2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلار كۆپەيدى. بۇ خىل قارشىلىقلارنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ساقچىخانىلار ۋە خىتاي ساقچى-كادىرلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى شۇنداقلا توقۇنۇش داۋامىدا خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى نەق مەيداندىلا ئوققا تۇتۇشى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
15-دېكابىر كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش ۋە خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ 14 نەپەر ئۇيغۇرنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا 2013-يىلنىڭ يىل ئاخىرىدا يۈز بەرگەن يەنە بىر قانلىق ۋەقە دەپ تەرىپلەندى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۆز خەۋەرلىرىدە 15-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى كېچىدە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن باشقا يەنە 2013-يىلى بىر يىل ئىچىدە رايوندا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىدە، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا تولۇق قوراللانغان خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ پىچاق قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تىرىك تۇتۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق، ئۇلاردىن 14 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ بۇندىن ئىلگىرىمۇ رايوندا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللانغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ،دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن زىيادە كۈچ قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتى نەقىل ئېلىنىپ، 2013-يىلى رايوندا يۈز بەرگەن ھەر قېتىمقى قانلىق توقۇنۇش ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى بەرگەن خەۋەرلىرىدە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەندىن باشقا، ۋەقەنى باستۇرۇشتا زىيادە كۈچ قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. خەۋەردە يەنە دىلشات رىشىتنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ۋە بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
رايوندا داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى ئانالىزلاردا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ،بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، تىل-مەدەنىيەت، قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە رايوندىكى كۆچمەنلەرگە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان چوڭ توقۇنۇشلار تۆۋەندىكىچە:
23-ئاپرېل قەشقەر مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى
2013-يىلىدىكى قانلىق توقۇنۇشلار ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقە 23-ئاپرېل قەشقەر مارالبېشى سېرىقبۇيا بازىرىكى 21 ئادەم ئۆلگەن قانلىق توقۇنۇش بولۇپ،شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا خىتاي ساقچىلىرى ۋە كادىرلاردىن 15 كىشى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۇيغۇرلاردىن 6 كىشى ئۆلگەن.
ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 23-ئاپرېل مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە ئوخشىمايدىغان باياناتلارنى بېرىشى، ۋەقەنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقە بەرگەن باياناتىدا خىتاينى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشكە، خەلقئارا جامائەتنى مارالبېشى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. مەركىزى بىريۇسسېلدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «23-ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نىڭ مۇستەقىل ئورگانلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.ئۇلار باياناتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنى بۇ ھەقتە ب د ت غا چاقىرىق قىلىشقا ئۈندىگەن.
26-ئىيۇن پىچان لۈكچۈن ۋەقەسى
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى لۈكچۈن توقۇنۇشىدا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىگىلىگەن ئۇچۇردا توقۇنۇشتا 46 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى. لۈكچۈندىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئۇرايىم ھاجىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن 35 ئادەم ئۆلگەن. ئۇ ئەينى چاغدا ئۆلگەنلەرگە 35 كېپەنلىك ھازىرلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلگەنلەر ئىچىدە 15-20 دەك كىشى خىتاي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. پىچان لۈكچۈن ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ 11 كىشى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
خوتەن خانئېرىق ۋەقەسى
28-ئىيۇن جۈمە كۈنى خوتەن خان ئېرىق بازىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان. ۋەقە ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېنىقلانغان ئۇچۇرلاردىن ۋەقەدە 15 تەك كىشى ئۆلگەن، 50 تەك كىشى يارىلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى خان ئېرىق بازىرىدىكى 400 گە يېقىن يەرلىك ئامما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خانئېرىقتىكى بىر مەسچىتنىڭ ياش ئىمامىنى قولغا ئېلىشىغا، مەسچىتتە ناماز ئوقۇشقا چەكلىمە قويۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پىيادە ۋە موتسىكلىتلار بىلەن خوتەن شەھىرىگە نامايىش قىلىپ ماڭغان.لېكىن،خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى نامايىشچىلارنى يولدا توسۇۋېلىپ ئوققا تۇتقان. خانئېرىق 13-كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ئابدۇللا مەتقۇربان، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ۋەقەدە 10 دىن 15 كېچە ئادەم ئۆلگەنلىكى، 50 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
20-ئاۋغۇست قاغىلىق يىلقىچى ۋەقەسى
20-ئاۋغۇست قاغىلىقنىڭ يىلقىچى كەنتىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا 22 ئادەم ئۆلگەن، 4 ئادەم تۇتۇلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 20-ئاۋغۇست يىلقىچى كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر ئۆيگە يىغىلغان 28 ئۇيغۇرنى ئوققا تۇتقان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئەينى چاغدا رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن، ۋەقەدە 22 ئۇيغۇر ئۆلگەنلىكى، 4 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدە 5 كىشى ئۆلۈپ 38 كىشى يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، كۈندۈز سائەت 12 دىن 20 ئۆتكەندە بىر ئاپتوموبىل، تيەنئەنمېن راۋىقى ئالدىكى رىشاتكىغا قاتتىق سوقۇلغان ۋە رىشاتكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پىيادىلەر يولىدىكى كىشىلەرگە ئۇرۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.