغ ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ، كىچىككىنە بىر ئۇچقۇنمۇ ئۇنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ» دەپ يازغان. ماقالىدە ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدىكى ئىرقىي ئاداۋەتنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكى، بېيجىڭنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە تايىنىپ بۇ ئاداۋەتنىڭ پارتلىشىنى چەكلەپ قالالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
«شىنجياڭدا زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ پارتلىشىغا كىم سەۋەبچى؟» ناملىق مۇنازىرىدە شۇنداق بايانلار كۆزگە چېلىقىدۇ: بەزىلەر «ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىغا، رومال ئارتىشىغا رۇخسەت يوق، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى يوق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەيدىغان ئىشى يوق، ئىنقىلاب قىلماي نېمە قىلىدۇ؟» دەپ يازسا، بەزىلەر «خىتايلار ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چىقىپ كەتكىنى ياخشى. ئۇلار مەيلى بالدۇر، مەيلى كېيىن بەرىبىر چىقىپ كېتىدۇ. چىرايلىقچە چىقىپ كەتمىسە، زورلۇق بىلەن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ» دەپ يازغان. يەنە بەزىلەر «ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغىنىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما بىگۇناھ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغىنىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ يازغان بولسا، بەزىلەر «شىنجياڭدىكى كۆچمەنلەر بىگۇناھ ئەمەس، ئۇلار خەقنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋېلىپلا قالماستىن، يەنە تېخى گوڭسەنداڭ بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ھەمكارلىشىدۇ» دەپ يازغان. بەزىلىرى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، يەنە بەزىلەر ئۇلارنى «كومپارتىيىنىڭ غالچىلىرى» دەپ ئاتىغان.